مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: aybarqn

سۈنئىي ھەمراھتىن ساقىغان سۆيگۈ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100224
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 7095 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 02:10:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىرىپ يەنە چىقىپ كەتتىم...قۇرۇق قوللا ....

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       ئۈن دىدار -يەنە بىر قېتىم ئەسقاتتى!

             تاڭ ئاتقۇچە ئۇنڭغا تويماي قاراپ،چاچلىرىنى سىلاپ ئولتۇردۇم.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ماڭا بولغان قىزىقىش ئالامەتلىرى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.تاڭمۇ ئاتتى،بىز خوشلاشتۇق،بىر-بىرىمىزدىن تولىمۇ تارتىنپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئايرىلدۇق.ئەتىسى ئۇ ئاتا-ئانا دىدارىنى ئزدەپ قەشقەرگە،مەن رەسمىيتىمنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىستىقبال ئىزدەپ بېيجىڭغا ماڭدۇق.ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ دېڭىز سۈيىدەك تىنىچ ئۆتكەن تۇرمۇشۇمنىڭ ئەمدى دولقۇنلاۋاتقىنىنى،كىيىنكى كۈنلىرىمنىڭ كۆرەش قىلىپ ياشاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.ئاھ ، قىسمەتلىرىم مىنى مۇشۇنداق ئۇچۇرۇپ يەنە قەيەرلەرگە ئېلىپ بارارسەنكىن تاڭ؟
                        رەسمىيەتلىرىمنى ناھايتىمۇ ئوڭۇشلۇق پۈتتۈردۈم،ھەپتە ئىچىدە قايتىپ كەلدىم.بۇ جەرياندا پەقەت بىر قېتىملا تىنىچ-ئامان بارغىنىمىزنى سورىشىپ ئەھۋاللاشتۇق كىيىن ئالاقىلاشمىدۇق.لېكىن بۇ بىر ھەپتىنى قانداق ئۆتكۈزگۈنۈمنى بىلمەيمەن،قايتىپ كەلگەن كۈنى دوسلىرىمنىڭ زورى بىلەن ئوينىغىلى باردۇق شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدىم ،ئەزمەمنى ئېزىپ خەت يېزىپ ئولتۇرغىچە دەپ دەرھال تېلفون قىلدىم.ئەھۋال سورىشىپ كەچتە كۆرىشىدىغان بولدۇق.شۇ ئارىدا ئېكرام تېلفون قىلدى ،ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن تېلفوندا كۆرۈشتى،ھەممەيلەن بىلەن بىرەر قۇر سۆزلىشىپ بولۇپ تېلفوننى سىرتقا چىقىپ ئېلىشىمنى ئېيتتى.تولىمۇ خوشال ئىكەنلىكىنى،پات ئارىدا كىلىدىغىنىنى،توي قىلساق ماڭا مەڭگۈ سادىق بولىدىغىنىنى،كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغىنىنى،مەندەك ياخشى ،قابىلىيەتلىك،ئەخلاقلىق،ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئۆزىدىن باشقىغا نەزىرىنى سېلىپ باقمىغان غۇبارسىز ھەمراھقا ئېرىشكىنى ئۈچۈن چەكسىز پەخىرلىدىغىنىنى ئېيتتى.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈزۈم قىزىرىپ ،ئۆپكەم ئۆرۈلدى.ئۈن دىداردىكى ئۇنىڭ قاچان قايتىسىزساقلاۋاتىمەن دىگەنگەپلىرىگە قارىماي يۈرۈكۈمگە تاشنى قويۇپ ئۆيگە قايتتىم......
                   ئەتىسى بىر كۈننى چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىكتە ئۆتكۈزدۈم،ئىچىم سىقىلىپ چىدىيالماي كەچتە سۇ ئۈزگىلى يۇيۇنۇش ئورنىغا باردىم.دوسلىرىم بىلەن بىللە خېلى كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى،مەسلىھەتلىشىپ قونۇپ قالماقچى بولدۇق.سۇ ئۈزدۇق،بەدەن چېنىقتۇردۇق،تاماق يىدۇق.تولىمۇ كۆڭۈللۈك لېكىن خىيالىم يەنىلا ئۇنىڭدا....سائەتكە قارىدىم،كىچە سائەت ئىككى بولغان ئىدى.بىر خەت يېزىپ باقاي بەلكم ئۈن دىدارنى تاقىۋەتتى ۋە ياكى بۇ چاغقا ئۇخلاپ بولدى،بەرىبىر جاۋابى كەلمەيدۇدەپ ئۆز-ئۈزەمنى ئالداپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم:
-ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ؟-دىگەن خېتمغا دەرھال جاۋاپ كەلدى،ئۇ تېخى ئۇخلىماپتۇ.
   -تۆنۆگۈن تېلفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى دىدىم مەن يالغان ئېيتىپ.
   -ھازىر سىز نەدە؟
   -يۇيۇنۇش ئورنىدا.
   -مەن بارايمۇ؟
   -ياق ،مەن يالغۇز ئەمەس،دوسلىرىم بار.
   -يەنە كۆرۈشەلمەيدىكەنمىزدە؟-ئاھ يۈرۈكۈم ئىگىسىنىڭ بۇ گەپلىرىگە قانداقمۇ چىدىسۇن،دەرھال جاۋاپ قايتۇردۇم:
    -ياق ،كۆرۈشەيلى،-ئىكرامغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن پىكىرىگە بويسۇندۇم.
    -مەن يېنىڭىزغا بارمىسام،بۇ كىچىدە نەدە كۆرىشىمىز؟
    -سىز نەدە؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
    -مەن ئۆيدە،ئەگەر باشقىچە ئويلىمىسىڭىز ئۆيگىلا كىلەمسىز يا،سىز بار يەرگە يېقىن؟-ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن تۇرۇپلا قالدىم.دىمىسىمۇ بۇ چاغدا نەگە بېرىش مۇمكىن،بېرىشقا ماقۇل بولدۇم.ئۈن دىداردا تونۇشقان بۇ ناتونۇش يىگىت ماڭا ئاجايىپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەرگەنىدى،دوسلىرىمنى ئۇنى -بۇنى دەپ ئۇخلىتىپ تەييارلىقلىرىمنى پۈتتۈرۈپ سائەت تۆت بولغاندا ئۇ دەپ بەرگەن ئادرس بويىچە ئۆيىنى ئاسانلا تېپىپ بېرىۋالدىم،بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماڭا بىر نەچچە قېتىم تېلفون قىلغىنىدىن تولىمۇ خوشال ئىدىم.
              ئۆيگە كىرىشىمگە ئۇ چىكىلداپ كەتتى،يەنىلا بىر-بىرىمىزدىن تارتىنىپ ئارانلا ئولتۇردۇق.ئۆيىدە قونۇپ قالدىم بەلكىم باشقىچە ئويلاردا بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن ،خاتالاشماڭ ،ھېچنىمىگە مەجبۇرلانمىدىم،ئۇ نىڭ ئەنە مۇشۇ تەرىپىنى ياقتۇراتتىم،گەپ-سۆزنىمۇ ئۇ پەقەت بىرلا قېتىم قىلاتتى قايتا تەكرارلىمايتتى ياكى ئۆزپىكرىنى تاڭمايتتى،شۇڭا ئۇنىڭ قېشىدا ئۈزەمنى تولىمۇ ئەركىن ،بىخەتەر ھىس قىلاتتىم.
                     پاراڭدىن،ئوتلۇق بېقىشلار،ئوتلۇق بېقىشلاردىن،قوچاقلاشلار ھەممىسى ئىختىيارىم بىلەن....ئۇنىڭ باغرىدا ئېرىپ كىتىۋاتاتتىم،ئۇنى چىڭ قۇچاقلايتتىم ،توختىماي سۆيەتتىم،ئۇ مىنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ساراڭلارچە ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمىگەچكە ھەيرانلىق ئىلكىدە ماڭا بويسۇناتتى.كەل ئومىقىم،،يېقىنراق كەل،سىنى باغرىمغا بېسىۋالاي...بىرنى بولسىمۇ ئارتۇق سۆيىۋالاي..تەغدىر بىزنى ئۆمۈرلۈك جۈپلەردىن قىلماپتۇ ياكى تونۇشتۇرماي قويماپتۇ..ئەمدى مۇشۇنداق تەستە ئۇچراشتۇرغاندا بولسىمۇ چاچلىرىڭنى سىلىۋالاي...ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالاي....كەلگىن ئامرىقىم...................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 786 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۇگەپ كەتتىغۇ

ياخشىلىق قىل قولوڭدىن كەلسە
                 --------- مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىردىن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15859
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6824 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بىرقىسىم بوپ قالدىميا ....

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    ئۈن دىداردا -ئالدامچىلىق قىلغانغا تويە!

            ئەتىسى چۈش بولغاندا ئالدىراپ دوسلىرىمنىڭ يېنىغا چاپتىم،يەنە شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە يەردىن ئۈستۈن قارىيالماي خوشلاشتۇق.تاڭ ئاتقاندىن بېرى تېلفونۇم دەششەت يۈزۈمنى قىلدى،ئىشقىلىپ مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تېلفون ئۇرۇپ چىقتىغۇ دەيمەن.ئۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ بەكلا نومۇس قىلدىم،ئۇنىڭ ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتىم.مانا مۇشۇ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كىيىن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم،ئۇ بىر مىنۇتمۇ خىيالىمدىن كەتمەيتتى،گەرچە يالغۇز يۈرسەممۇ خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم،ئۇخىياللىرىمدا بولسىمۇ ماڭا ھەمراھ بولمىغىنىدا ئۇنىڭسىز ھەرگىزمۇ ياشىيالمايتتىم.
                 چوڭلارنىڭ ئۆي زىننەتلەشكە چۈشكىنىگە قاراپ توي قىلىدىغىنىم يادىمغا كەلدى،توي كۈنىنى بىكىتتۇق،ئىكرام مىنىڭ كەسپىمنى كۆزدە تۇتۇپ بىر كۈندە قوش خوشاللىق بولسۇن ھەم ئەھمىيەتلىك بولسۇن دەپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى،ھەممەيلەن قوشۇلدى.مانا مىنىڭ توي كۈنۈم يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى...ئەمدى قانداق قىلاي،بۇ ئىشلارنى كىمگىمۇ دەي،مۇشتەك يۈرىكىم بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى.ئامالسىز تەقدىرگە تەن بەرمەكچى بولدۇم،مەن ئۈزەمنى باشقۇرالمايمەن،ئۇماڭا قارىمىسىلا باشقا ئامال قىلالمايتتىم،جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ غورورۇمنى يەرگە ئۇرمايتتىم.ئۇ تېخىمۇ شۇنداق ئىدى،ئەگەر مىنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى ئۇقسا ماڭا ھەرگىزمۇ قارىمايتتى.

             يۈرىكىم بىر  ساڭا سوقسىمۇ ئۇزاق،
            تەغدىرىم بۇرۇنلا قۇرغانكەن توزاق.
           سۆيسەممۇ سىنىلا دىلىمدىن شۇنداق،
           تەڭرىمنىڭ بەرگىنگە ئېرىشتىم بىراق.

                     مەن تەن بەردىم،28يېشىمدا يولۇققان تۇنجى سۆيگۈمدىن،يۈرەك تارىمنى چەككەن ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن،جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئومىقىمدىن ۋاز كىچىپ تەغدىرنىڭ پىشانەمگە پۈتكەن توغرا قىسمەتلىرى بويىچە ياشاشقا تەن بەردىم.ئۇنىڭغا يۈزتىرانە مۇھەببەت ھىكايەمنى سۆزلەشتىن خىجىل بولۇپ ئىككى يىل بۇرۇن ئىكرام بىلەن توي خېتىگە چۈشكەن رەسىمنى ئۈن دىدار بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويدۇم.بۇنى ھەممە دوسلىرىم كۆرەلەيتتى،بارلىق دوسلىرىم ماڭا خوشاللىق ۋە بەخت تىلىدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭمۇ ماڭا بەخت تىلەپ قالدۇرغان ئۇچىرىنى تاپشۇرۋالدىم....
               قان قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدىم،ئىچىم ئازاپتىن ئۆرتىنىپ تولغىنىپ كەتتىم.ئاھ تەڭرىم،ماڭا بۇنداق تەڭسىزلىك قىلغۇچە جېنىمنى ئالساڭچۇ؟ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ماڭا بەخت تىلەپ يازغان خېتىنى كۆرسەتكىچە كۆزلىرىمنى كور قىلساڭچۇ؟ئاھ زىمىن ،پۈتۈن جىسمىم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بولغۇچە،ئۇنىڭ ئالدىدا ئىزا ھەم نۇمۇستىن يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلغۇچە مىنى قوينۇڭغا ئالساڭچۇ؟
      ئاھ،،رەھىمسىز تەغدىر،،،،  9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى ماڭا توي كۈنۈم ئەمەس ،مۇسىبەت كۈنۈم قىلىپ ئېپكەلسەڭچۇ؟



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15932
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13316
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆھۈم ئۆھۈم  پېقىرمۇ مۇشۇ ئۈن دىدار بىلەن ھەپىلەشكۈچىلەرنىڭ بىرى  ئىدىم. مۇشۇ ھەقتە قاتتىق بىر مەيدان تىراگدىيە يۈز بىرىش مۇمكىنچلىكى بولغان مۇنۇ ھىكايەتنى كۆرمەي قالغىلى تاس قاپتىمەن. داۋامىنى داۋاملاشتۇرۇڭ، يېزىشقا ئالدىرماڭ، يۈز بەرگەن  ئەھۋاللار مۇقۇملاشقاندا ئاندىن يېزىڭ ھە....  كىين ئۆزگەرتۋەتسىڭىز ما كاللا ئۇماچ بۇپ كېتىدۇ.

(سىزنىڭ يېزىقچلىق قابىلىيتىڭىزگە قايىلمەن)

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        ئۈن دىداردا-ئۈنسىز كۈنلەر

                      قورقۇنۇچلۇق كۈنلەر مانا مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى،ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بەلكىم ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەن ئۈچۈن ئۇنىڭسىز كۈنلەرنىڭ ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىڭىز ھەقاچان.  ساقلىدىم،ھېچ خەۋەر يوق،ئامالسىز ئۈن دىداردا ئۇچۇر يازدىم جاۋاپ يوق،ئىزلىدىم ئىز دېرىكى يوق،تېلفوننىمۇ ئالمىدى .قويغان تۇتقىنىمنى بىلمىدىم،تەتىل كۈنلىرىم بولغاچقا خىزمەتنىڭ بېسىمى يوق ئىدى،بىراق خىزمەت ۋاقتىمدىمۇ بوش ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىككىنچى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  روھىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.بۇ مۇھەببەت مىنى ئۆزىگە شۇنچىلىك قارىتىۋالغان ئىدىكى كەسپ بىر ياندا قېلىپ ئۆزەممۇ ئۆز ئىسىمدىن ئۇنتۇلغان،تاماقمۇ زەھەر،دوسلىرىم دۈشمەن،ئۇيقۇدىن بىدار،ھەممىدىن بىزار،پەقەت بىر ئۇنىڭغىلا ئىنتىزار،مۇھەببىتىگە زار،بىر كۆزۈشكە خار بولۇپ كەتكەنىدىم.
                 ئازراق غەيرەت قىلىپ ئۆزەمنى ئوڭشاپ بۇرۇنقى ئۇسۇلۇم بويىچە كەسىپتىكى قابىلىيتىمنى نامايەن قىلىپ ئۆزەمگە تەسەللى ئىزدىمەكچى بولدۇم،بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قەلەم تۇتقان قوللىرىم ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن شېئر يېزىشقا كىرىشتى:

                             جىسمىمغا قالدۇرغان ھىدىڭنى پۇراپ،
                             ئۆتكۈزدۈم كۈنلەرنى يولۇڭغا قاراپ.
                             كەلمىسەڭ تەييارمەن ساچىمنى تاراپ،
                             بېرىشقا ئالدىڭغا مۇھەببەت سوراپ.

                             ئوتۇڭدا قىينىلىپ ئازاپ چەككۈچە،
                             كۆرەلمەي ۋەسلىڭنى خازان بولغۇچە.
                            سىنىڭسىز بۇ ھالىم يامان بولغۇچە،
                            باراي مەن يېنىڭغا مۇھەببەت سوراپ.

                            ئۇنتۇشقا ئامالسىز سۆيگەنلىرىڭنى،
                            قانداقمۇ يوشۇراي كۆيگەنلىرىمنى.
                            رازىمەن بېرىشكە ئالساڭ جېنىمنى،
                           جان ئاتاپ كەلدىمغۇ مۇھەببەت سوراپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aybarqn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 05:00 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 100 1

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      ئۈن دىداردا-ئۈنسىز لېكىن ئازاپلىق كۈتۈش

           سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىش ئازابىنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى ،كۈتۈشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا چوڭقۇر ھىس قىلماقتىمەن.بۇرۇن مۇھەببەتنىڭ كەينىگە كىرىپ چۈشكشنلىشىپ كەتتىڭ،ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۈچۈن ئىستىقبالىڭغا ئاساس سالىدىغان ياخشى ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزىۋەتتىڭ دەپ تىللاپ دەككىسىنى بەرگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ،دوستلىرىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ،ئاداش،مىنى كەچۈرگىن ،مەن خاتا قىپتىمەن،سەن شۇ چاغلاردا مىنىڭ قوللىشىم ھەم تەسەللىرىمگە مۇھتاج ئىكىنسەنتۇق،ئەكسىچە مەن سىنى تېخىمۇ قىيناپتىمەن مىنى كەچۈر دەپ خاتالىقىمنى تۇنۇغۇم،،ئۇنى زادى قانداق ئۇنۇتقانتىڭ،شۇ چاغلاردىكى جان ئالغۇچى ھەسرەتلەرگە قانداق چىدىغانتىڭ دەپ سورىغۇم كىلىۋاتاتتى.شۇ تاپتا ئىككىلى تەرەپ خالىغان چىن سۆيگۈنىڭمۇ ئۆز ئىستىقبالىغا سېلىنغان مۇھىم ئاساس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىۋاتاتتىم.
                  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مىنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمىگىنىنى،تېزلا مەندىن يىراقلاشقىنىدىن ھىس قىلىپ يەتتىم.ئەلۋەتتە مەن يا قارشى تەرەپ بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان پۇل بولمىسام...لېكىن ئۇمۇ پۇل ئەمەسقۇ،مەن ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا كۈيۈپ قالغان ھەقىقەت ئۇ مەن ئۈچۈن ھېلىغۇ پۇلكەن بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىدىن سۈيۈملۈك.ئۈزەمنى ئاشىقسىز مەشۇقتەك تولىمۇ بىچچارە ھىس قىلدىم،كۈتۈش ئازابىغا بۇ ئازاپ قوشۇلۇپ مىنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە ئىدى.ياق ، بۇنداق بولسا ماڭا ئادىل ئەمەس دىگەن خىيال بىلەن يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم.
                -بىز ئەمدى ئىزدەشمەمدۇق؟-ئۇزۇن ئۆتمەيلا جاۋاپ كەلدى:
       -ياقەي،بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ قالدىم،شۇڭا ئۈن دىدارنىمۇ ئاچمىدىم،-ھە،ئەسلىدە مۇنداقكەندە ،ئوشۇق خىياللارنى قىلىپ كەتتىممۇ قانداق دىگەن ئوي بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇردۇم:
      -سىزنى ئىزدەشتە باشقا مەقسەتمۇ يوق ،بۇ يەردە تۇرىدىغان كۈنلىرىم بەكلا ئاز قالدى،مەن ۋەتەندىكى ئاخىرقى كۈنلىرىمنى خوشال ئۆتكۈزسەم دەيمەن ،بىلىسىز،مىنىڭ خوشاللىق ياكى خاپىلىقىم سىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،-دىدىم مەن ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۈزەنگىدىن چۈشمەي.
            -بىلىمەن،مەنمۇ سىزنى خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن،-دىدى ئۇ ئۇلاپلا.
                    ئۇنىڭ بۇ سۆزى نەچچە كۈندىن بۇيانقى كۈيۈك يارامغا سۈركەلگەن مەلھەمدەك ئازراق بولسىمۇ  تەسەللى بولدى،ئاھ ئاشىق سىنىڭ تەلىپىڭ نىمە دىگەن ئاددىي،بىراۋنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولساڭمۇ،ئۇنىڭ كىچىككىنە تەرىپىدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ تەسەللى تاپىدىكەنسەن،ئاھ،مۇھەببەت سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ،ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن كىشنىڭ ئوچىغىدا ئوتۇن كەبى كۆيۈپ ئۇنى بىردەملىك خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھاياتىڭنى بېغىشلىيالايدىكەنسەن.ئاھ مۇھەببەت ،مەن ساڭا ئېرىشەلمەي زارلانساممۇ قەلبىمدە ئورۇن تۇتقىنىڭدىن نارازى ئەمەسمەن،بەلكى مىنى مۇشۇنداق مۇھەببەتلىك يۈرەكنىڭ ئىگىسى قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىن چەكسىز مىننەتدارمەن!
                 ئاڭلا ئومىقىم،مەيلى مىنى ياخشى كۆر ياكى كۆرمە،ساڭا بولغان مۇھاببىتىمدىن مەڭگۈ ۋاز كىچەلمەيمەن.ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى كىيىنكى كۈنلەردە بەختىڭ ئۈچۈن ساڭا پىدا قىلىشقا،سەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ئاتاپ قويىمەن.سىنى ياخشى كۆرگىنىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن بەلكى سەندەك ياخشى كۆرۈشكە،بارلىقىنى ئاتاپ سۆيۈشكە ئەرزىگىدەك بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن!
                   بۈگۈن ماڭا ئۇچۇر قايتۇرغىنىڭغا رەخمەت ئامرىقىم،تۇرمۇشىمدىن يوقاپ كەتمىگىنىڭنى بىلدىم،ئەمدى بۈگۈن بىر كىچە بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلاي...سەنمۇ ئۇخلىغىن قوزام....بولسا مەن سىنى چۈشلىرىمدە ياد ئىتىپ تۇرغاندەك،سەنمۇ مىنى چۈشلىرىڭگە ھەمراھ قىلىۋال..........!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12380
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4821 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم! يائاللا ، بەزىلەر مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىدىكەن  كەسىپتىن ، ئىستىقبالدىن ، بەخىت كۆرۈنۈپ تۇرغان تورمۇشتىن.... ئەمما بۇ قىزنىڭ شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە ئىستىقبالنى ئويلاپ بىلىم ئاشۇرۇشقا بىرىشتىن  ۋاز كەچمىگىنىنى كۆرۈپ ئويلاپ قالدىم ! بۇ تەرىپىنى قوللايمەن! ياكى كىيىنچە ۋاز كىچەرمۇ يا ! داۋامىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15859
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6824 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ەنە داۋامىي باما ؟  تىزراق يىزىڭ تەقەزا قىلماي ،....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptap104 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 08:19 PM  


ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش