tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 12:32 AM
بۇ ھەقتە ئىككىمىزنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشىمايدىكەن .مېنىڭچ ...
ئىسلامنى مەلۇم پەنگە تەتبىقلاش ئارقىلىق، ئۇنى ئىدىيولوگىيە كاتوگورىيىسىگە زورمۇ-زور تەۋە قىلىش ئەقىيدىدىكى ئېغىشقا سەۋەپچى بولغىنىدەك، ئەقىيدىدىكى ئېغىشمۇ، ئېتىقادتىكى سۇسلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. قېرىندىشىم دىن [ئىسلام دىنى] ئىدىيولوگىيەگە مەنسۇپ پەن ئەمەس. ئۇ بىر ئىلاھىي ھۈكۈم، ھەقىيقەتلەر قامۇسۇدۇر. جۈملىدىن ئىسلام دىنى ئاللاھ نىڭ دىنىدۇر. ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ چىشى پاتمايدۇ. شەرتسىز ئىتائەت قىلىمىز. ئىسلام دىنى ئاللاھ نىڭ دىنى بولغاچقىلا، ئۇنىڭدا ئىدىيە-نەزىرىيە خاھىشى مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت، ھەقىيقەتلا مەۋجۇتتۇر. ئىسلامغا پەندىن نىسبەت بېرىش- ھەقنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، دىن ئاللاھ قا خاس ھادىسىدۇر. پەن ئىنسانغا خاس ھادىسىدۇر. كىشىلەر تەبىيئەت دۇنياسىدىكى ئىلمىي قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئىجتىمائىلاشتۇرۇپ، پەن سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئاللاھ ئۆزىنىڭ كالامىنى-دىنىنى پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق بەندىلىرىگە يەتكۈززىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-تەپەككۈرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان كالامىنى-دىنىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. شۇڭا، ئىسلام دىنى پەن خاراكتېرىدىن ئادا-جۇدادۇر. پەلسەپە-جەۋھەرلەنگەن ئىدىيە-نەزىرىيە جۇغلانمىسى بولۇپ، ئىنسانلار ئەقىل-تەپەككۈرىنىڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر. شۇڭا، پەلسەپە-ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەلۇم جەمىيەت ۋە ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىدىيولوگىيە سېستىمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۇ، ئىسلامغا بىۋاستە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئىسلام-ئاللاھ نىڭ نۇرى. ئۇ، ھەرقانداق پەن سېستېمىسىدىن مۇستەسنا بولغان، قاراڭغۇ-زۇلمەتتىكى جانغا ئۈمۈد ۋە ئەمىنلىك ئاتا قىلغۇچى ھەقىيقەت نۇرىدۇر.
قېرىندىشىم تېۋىلغا، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئۆتكەن تامامى پەيغەمبەرلەر-بىرلا دىنغا، يەنە ئاللاھ نىڭ دىنى بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلدى. ئارلىقتا پەيدا بولغان دىنلار-ئىنسانلار تەرەپىدىن ئۆزگەرتىلگەن ۋە ياكى ئويدۇرۇپ چىقىلغان ساختا دىندۇر.