مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: باھادىر

سوۋىت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئافغانىستان (رەسىملەر)    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82067
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ چاغدىكى روس ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قازاقئىستاننىڭ ياللانما قازاق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى روسلار پەقەت قوماندانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان
شۇ ياللانما قازاق ئۇيغۇرلار نۇرغۇن قىرىلىپ چىقىشە ئاق پىشماقلار دەپ ئاۋغانلارنىڭ ئوقىغا يەم بولغان

تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى قاغىلار قاقئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ بىرئىككىئۈچ ئىتتىپاقلىقكۈچچەيلەپيانچىيمىزدۈشمەنكەلسەدۇچئۆزىنىسورغانشەھەرسوراپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار تىخىچە خەلىقئارالىق ئاڭ - سەۋىيدە ئويغىنالمىدى.

سەنئەتچىلىرىمىز ناخشا- ئۇسسۇلدىن باشقىنى ئويلاپ قويمىدى، سەنئەت ساھەسىدىن بۆسۆپ ئۆتۆپ، سىياسىي ساھەگە قەدەم ئالالمىدى.

زىيالىيلىرىمىز ئايلىق مۇئاشتىن باشقىغا كۆڭۆل بۆلمىدى.  ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىشقا سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى.

دىھقانلىرىمىز ھاشار - ئالۋاڭ، قەرىز تۆلەشتىن،قورساق غىمىدىن بىكار بولمىدى.


بۇ ئۇرۇش بولغان ئىشنى قانچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىز بىلىدۇ.


مىسرانىم مۇنبىرىنى ئاممىۋى سوروندا چوڭ ئىكران ئارقىلىق تەشۋىق قىلسا، قانۇنغا خىلاپمۇ؟


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HENRY + 50
natik + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:01:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈچلۈك كاپىر دۆلەتلەر  ئاجىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە  تاجاۋۇز قىلىپ قىرغىنچىلىق بىلەن بېسىۋالغان بولسىمۇ ، ئاخىرقى غەلىبە يەنىلا مۇسۇلمانلارغا مەنسۈپ بولىۋاتىدۇ ، خۇددى قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغان . ( غەلىبە اللاھقا ،اللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ، ۋە مۆھمىنلەرگە مەنسۇپ )   
دىگەن ئايەت بويىچە  .ئىنشا اللاھ  ئاۋغان مۇسۇلمانلىرىمۇ چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Bilge + 10 ئاQ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:57:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ministir يوللىغان ۋاقتى  2012-7-25 11:34 PM
كاللسىنىڭ ۋىنتىسى بۇشاپ كەتكەن ھاماقەت...ئامىرىكا ئار ...


2003 -يىلى 20-مارت ئامىركا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ئىراقنىڭ قىرغىنچىلىقى زور قوراللىرى بار، شۇنداقلا ب د ت بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ، دېگەن باھانە بىلەن ب د ت ئىراققا بىرلىشىپ ئەسكەر چىقارغان بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغان. ئاپرېلدا گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئامېرىكا-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئىراق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور قوراللار بارلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە دەلىل-ئىسپات تېپىلمىدى.              
ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىندى، لېكىن ئىراق خەلقىنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىشىۋېرىدۇ. توققۇز يىل داۋاملاشقان ئىراق ئۇرۇشىدا، ئىراق خەلقى ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى. يۈز مىڭغا يېقىن پۇقرا قازا قىلدى، نەچچە مىليون كىشى سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار ۋە مال-مۈلۈك چەتئەللەرگە ئېقىپ كەتتى. سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ.   
بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە پۇل مۇئامىلە خېيىمخەتىرى تۈپەيلىدىن، ئىراق ئىقتىسادىدا ھازىرغىچە ياخشىلىنىش بولمىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتا ئىشسىزلىق نىسبىتى %15 كە يەتكەن، تۆتتىن بىر قىسىم كىشى نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ




ئامىركا ئىراقنىڭ ئاساسلىق ئۇل مۇئاسسەلىرىنى ئىغىر دەرىجىدە بومباردىمان قىلىپ بۇ دۆلەت سانائىتىنىڭ ئىغىر دەرىجىدە كەينىدە قىلىشىغا سەۋەپچى بولدى




- يىلى 8- ئايدا ئامېرىكا «بېيبۇۋەن قولتۇقى ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ شىمالىي ۋېتنامنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. 1965- يىلى 3- ئايدا ئامېرىكىنىڭ زور بىر تۈركۈمدىكى دېڭىز ئارمىيە قوشۇنلىرى شيەنگاڭ پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ۋېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا بىۋاستە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى «ئالاھىدە ئۇرۇش» تىن «قىسمەن ئۇرۇش» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ۋېتنام خەلقىمۇ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى.       بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئاجىز، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ يەنە بىر شانلىق ئۈلگىسى بولۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە زور ئىلھام بولدى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇش جەريانىدا 138 مىليارد 900 مىليون دوللار سەرپ قىلدى. ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 56 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى جەڭدە قازا قىلدى. 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يارىدار بولدى. ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمگە يېتىپ، ئامېرىكىنى ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي بوھرانغا دۇچار قىلدى.


ئامىركىنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىقى
ا






1945-يىلى ئامىرىكا ئارمىيىسى ياپونىينىڭ ناگاساكى ۋە خىروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرىشى ئاياغلاشتى، بىراق بۇ ئۇرۇشتا ئۇرۇش قىلغۇچى ياپون ئارمىيىسى ۋە باشقا ئەللەر بولغان بىلەن بىگۇناھ ئۆلگۈچىلەر ياپون ئارمىيىسى ياكى باشقا ئەللەر ئارمىيىسى بولماستىن بەلكى سانسىزلىغان ياپون خەلقى ۋە ياپون باللىرى بولدى ....   
















2004-يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتا جىنايەتچىلەرنى خورلاش سەتچىلىكى ئاشكارلىنىپ، نامى پۇر كەتكەنىدى. يەنە شۇ يىلى ماي ئېيىدا، «نيو يورك ۋاقىتلىق گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭمۇ بۇ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرىنى خورلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارلىغان. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بەش يىل ئۆتۈپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قايتا-قايتا مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن 24-ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئاخىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر پارچە ئىچكى قىسمىدىكى دوكلاتنى ئاشكارە قىلغان، بۇ 2004-يىلى يېزىلغان دوكلاتتا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن بۇيان دۆلەت سىرتىدىكى «قارا تۈرمە» دە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرىنى خورلاشتىكى تەپسىلاتلىرىنى تەپسىلىي خاتېرىلىگەن، گەرچە يېقىنقى يېرىمدەك مەزمۇن قارا سىياھ بىلەن يوشۇرۇپ قېلىنغان بولسىمۇ ئەمما يوشۇرۇنمىغان قىسىملىرى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالايدۇ.

مۇخبىر توردىن بۇ قەتئىي مەخپىي سانالغان دوكلاتنى چۈشۈرۈپ ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش كېيىنكى تەسىراتىنى «ھاڭ-تاڭ قېلىش» بىلەنلا تەسۋىرلىيەلىگەن. بۇ 106 بەتلىك ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستېرلىكىنىڭ دوكلاتى گەرچە نۆۋەتتە ئاشكارە قىلىنغان قىسمى قارا سىياھ بىلەن يېرىمىگە يېقىن مەزمۇنىنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما يوشۇرۇپ قېلىنمىغان قىسمىدىكى مەزمۇنلار قانغا تولغان ھالدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ قانداق قىلىپ قەبىھ جازا ئۇسۇللىرىنى قوللانغان؟ بۇنىڭغا قايسى ئورگانلار مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگەن ۋە باشقۇرغان؟ قانداق جازالاش ۋاستلىرىنى شۇنداقلا سوراق قىلىش پرىنسىپىنى، ئۈنۈمىنى ۋە قانۇنىي خەۋپ قاتارلىقلارنى قوللانغان؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ.
    كۆپلىگەن ئورگان ۋە تەشكىلاتلار جىنايەتچىلەرنى خورلاشقا قاتناشقان
2004-يىلى ئاشكارىلانغان جىنايەتچىلەرنى خورلاش ۋەقەسىدە كىشىلەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئېراققا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي تەرەپ ئاندىن جىنايەتچىلەرنى خورلاشقا باشلىغان دەپ قارىغان. ئەمما بۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىن قارىغاندا، ئېراق ئۇرۇشى پارتلاشتىن بىر يىل بۇرۇن، مەركىزىي ئاخبارات ئىداردى دۆلەت سىرتى تۈرمە سېستىمىسىنى قۇرغان، شۇنداقلا جىنايەتچىلەرگە قاتتىق جازا قوللانغان.
    بۇ ئورگانلارنىڭ بەزىلىرى كونكرېت ئىجرا قىلىشقا، بەزىلىرى «ئالاھىدە قىسىم سوراق قىلىش» تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا، بەزىلىرى قانۇنىي خەۋپنى تەتقىق قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا، بەزىلىرى دۆلەت سىرتىدىكى سوراقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھالدا باشقۇرۇلۇشى ۋە سوراق قىلىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەن.
    جىنايەتچىلەرنى خورلاش ۋاستلىرى بىرلىككە كەلگەن
    مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەت سىرتىدىكى قىيناپ سوراق قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. سوراق جەريانىدىكى جازانى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پىسخولوگىيە ۋە قىيناپ سوراق قىلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يىغىپ، سېستىمىلىق ھالدا ئاتالمىش  10 خىل «قىيناپ سوراق قىلىش تېخنىكىسنى كۈچەيتىش» نى خۇلاسىلاپ چىققان، بۇلار باندىت، ساقچىلارنىڭ كىنولىرىدا كۆپ كۆرىلىدىغان «سىپايە» ھەرىكەتلەردىن تارتىپ جاننى ئالىدىغان «ياۋايى» جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جازا قوللانغاندا جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «كۆيۈمچانلىق» بىلەن ھەربىر خىل جازانى چېگرىسىنى بېكىتىپ بەرگەن:
    بىرىنچى خىل ئۇسۇل: «دىققەتنى چىڭ تۇتۇش»، ئىككى قولى بىلەن جىنايەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ سوراقچىغا يېقىنلاشتۇرۇش.
    ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: «تام دىۋارى تېخنىكىسى» جىنايەتچىنى تارتىپ ئەكىلىپ كۈچ بىلەن تامغا سوقتۇرۇپ، ئۇنىڭ تاغاق سۆڭىكىنى تامغا ئۈستۈرۈش، جىنايەتچىنىڭ گەجگىسىنىڭ يارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بوينىغا لۆڭگىنى چىڭ ئوراپ قويىدۇ.
    ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل: «بېشىنى كونترول قىلىش» بىر قول بىلەن جىنايەتىچىنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ مىدىرلاتماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بارماقنىڭ جىنايەتچىنىڭ كۆزىگە تىگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ.
    تۆتىنچى خىل ئۇسۇل: «يۈزىگە شاپىلاقلاش»، يەنى كاچاتلاش، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئېنىق قىلىپ جىنايەتچىنىڭ كالپۇكى بىلەن قۇلىقىغىچە بولغان ئارىلىققا ئۇرۇشنى بەلگىلىگەن.
    بەشىنچى خىل ئۇسۇل: «قىسىش»، يەنى كىچىك كامىرغا سولاش، جىنايەتچىلەرنى كىچىك ھەم قاراڭغۇ بوشلۇققا سولاپ قويۇپ، ئۇنى مىدىرلاتماسلىق. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كىچىك يەشىككە سولىغاندا ئىككى سائەتتىن، چوڭراق كامىرغا سولىغاندا 18 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى بەلگىلىگەن.
    ئالتىنچى خىل ئۇسۇل: «قۇرت-قوڭغۇز بىلەن بىللە سولاش»، كىچىك كامىرغا سولاشنىڭ ئاساسىدا ئىچىگە قۇرت-قوڭغۇز سېلىپ قويۇش، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قۇرت-قوڭغۇزنى سالماسلىقنى بەلگىلىگەن.
    يەتتىنچى خىل ئۇسۇل: «تامغا تىرەش»، جىنايەتچىنىڭ تامدىن تۆت-بەش ئىنگىلىزچى يىراقلىقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئىككى پۇتىنى كېرەپ قولىنى ئالدىغا سۇنغۇزۇپ، ئىككى تال بارمىقى بىلەن پۈتۈن ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تامغا تىرىلىپ تۇرغۇزىلىدۇ. سوراقچىلار جىنايەتچىلەرنىڭ بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.
    سەككىزىنچى خىل ئۇسۇل: «جىددىيلىشىش ھالىتى» جىنايەتچىلەرنى پۇتىنى ئالدىغا سوزۇپ ياكى تىزلاندۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەينىگە 45 گرادۇس ئېگىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي شۇ ھالەتتە تۇرۇش.
    توققۇزىنچى خىل ئۇسۇل: «ئۇيقۇسىنى تارتىۋىلىش»، جىنايەتچىلەرنى ئۇخلاتماسلىق بىلەن قىيناش، ئەمما پرىنسىپ جەھەتتىن 11 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    ئونىنچى خىل ئۇسۇل: «سۇ بىلەن جازالاش»، جىنايەتچىنى ياغاچ ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ، پۇتىنى بېشىدىن ئېگىز قىلىپ قويۇپ مىدىرلاتماسلىق، ئاغزىغا لاتا تىقىپ قويۇپ ئۈستىگە سۇ چېچىپ جىنايەتچىلەر تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈش، ھەر قېتىملىق نەپەس ئېلىۋىلىش ۋاقتى 40 سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.



ئامىركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بوش تۇتۇلغان مۇسۇلمان گۇماندارلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش لاھىيىسىگەئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويغان


ئەمدى سىزگەكەلسەك منىستىر ئەپەندى ئۇزاقتىن بۇيانسىز ئىنكاسلىرىڭىزدا ئامىركائسلامدىن ئايرىلالماسلىق،ئىسلام ئامىركىدىن ئايرىلالماسلىق دىگەن ئىدىيەدە مىڭىۋاتىسىز قانداق قاراش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى بولسىمۇئامىركىدەك ئەيىش ئىشرەت بۇزۇقچىلىق دۇنياسى بولغان قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرگەن بارغانلا يىرىدە مەسچىت قۇببىلەرنى چىقىپ تۇرغان بۇ  دۆلەتنى ئۇنچۋالا ئاقلاپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن   


يوقالسۇن ئىسلام دۈشمەنلىرى!!! ئامىركا مۇشرىكلىرى بىلەن يەھۇدى خاۋارىجلىرىنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nap--rat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 02:03 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Bilge + 10 شوئار توۋلاڭ.
خەلىفە + 20 دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15947
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7071 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:06:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىنى يەيدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە پۇراقلىق ، ئامىرىكا ، ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ، ئامىركا ياردەم قىلىشنى ئەمەس ، قانداق قىلساق ھۆكىمىران بولامىز دەپ ئويلايدۇ .

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4542 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:59:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ ئۇرۇش دەۋىرگە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرجىمە رومان ئوقۇغان ئىدىم، بەكمۇ ئېچىنىشلىق. ئەمما ئۇ روماننىڭ ئىسمىنى مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولغىچە ئۇنۇتتۇم. ھەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 07:30:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ministir يوللىغان ۋاقتى  2012-7-25 04:34 PM
كاللسىنىڭ ۋىنتىسى بۇشاپ كەتكەن ھاماقەت...ئامىرىكا ئار ...

توغرا دەيسىز، ئامېرىكىمۇ باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ ، بۇ نورمال ئەھۋال ، چۈنكى قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ . بىراق روستەك ئىپلاس ، بولۇپمۇ تار مىللەتچى ئەمەس . روس ئىپلاس ، تار مىللەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن روس ئۇرۇشلىرىغا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۇرۇش قىلىپ بەرگەن ، مۇشۇ ئۇرۇشتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى كۈرمىڭ ، بۇ توغرىلىق كىتاب كىنولارمۇ بار . روس شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە يېرىم دېموكراتىيە يېرىم دىكتاتۇرا ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا روسنى ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ، روسنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۋەتكەنلىك .
ئەمدى بۇنداق دەپ ئامېركا ئەڭ ياخشى دېگىنىم ئەمەس ، بىراق ئامېرىكا ھەرھالدا ئادىمىيلىك تەلەپلىرى ئالدىدا روسنى ئوسال قىلالايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 12:40 AM  


توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. France2006

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 07:47:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 01:57 AM
2003 -يىلى 20-مارت ئامىركا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ...

سىىزدە ماتىرياللار خىلى تولۇقكەن.ئۇنداقتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن ئىلگىرى كيىن  سىتالىن نىمە ئىش قىلدى.سۆۋىت ئاففانىستان ئۇرشىدا نىمە ئىشلارنى قىلدى.سىرىبلار ئالبانلارنى ۋە كىرودىيلىكلەرنى  قانداق قىرغىن قىلدى.رۇسيە كاۋكاز رايۇن خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك قىرغىنچىلىق قىلدى.بۇنىڭغا ئائىت سۈرەتلەر بولسىمۇ يوللاپ قويۇڭ.بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسدە رۇسيەنىڭ قولى بار.
ئەمدى ئامىركىغا كەلسەك ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئايان.ئامىركىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولغاچ سىز يوللىغان رەسىملەردىكى قيىن قىستاقلارنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئەيىبلىدى،ئامىركىمۇ كەچۈرۈم سوردى.ھەم مۇناسىېۋەتلىك كىشىلەرنى سوتقا تارتتى.رۇسيەچۇ؟سېسىق رۇسيەنىڭ قىلغىنى ئامىركدىن 100ھەسسە ئارتۇق.لىكىن بىرەرىنمۇ ئاشكارلىمايدۇ،كىم ئاشكارلىسا ئەتىسى جېندىن ئايرىلدۇ،ئەمىليەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى تارىخى دۈشمىنى سېسىق رۇسيە.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 10:30:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 01:57 AM
2003 -يىلى 20-مارت ئامىركا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ...

يا ئاللا ماۋۇ قىيناش ئۇسۇللىرى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈردىكەن،ھەر بىر ئۇسۇلىنى كۆرگەن ۋە ئوقىغان ۋاقتىمدا شۇ ئۇسۇللارغا ئۆزۈمنى سىلىپ ئويلاپ باقتىم، بۇبىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە روھىنى ياخشى كونتىرول قىلىدىغان رەزىل ئۇسۇللاركەن،بىر قاراشقا تەن جەھەتتىن قىيناش بىر ئاز يەڭگىلدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ بىراق ئويلاپ كۆرسەم ئادەمنى ئىككىلا تەرەپتىن ۋەيران قىلىىدىغان ئۇسۇللاركەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش