مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ARKZAT

ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىنداشلىرىم قاراڭغۇلۇقتىن قۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6201
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8515
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1899 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 05:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىنىڭ مەكتەپنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مۇدىر ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى بايان قىلىشى ناھايتىمۇ ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بوپتۇ. تىما ئىگىسىگە رەھمەت!ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بىر دەرس ئاڭلىغاندەك بولدۇم.مەن ھازىرغا قەدەر بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىلىمى مۇدىر دىگەن مۇنداق بۇلىشى ،مۇنداق ئىشلارنى مۇنداق قىلىشى كىرەك دەپ بىرەر باشلىقتىن ئاڭلىمىغان ئۇلاردىن ئاڭلىغىنىم پەقەت بۇيرۇقلا ئىدى.
مەنمۇ بىر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى بۇلۇش سۈپۈتىم بىلەن يۈزۈم ھازىرغا قەدەر قىزىرىۋاتىدۇ،ھەم بۇ تىمىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە 7-8 يىللىق ئىلمى مۇدىرلىق مۇساپەمنى بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتىم .گەرچە بۇ خىزمەتنى ئۆزۈم ئويلىغان مۇشۇنداق قىلسام ئوقۇتقۇچىلارمۇ ،ئوقۇغۇچىلارمۇ رازى بۇلىدۇ،مەنمۇ ئۆزۈمگە يۈز كىلەلەيمەن دەپ قىلىپ كىلىۋاتقان،مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى يىلمۇ يىل ئۈسۈپ خېلى زور ئىلگىرلەش بۇلۇپ ناھىيە بۇيىچە ئالدىنقى 5-دەرىجە ئىچىگە كىرگەب بولسىمۇ ،سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۈرۈپ يەنىلا مەن ئەڭ تۈۋەن سەۋىيەدىكەنمەن دەپ ئويلىدىم.چۈنكى مەنمۇ ئوقۇتقۇچىلىق دەۋرىمدە شۇ ۋاقىتتىكى ئىلمى مۇدىرغا تۈرلۈك باھالارنى بەرگەچ خىزمەت قىلاتتىم لېكىن مەن بۇ خىزمەتنى تۇتقاندىن كىيىن بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مەن ئويلىغاندە ئاددى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.نۇرغۇن ئىشلارنى سىز تىمىڭىزدا كۆرسەتكىنىڭىز بۇيىچە قىلغىلى بولمايدىكەن.مەن مۇشۇ يىللاردا تۈۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىلەرنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
1.يۇقىرىدا ئىدارە باشلىقىدىن باشلاپ تۈۋەندە مەكتەپ مۇدىرى،شۇجىلارغا قەدەر ھەممە ئادەم ھەق گەپ قىلىشتىن قورقۇپ،باشقىلارنىڭ قاپىغىغا قاراپ ئىش تۇتىدىكەن،باشلىقلار نىمە ئىش قىلىڭلار دىسە شۇنى قىلىدىكەن.ئەمىلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇرىدىكەن ،يىڭىلىق يارتىشقا ئىنتىلمەيدىكەن.
2.ئوقۇتۇشقا كۈڭۈل بۆلمەيدىكەن،مەكتەپتە سىياسى جەھەتتە مەسىلە چىقمىسا ھەمدە بىخەتەر بولسا ھەممە ئىش ياخشى بولغان بۇلىدىكەن.
3.مەكتەپ دىگەن ئورۇندا ئوقۇتۇش ئارقىلىق  ئادەم تاربىيلەش ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساس ئورۇندا تۇرۇش كىرەك ئىدى ،بىراق باشقا ئىشلارغا زىيادە كۈڭۈل بۈلۈپ ئاساسى ئىشقا كەلگەندە ھەممىنىڭ بېشى ئاغرىيدىكەن ،زىددىيەتتىن قاچىدىكەن.
4.ئوقۇتۇش خىزمىتىدە باشقۇرغۇچى ئاساسلىق شەخىسلەرگە ئەمەلى نەپ نەخ چىقمىغاچقا مەبلەغ سېلىنمىسى كۆپ بولمايدىكەن.
5.كۈپۈنچى ھاللاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ئادىل باھالاپ چىقىشتا پۇتلىكاشاڭلار كۆپ چىقىدىكەن،ئاخىرىدا ھەق گەپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن بىر تالاي قورساق كۈپۈكى تېلىپىۋالىدىكەنسىز.شۇڭا ھەرقانچە ئىلمىيلىكى يۇقىرى بولغان مۇدىرمۇ ئاخىرى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سىز دىگەندە «ئىلمىى مۇدىر »ياكى «ئىلمەك مۇدىر»بۇلۇپ قالىدىكەن.
6.بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە مەكتەپلەردە شۇجى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورنى تەڭ بولغاچقا كۆپ سانلىق مەكتەپلەردە ئىككى باشلىقنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقماي ئۆزئارا پۇت تېپىشىش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىپ مەكتەپتە خىزمەت ئاقمايدىكەن ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىككىگە بۈلۈنۈپ كىتىدىكەن،زىيان ئاخرى سەبىلەرگە بولىدىكەن.
7.ئىلمى مۇدىر بولغان كىشى خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ ،خىزمەتتە ئۈنۈم يارتىپ مۇئەييەن تۆھپە كۆرسىتىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ھىمايىسىگە ئىرىشسە شۇجى شوجاڭلارنىڭ كۈزىگە سەت كۈرۈنۈپ قالىدىكەن.چۈنكى باشلىقلار ئۆزنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ئۈزىدىن ئۈستۈن بۇلىشىنى ئارزۇ قىلمايدىكەن.
8.«ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈزىدىن،قىز تۇغۇلسا خوتۇنىدىن»دىگەندەك ئىشلا كۆپ بۇلۇپ قالىدىكەن.كۈپۈنچى مەكتەپ مۇدىرلىرى نەتىجە بولسا ئۆزىنىڭ ياخشى رەھبەرلىكى سەپ قارايدىكەن.مەسىلە چىقسا ئىلمى مۇدىرلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ھەمدە مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلالمىغانلىقى دەپ خۇلاسە قىلىپلا ئىشنى تۈگۈتىدىكەن.يەنە مەكتەپلەردە كۈپۈنچى ئەمەلى قىلىدىغان ئىشلارنى ئىلمى مۇدىرلار ئورۇنلاشتۇردىغان بولغاچقا ئىشقا سالىدىغان ئادەمنى ھەممە كىشى ياقتۇرمايدىكەن.گەرچە ئىشلار ھەرقانچە ئىلمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم ھۇرۇن ،ئىش خوشياقماسلارغا ئىلمى ئىشلارمۇ قۇپال تۇيۇلىدىكەن.
مەن گىپىمنى ھازىرچە مۇشۇ يەردىلا ئاخىرلاشتۇراي،يۇقارقىدە ئەمەلى مەسىلىلەر سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ۋىجدانلىق ئىلمى مۇدىرلار نىڭ ئورنىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېنىنى شورايدىغان «مىتە»قۇرۇتلار چىقىۋىلىپ بېرىۋاتىدۇ.يەنە داۋاملاشتۇرسام يەنىلا بىر تالاي قورساق كۈپۈكى بۇلۇپ قالىدىكەنمەن يەنىلا ئەۋلاتلار ھەم مۇشۇ سەھرا بالىلىرى شۇنداقلا ئىگىسى يوق مۇئەللىملەر ئۈچۈن ھەرقانچە قورساق كۈپۈكى بولساممۇ بىر مەزگىل چىداي .
ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم مەن يۇقارقى يازما ئارقىلىق ئىلىمى مۇدىرلارنى ئاقلىماقچى ياكى ئۇلارغا چاپان ياپماقچى ئەمەس مىنىڭ ئەتىراپىمدىمۇ ۋە تۇنۇش ئىلمى مۇدىرلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلىدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ چوڭ سۆزلەپ كىتىدىغان،مۇئەللىمنى ئۇنداق باشقۇرىمەن،مۇنداق قىلىمەن دىگىنىنى مەنمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن،ھەم ئۇلارغا ئىچىمدە ئېچىنىمەن.لېكىن كۆپ سانلىق ئىلمى مۇدىرلار خىزمەتنى ياخشى قىلىشنىڭ يولىنى  ئويلايدۇ لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، 4-دەرىجىلىك باشلىق.مەن ئويلايمەن ئىلمى مۇدىرلىق قانداقتۇ مۇئەللىملەرنى باشقۇردىغان ھۇقۇق ئەمەس بەلكى ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، يۈكىنى يىنىكلىتىپ،خالس تۆھپە قۇشۇش ئاكىتىپلىقىنى قوزغىتىدىغان ،ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان،مىللەت ئۈچۈن بىرقېتىملىق ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋالىدىغان  پۇرسەت.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ARKZAT + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

شام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17578
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7894
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3047 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 11:19:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىلمىي مۇدېرنىڭ  ساپاسى ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر  كۆرسىتىدۇ. لېكىن سامان قورساق، پوداقچى مۇدېرلار  ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە  تازىلىققا، ئارخېپقا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئىلمىي مۇدېرنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمايدۇ.
    بىر مەكتەپتە بىرەر -ئىككى كۈن مۇدېر بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ لېكىن  ئىلمىي مۇدېر بولمىسا  شۇ كۈنلۈك ئوقۇتۇش تەرتىۋىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ .سىنىپلار ئاق قالىدۇ، دەرسلەر تاقىشىپ قالىدۇ، ماتىرياللار بېسىلىپ قالىدۇ.....
     شۇڭا قابىل بولغان ئىلمىي مۇدېرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش كېرەك ۋە ئۇلارغا تايىنىش كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ARKZAT + 33 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش