bihlani يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 04:02 PM
مانا ئاشۇنداق ئىلمىي مۇدىرلانى ئوقۇغۇغۇچىلىق ھاياتىم ...
مانا ئاشۇنداق ئىلمىي مۇدىرلانى ئوقۇغۇغۇچىلىق ھاياتىمدا كۆردۈم. ئىلمىي مۇدىرلار ئەمەلىيەتتە كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تولۇق بار ياكى يوقلۇقىنى چىڭ تۇتماي قانداق قىلغاندا ئوقۇنقۇچىلارنى قۇرۇق ئىشنى ئاز قىلىپ ئەمەلىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، ئوقۇتۇش سۈپۈتۈنى ئۆستۈرۈش، قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى شارائىت ۋە پۇرسەت يارتىپ بەرگىلى بولىدۇ..... دېگەنلەرنى ئويلىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەلكىسىدىكى تۈرلۈك تۈمەن ئاقماس، قۇرۇق، بولسىمۇبۇلا بولمىسىمۇ بۇلا ئىشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ ئىلمىي تەدبىر چارىللىرىنى تېپىپ چىقىشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاسرىشى ئۇلارغا كۈيۈنۈشى كېرەك. كۈندە تۆت قېتىم يوقلۇما قىلىپ، مەكتەپكە تۈرلۈك تۈمەن ۋىۋىسكا، شۇئارىلارنى، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى چاپلاپ مارافۇنچە يىغىن ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قول ئىشلىرىنى تولا تەكشۈرۈپ قىلغاننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا پايدىلىق يىرى بولىدىغان بولسا بەزى مەكتەپلەردە ئاللا بۇرۇن چىنخۇا ئونۋىرسىتىتىغا يېتىۋېلىشتىك چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش بولغان بولاتتى.