ئۈن دىدار-غېرىپجان قېنى؟
كىچەچۈش كۆرۈپتىمەن ،چۈشۈمدە ئۇنى غېرىپجان دىگۈدەكمەن،ئۈزەم سەنەمجان ئىكەنمەن.يول ئۇزۇن سەپەر مۈشكۈل بولغاچقا brtغا ئولتۇرۇپ غېرىپجاننى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغۇدەكمەن.يولدا توي قىلماقچى بولغان لايىقىم ئىكرام ئابدۇللا شاتىرىغا ئايلىنىپ قەدەمدە بىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلارمىش،باتۇرbrtنىڭ شوپۇرى مىنى مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن brtنى قەھرىمانلارچە ھەيدەۋاتقۇدەك.نۇرغۇن جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ غېرىپجاننى قىزلار بىلەن ھاراق ئىچىپ تاڭسا ئويناۋاتقان رەڭلىك سورۇندىن تاپارمىشمەن،بۇ خاپىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھوشۇمدىن كەتكۈدەكمىشمەن،غېرىپجان تاڭسا ئويناۋاتقان سېرىق چاچلىق مودا خېنىمنى ئىتتىرۋېتىپ ،<سەنەمجان>دىگىنىچە ئېتىلىپ كىلەرمىش،ئۇنىڭ <سەنەمجان>دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتم...............
ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىككى قولۇمدا يۈزۈمنى توسۇپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.ئاھ،خۇدا ،كۆرگەن چۈشلىرىمنى قارىمامدىغان.ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق بۇ كۈنلەردە روھىي ھالىتىمنىڭ نورماللىقىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم،ئەمدى بۇنىڭغا ياراشتۇرۇپ كۆرگەن چۈشۈمنى قارىمامدىغان!ساق ئادەمنىڭ كۆرىدىغان چۈشىمۇ بۇ ئەمدى،ئۆز-ئۆزەمدىن زېرىكتىم،ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر يوق،خەتلىرىمگىمۇ جاۋاپ يوق بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ماڭا تولىمۇ تەس كىلىۋاتاتتى.غەيرەت قىلاي،ئاتا-ئانام ئۈچۈن،ئىستىقبالىم ئۈچۈن،مىنى ياخشى كۆرگەن،ماڭا ئۈمىد باغلىغان بارلىق ئادەملەر ئۈچۈن بولسىمۇ غەيرەت قىلاي!ھايات شۇنچە گۈزەل،شۇنچە قىسقا.ھاياتىمنىڭ گۈزەل ھەم قىسقا ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىنى بەلكىم مىنى ئاللىقاچان خىيالىدىن چىقىرۋەتكەن،مەن ئوتىدا كۆتۈپ ،سۈيىدە ئاققىنىمغا يارىشا خاپىلىقتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كىلەلمەيدىغان ئاتالمىش مۇھەببەتكە ئاتىۋەتمەي!غېرىپسىز -سەنەم بولۇپ يۈرىۋەرمەي،خۇدا،ئۆز ۋاقتىداماڭا ئۇنى ياخشى كۆرگىلى مۇشۇنداق سادىق يۈرەك ئاتا قىپتىكەنسەن،ئەمدى ئۆز ئەسلىمگە قايتقۇدەك،ئۆز ۋاپادارىمنىڭ كويىغا كىرگۈدەك سەمىمىي تۈرەك ئاتا قىلغىن،،،،سەندىن ئۆتۈنەي!
ئۈزۈمنى رۇسلاپ،چىرايلىق ياسىنىپ سوۋغا -سالاملارنى ئېلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جاپا تارتىپ ئۆي زىننەتلەۋاتقان بولغۇسى قېيىنئاتا-قېيىن ئانامنىڭ يېنىغا كەلدىم.ئۇلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مىنى مىجەزى يوق دەپ بىلەتتى،ئاۋارە بولۇپ كىلىپ يۈرمەسلىكىمنى ھەممە ئىشلارنى جايىدا ئىكەنلىكىنى ،تويغىچە ياخشى ئارام ئېلىشىمنى ،توي كۈنى بىرەر چاتاق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولسا دوختۇرخانىدا يېتىشىمنى ئېيتىپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي قولۇمغا پۇل تۇتقۇزۇپ كەينىمدىن يولغىچە چىقىپ تاكسىغا سېلىپ قويۇپ ئاندىن كىرىپ كىتىشتى.بۇ ئەھۋال مىنى تېخىمۇ قىينىدى،ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسىدىن ۋىجدانىم شۇنچىلىك ئازابلاندىكى،ئىچىمدە ئۇلارغا ئۈنسىز نىدا قىلدىم:<ئانا-دادا،سەمىيمىيەتسىز كىلىنىڭلارنى كەچۈرۈڭلار،ئۇنىڭ ھېچيەرىدە كىسەل يوق ،ئۇنىڭ ئىدىيىسى كىسەل لېكىن سىلەرگە ۋدە بېرەيكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمدى ئوڭشىلىپ كىتىدۇ>....................
شۇنداق قىلىپ ئۆز-ئۆزەمگە قاتتىق ۋەدە بەردىم لېكىن بۇ ۋەدىلىرىم ئۇزۇنغا بارمىدى.بىلەمسىز ئوقۇرمەن،ئۇنى خىيالىمدىن يوقىتىشقا تىرىشقىنىمدا بۇ دۇنيادا ياشىشىمنىڭ ھېچبىر ھاجىتى قالمىغاندەك ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇپ قالدىم.مانا،كەچ ياتاق ئۆيۈمدە ،ئۆزۈمگە تەئەللۇق كىچىككىنە دۇنيارىمدا ئۇنى ئويلاپ ئولتۇرماقتىمەن.....تۇيۇقسىز سېغىنىش ئوتلىرىمنى بېسىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىش خىيالىغا كەلدىم،-دە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سىزىشقا كىرىشتىم...................
شۇنچىلىك مۇھەببەت بىلەن،مۇھەببەتلىك قەلبىم بىلەن،مۇھەببەتلىك قولۇم بىلەن،مۇھەببەتلىك كۆزلىرىم بىلەن سىزىپ رەسىمنى پۈ تتۈردۈم.ئۈزەم سىزغان رەسىمگە ئۈزەم تويماي قارىدىم،رەسىمنى قولۇمغا ئېلىپ باغرىمغا باستىم،يۈزلىرىگە ،كۆزلىرىگە مىھرىم بىلەن سۆيدۈم...قولۇمدىكى رەسىم بىلەن رەسىمدىكى ئۇ مىنىڭ ئىدى،قولۇمدىن ھېچ يەرگە بارالمايتتى.خوشاللىق ھەم ھاياجان ئىچىدە رەسىمنىڭ ئاستىغا تىترىگەن قوللىرىم بىلەن:
-سىز مىنىڭكى!-دىگەن خەتلەرنى يازدىم،خەت ئۈستىگە بىر نەچچە تامچە چۈشۈپ تېخىمۇ يۈرەكنى ئەزگىدەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇ تامچىلار مىنىڭ -كۆز يېشىم ئىدى............