مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: genius220

ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەقلىيەلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82425
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 01:41:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىۋېلغا ئەپەندىم:
     «تەۋرات»بىلەن«ئىنجىل»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ھازىر بار-يوقلىقىنى مەن بىلمەيمەن. [ئەڭ بىلگۈچى ئاللاھ]. لېكىن، ھازىرقى «تەۋرات»بىلەن«ئىنجىل» پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىدۇر. بۇنىڭدا شەك يوق. ئاللاھ «قۇرئان-كەرىم»دە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىدۇ. بۇرەدەر، سىز خېلىلا ئەھمىيەتلىك سوئاللارنى سوراپسىز، جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى، مەن ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقمىغان. ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىمۇ ئاللاھ نىڭ كىتابى بولۇشتىن ئىبارەت سۈپەتكە ئىگە. «قۇرئان-كەرىم»دە بايان قىلىنغان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ئادەم-ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ يارىتىلىش بايانلىرى، جەننەت-دوزاقنىڭ ئەخۋالى، ئۆلۈش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، قىيامەت ۋە ھىساب-كىتاب، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش قاتارلىق ھاسىلاتلار ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىكى مۇشۇ ھەقتىكى بايانلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى، «قۇرئان-كەرىم»بىلەن ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئاللاھ نىڭ بارلىق-بىرلىكى، ئاسمان-زېمىن ۋە ئالەمنىڭ ئاللاھ نىڭ بارلىق-بىرلىكىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى ھەمدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرەپىدىن ئەۋەتىلگەن بەرھەق پەيغەمبەرلەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئىلمىنى ئۆز لىرىگە تۈپ پىرىنسىپ قىلغان. «قۇرئان-كەرىم» بىلەن ساماۋىي كىتابلار بىر قىسىم دىنىي ئەھكام-ئەركان جەھەتىدە پەرىقلىنىشى مۈمكىن: بىز ھازىر ئوقۇۋاتقان بەش ۋاق ناماز، جۈمە نامىزى، رامىزان روزىسى، ھەج-تاۋاب، زاكات قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىمىز مەزمۇن-شەكىل جەھەتىدە، ئىلگىرىكى ئۈممەدلەرنىڭ دىننىي پائالىيەتلىرى بىلەن قىسمەن ئوخشاشلىققا ۋە ياكى قىسمەن پەرىقلەرگە ئىگە بولۇشى مۈمكىن. شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، ئىلگىرىكى ئۈممەدلەردىكى تەقۋادارلار بىلەن ھازىرقى ئۈممەدلەردىكى تەقۋادارلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئوبېكتى بىر: ئۇ بولسىمۇ يەككە-يىگانە، تەنھا، ئوخشىشى يوق، تەڭدىشى يوق، باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق، چەكسىزلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قۇدىرەتلىق ۋە ھەممىگە قادىر-ئاللاھ تۇر.
       ئۆز ۋاقتىدا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تەۋرات»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم بايانلارنىڭ «قۇرئان-كەرىم»دىكى بايانلار ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ھەمدە «تەۋرات»نى كۆتۈرگىنىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزىرىغا كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىكى «تەۋرات»نى كۆرۈپ، ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا «تەۋرات»نى ئوقۇماسلىق ھەققىدە نەسىيھەت قىلىدۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ «تەۋرات»نى قولىغا ئېلىپ باقمايدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىستىن مەلۇم بولدىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەدلىرى ساماۋىي كىتابلارنى ئوقۇشتىن چەكلەندى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش