مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: genius220

ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەقلىيەلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 08:14:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  <ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق دېگەن>  كىتابتىن ئېلىندى.

===========================================

بۇ  كىتاپ   مەندە  يوقكەن  ، بۈگۈنلا   سېتىۋالاي  .
تېما  ئىگىسىنىڭ  ، ياخشى بىر كىتاپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگىنىگە  رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 10:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
JAHANGIR.123 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 02:33 AM
ئابدۇقادىر جالالىدىننى دىيارىمىزدىكى 1-نومۇرلۇق د ...

دوستۇم سىز بەك ئالدىراقسانلىق قىلىپ باھا بېرىپ قويدۇڭىزمۇ قانداق؟ ئا بدۇقادىر جالالىددىن  ئەپەندىمنى سىز تىخى چۈشەنمەيدىكەنسىز، بۇ پەيلاسوپنىڭ قىلغان نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز بەلكىم بۇنداق دىمەستىڭىز  ،بۇ زات ھەم پەندىمۇ ھەم دىندىمۇ يىتىشكەن ئىستىداتلىق كىشى،بەلكىم سىز دىگەن تىما بويىچە ئەسەر يازماسلىقى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى بولۇشى ۋە ياكى ئالىمىمىزنىڭ باشقا ئويلىغىنى بولۇشى مۇمكىن. بىز يەنە بۇ ئالىمىمىز نىمۇ ھەرخىل گەپ سۆزلەر بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ قويساق بۇندىن كىيىنكى ئەۋلاتلار بزدىن بەتتەر كۈنگە قىلىشى مۇمكىن

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

ۋاقىت ھەممىگە ھۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21672
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 11:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەقىلىيە  سۆزلىرىنى ئوقىسىڭىز بىر ئەقىل تاپقاندەك بولىدىكەنسىز .تولىمۇ ئىسىل ...

تەختىرىڭدىن زارلانما ئۇ گۇناسىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 12:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھانگىر123نىڭ سۆزلىرى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ .بىز پەلەسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىنى ئۆگنىۋىلىشىمىز ،ئارىمىزدىن پەلەسەپەنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى سەرىپ قىلىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . پەلەسەپە تەبىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ ئومومىي قانونىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ،دىن بولسا ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىر بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ .بىزدىكى بىر قىسىم چىكىدىن ئاشقان رادىكاللارلا بۇ ئىككىسىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ قويىۋاتىدۇ .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76946
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 08:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرخىل قاراش ھەرخىل سېزىم ھەرخىل ئىنكاس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 04:18:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار:
     شەخىسنىڭ ئىمتىيازىغا ۋە ياكى نوپوزىغا ئىگىلىپ كەتمەڭلار. پەقەت ھەققە-ھەقىيقەتكە ئىگىلىمىز. سىلەردىن ئۈمۈدىم چوقۇنغۇچىلاردىن بولۇپ قالماڭلار.
     ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ ئىستىداتىغا بولغان قايىللىقىم سىلەردىن قېلىشمايدۇ. لېكىن، ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن يۈرۈشىپ كەتمەيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان مۇتەپەككۈر -پەيلاسوپ. چاتاق مۇشۇ يەردە. ئۇ، مىللەت سۆيەر مىللەت مۇتەپەككۈرى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆركەشلاۋاتقىنىمۇ مىللەتنىڭ تەغدىرى، مىللەتنىڭ دەرت-ئەلىمى. مىللەتتىن ئىبارەت تار مىللەتچىلىك رامكىسىغا سولىنىپ قالغان بۇ پەيلاسوپىمىز-نىشاندىن ئېزىپ، يۈكسەك مەنزىلگە يېتەلمىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قايمۇقىشلىرى دەۋىر چەكلىمىسىدىن سىرت، يەنە غەيرى ئېقىملارنىڭ دوقمىشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم يېزىقچىلىق، تەرجىمانلىق ھاياتىدا، شەيتانىزىمنىڭ ئىدىيە-نەزىرىيە ئەپسۇنلىرىنى ھارماي تەشۋىق قىلدى، ھەمدە جەمىيىتىمىزنىڭ ئىدىيولوگىيە ساھاسىدە پەيدىن-پەي سېستىمىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىل ۋەزىيەت كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدا تەۋرىنىش، داۋالغۇش ۋە ئارىسالدىلىق پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئاددى تەپەككۈرگە ئىگە ئاۋام مىللەتچىلىك پىرىنسىپلىرى بىلەن ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋېتىدىكى توقۇنىش- زىتلىقلارنى ئاڭقىرالمايدۇ. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ ئاڭ-چۈشەنچىسىدە بۇ خىل دەھرىيلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى پەيلاسوپ چوڭئاملار قاتارىغا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ نوپوزى كىشىلەرنىڭ مەبۇدىغا ئايلىنىدۇ. پەيلاسوپمۇ بىلىپ-بىلمەي ئەگەشتۈرگۈچى ۋە ئەگەشكۈچى مۇناسىۋېتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپىرەك بولىدۇ. ئەگەشتۈرگىچى ۋە ئەگەشكۈچى مۇناسىۋېتى ھىدايەت يولىغا چۈشكەن توغرا ۋە ساغلام ئەقىيدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، ئۇ مۇناسىۋەت ئىگىسىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە زور شان-شەرەپلەرنى ئاتا قىلىشى مۈمكىن. ئەگەرچەندە، ئەگەشتۈرگىچى ۋە ئەگەشكۈچى مۇناسىۋېتى باتىل ئەقىيدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، قېنى سىز دەپ بېقىڭە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بەلكىم، ئۇ مۇناسىۋەت ئىگىسىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك زۇلمەت ۋە خورلىغۇچى ئازاپ ئاتا قىلىشى مۈمكىن.
      ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم بىر مۇنەۋۋەر تەتقىيقاتچى. ئۇ كىرزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى، نىجاتلىق يولىنى-غەرىب دىنسىز مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ غەيرى پەلسەپە ئىدىيە-نەزەرىيىسىدىن قېتىرقىينىپ ئىزدىدى. ئەپەندىمنىڭ ئېرىشكىنىمۇ ئىسلام ئەقىيدىسىگە، مۇسۇلمانلار ئۈممەسىگە پايدىسىز ئىلىملەر بولدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم نەزىرىنى يىراققا سالدى. لېكىن، ھەقىيقەتنىڭ يىلتىزىنى ئېتىقادىدىن ئىزدەشنى بىلمىدى. چىراق تۈۋى قاراڭغۇ، دەيدۇ كونىلار. ئاشۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا جۇلالىنىپ تۇرغان ھەقىيقەتنى كۆرمىدى. دەھرىي پەيلاسوپلار مۇسۇلمان ئۈممەسىگە مەنىۋىي تۆۋرۈك بولالمايدۇ. بۇنداق خىيالدا بولۇشمۇ، ئىنتايىن قورقۇنىشلىق ئاقىۋەتكە سەۋەپچى بولىدۇ. پەقەت قۇرئان-كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلا - مۇسۇلمان پىرقەسىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي تۆۋرۈكى. قىيامەتلىك يېتەكچىسىدۇر.
      دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى سىياسىتى، دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ياخشى نەپلەرنى يەتكۈزىۋاتىدۇ. تور بەتلەردە بولسۇن، ياكى مەتبۇئاتلاردا بولسۇن ئىسلامغا ئائىت، مۇسۇلمانلارغا ئائىت مۇنەۋۋەر-يىرىك ئەسەرلەر  نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى بىر قەدەر سېستىمىلىق تونۇشتۇرىلىۋاتىدۇ. دىيارىمىزدىكى پەيلاسوپ-مۇتەپەككۈرلىرىمىز بۇنى بىلمىگەن يەردە ئەمەس. ئات تاپقۇچە ئىشەك مىن. قامچى تاپقۇچە مۇشتلاپ مىن. دەيدۇ كونىلار. تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى پىششىق بىلىدىغان پەيلاسوپلىرىمىز ئەنئەنىچىلىك قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن تەپەككۈر قىلمىقى زۆرۈردۇر. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم ئۆزىدىكى بار بولغان ئىستىدات ۋە تالانتى بىلەن بۇ ساھادە ئىزدەنسە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزگەن بولاتتى. مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك. تامامى پايدىسىز ئىلىملەردىن ۋاز كېچىپ، ئازغۇن ئىدىيە، باتىل ئەقىيدە ۋە گۇمراھلىق يولىدىن ئادا-جۇدا بولىشى كېرەك. پەيلاسوپ ئەپەندىم ھېچ بولمىغاندا، تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئەندىزە قىلىپ، مىللەت مۇتەپەككۈرىدىن ئىسلام مۇتەپەككۈرىگە سەكرەشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى-ئاللاھ نىڭ ھىدايەت قىلىش-قىلماسلىقى بىلەن نەتىيجىلىنىدۇ. دىيارىمىزدىكى مۇتەپەككۈر-پەيلاسوپلار پانىيدا يازغان-سىزغانلىرىڭ باقىيدا زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئىسپاتلىق ھۆججەتلەر توپلىمىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.
       ئۇيغۇر مېنىڭ دۈشمىنىم ئەمەس. ئورتاق دۈشمىنىمىز -شەيتانىزىم ۋە ئۇلارنىڭ شايكىلىرى. مېنىڭ دۈشمىنىم ئۇيغۇر ئەمەس، رادىيكال مىللەتچىلىك. رادىيكال مىللەتچىلىك جاھاندىكى پىتنە-پاساتنىڭ خام-ئەشياسى. ئىسلام پىرىنسىپلىرى ھازىرقى زاماندا مودا بولۇۋاتقان مىللەتچىلىك پىرىنسىپلىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ. قارشى نۇقتىدا زىتلىشىدۇ. ئىسلام دىنى مىللەت ئايرىمايدۇ، تېرىتورىيە ئايرىمايدۇ، ئېرقىي-قانداشلىق ئايرىمايدۇ. بارچە مۆئىمىن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر. ئازماس ئاللاھ. ھەربىر كىشى تەنقىدكە مۇھتاج بولغىنىدەك، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىممۇ تەنقىدكە مۇھتاج. مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن[ھازىر ئۇ زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايمەن] بەزىبىر قاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئېتىقادىمىزغا، ئەقىيدىمىزگە مۇخالىپ ۋە زىت كېلىدىغان بىر قىسىم پىكىر-بايانلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ سورۇندا ئوپېراتسىيە قىلىشنى راۋا كۆرمىدىم. ئىنشائاللاھ. بىر ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىمەن، بەندىدىن تامايىم يوق.
       «زورو-ئاستېر مۇنداق دەيدۇ»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دېگەن»، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن».
       غەرىب پەلسەپىسى-تارىخنى غالىبلار يازىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم ئۆزىنى غالىبلاردىن ساناپ، تارىخنىڭ يېڭى رىسالىسىنى ئاچتى.
      ئالىملارنىڭ ئۇستازى بولغان شەيتان تەكەببۇرلۇق-كىبىرلىق قىلىپ، جەننەتتىن قوغلاندى. ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغىنى«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن».................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 04:44:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 12:32 PM
جاھانگىر123نىڭ سۆزلىرى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ .بىز پەلەسەپ ...

   تىۋېلغا ئەپەندىم:
   دىن روھنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ئەمەس. دىن[ئىسلام دىنى]-ئىلاھىي ھۈكۈم. ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي پەنلەردىكى مۇجمەللىكتىن، نۇقساندىن، پىتنە-پاساتتىن پاكتۇر-ساپتۇر. ئىسلام دىنى- ئۇ بىر ھەقىيقەتلەر قامۇسىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 04:55:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BBC يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 03:17 AM
JAHANGIR.123

پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ماۋۇ (جاھانگىر123) تەك ئەقلى ...

     ب ب س. ئەپەندىم:
     ئاچچىققا ھاي بېرەيلى. مۇنازىرىدە تەمكىن، سىپايى بولايلى. ئىنكاسىڭىزدا بىر قاتار ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئەھمىيەتلىك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، سىز قويغان سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلساق بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 05:01:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 08:12 AM
JAHANGIR.123

      بۇغالتىر ئەپەندىم:
      مېنىڭ نىشانىم، مەيدانىم ئېنىق. ئىنشائاللاھ، ئاللاھ دىلىمنى ۋە تىلىمنى بىر جان، بىر تەن قىلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 05:04:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
genius220 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 10:57 AM
دوستۇم سىز بەك ئالدىراقسانلىق قىلىپ باھا بېرىپ قويدۇ ...

     غېنىئۇس 220 ئەپەندىم:
     سەمىمىي پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كوپتىن-كوپ تەشەككۈر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش