nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:57 AM
2003 -يىلى 20-مارت ئامىركا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ...
ئامىرىكا قۇشما شىتاتلىرى دۆلىتىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى بوشلۇقى كەڭ.پۇخرالار خالىسا دۆلىتىنىڭ يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىنى كۇسار قىلىپمۇ كىيەلەيدۇ.بۇ دۆلەتنىڭ ھىچقانداق مەخپىيەتلىكى يۇق.بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئامرىكا ئۆزىدە بار بولغان يادىرۇ قۇرالىدىن تارتىپ ئىخدىسادى سان سىفىرغىچە خەلىقئارا خەۋەرلەر مۇنبىرىدە جامائەتكە ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ.دەرۋەقە 2003-يىلى ئامرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور خىمىيۋى قۇراللار مەۋجۇت دەپ قاراپ ب د ت نىڭ رۇخسىتىسىز ئىراققا جەڭ دۇمبىقى چالدى.ساداممۇ ئالتۇن ساپلىق مىلتىقى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ ئۇق ئاتتى.شۇڭا بۇ ئۇرۇش ئاشكارە ئىلىپ بىرىلدى.شۇ چاغدا بىزمۇ جاھانىدىكى ئىشلاردىن بىلىپ تۇردۇق،دەرۋەقە بىزمۇ ئىراقنى بىر مۇسۇلمان دۆلىتى قاراپ تۇرۇپ ئامرىكىغا يەم بولارمۇ دەپ ئامرىكىغا نەپىرەت بىلەن تىكىلدۇق.جامائەتچىلىكمۇ ئامرىكىنىڭ مەخسىدى ئىراقنىڭ مۇل نىفىت بايلىقىنى ئىگىلەش دەپ قارىدى،بىزمۇ شۇنداق ئىشندۇق. لىكىن ۋاقىت ھامان ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ.ئامرىكا ئىراققا ‹‹تاجاۋۇز››قىلىپ كىرگەندىن كىيىن سادامنى تۇتۇپ خەلىقئارالىق سوتتا ھۆكۈم ئىلان قىلىپ دارغا ئاستى.سادام ھەقىقەتەن مۇستەبىت ئىكەن،نىمىشقا مۇستەبىت دەيمىز،سەۋەبى:سادام ئۆلگەندىن كىيىن نەچچە ئايغىچە ئىراق پۇخرالىرىنىڭ بىر قىسىملىرى تىخىچە سادام ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.بۇ خەۋەرسىز قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇكى سادام ھايات ۋاختىدا ئاخباراتنى قاتتىق مۇنۇپۇل قىلغانلىقى چوڭ سەۋەب.يەنە بىر سەۋەبى:سادام پۇخرالىرىغا غەرىپ مەدىنىيتىگە قارشى تۇرۇش چاقىرىقى چىقارغان،شۇڭا پۇخرالىرى بىكىنمە ھالەتتە ياشىغان.لىكىن سادام ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ئىسىل مۇسابىقە ئاپتىمۇبىلى ھەيدەش،چەتئەلگە ھۆكۈمەت چىقىمى بىلەن ساياھەت قىلىش،تۇرمۇشىغا غەرىپنىڭ ھەشەمەت تۇرمۇشىنى ئىلىپ كىرىش ۋە ھۇللىۋۇدنىڭ كىنولىرىنى كۆرىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.كىيىن ئامرىكا ئىراقتىن قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ سادامنىڭ ئوردىسىنى ئىراق پۇخرالىرىغا كۆرگەزمە ساريى قىلىپ بەرگەن.ئىراق نىفىتىنى ‹‹ئىگىلىۋىلىش››مەخسىدى بولسا يۇققا چىققان.ھازىرمۇ ئامرىكا ئۇتتۇرا شەرىقتىكى ئىراقتىن نىفىت باھاسىنى بىكىتىش ھۇقۇقىنى تۇتقىنى بىلەن نىفىت ئالغۇسى كەلسە ئىراق ھۆكۈمىتىگە بىرلىككە كەلگەن باھا بىلەن پۇل تۆلەپ ئىلىپ كىتىدۇ.بۇ ئامرىكىنى مەن ياخشى دەپمۇ كەتمەيمەن.يۈز بەرگەن سەتچىلىكى بىزگىمۇ ئايان لىكىن روس ۋە بەزى مۇستەبىت دۆلەتكە قارىغاندا يەنىلا ئوغۇل بالىدەكلا ئەركەك ھىسابلىنىدۇ.ئامرىكا ئىراققا بىسىپ كىرىدىمۇ دەيلى،خەلىقلىرى ھازىرغىچە ئۇرۇش ئۇتىدىن قۇتۇلالمىدى،سەۋەبى نىمە:ئامىرىكىمۇ،جاۋابى ياق،مۇسۇلمانلار دەپ قارىلىۋاتقان ئىنساسنىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى سۈپەتلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان رەقىبلىرى يەنىلا ئاشۇ مەزھەپچى مۇسۇلمانلار بولىۋاتىدۇ.ئىنسان قىلىپىدىن چىققان جىنايەتچىلەرنى ئامرىكا ئەسكەرلىرى تۈرمىلەردە ۋە جەڭ مەيدانلىرىدا ئىچىنىشلىق قىيىناقلارغا سالدى.بۇنى بىز ئۆزىمىزدىكى شەرىقلىققە مۇناسىپ كىلىدىغان كاللىمىز بىلەن ئامرىكىنى يامان قاراپ كەلدۇق.بىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى دۇنيا ھاياتلىقى ئامرىكا ياراتقان شارائىتتا داۋام قىلىۋاتىدۇ.ھىچ بولمسا تۇرمۇشىڭىزغا قاراپ بىقىڭ،چاچ سوپونىدىن تارتىپ پەن تىخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان كۇمپىيۇتىر ۋە ئىلغار يانفۇنلارغىچە..........ۋە ھاكازىلار.ئامرىكا ئىراققا بىسىپ كىردى،لىكىن ئىشسىز قالغان ئامرىكا كۆچمەنلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئۇلارغا تاڭغىنى يۇق.ئامرىكا ئافىغانسىتاندا ئۇرۇش قىلغىلى 10 يىلدىن ئاشتى.لىكىن تالبان كۈچەيدىكى مەغلۇپ بولمىدى دەپ قارامدۇق.ئىنىقكى چىرىك ھاكىمىيەت يولىنى تۇتقان كارزىئىي پۇخرالىرىغا ھەقىقى ئىگە بولمىدى يا بىر مۇستەھكەم مەيدانىدا تۇرالمىدى.بىردە ئامرىكىغا بۇي ئەگسە بىردە تالباننى قۇللىدى.ئامرىكا تالباننىڭ خەلىقئارادا ئىش بىجىرىش ئۇرىنى قۇرىشىغا ياردەم قىلدى.ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تالبان كاتىباشلىرىنىڭ دۇنيانى چۈشەنسە جاھىل ۋە ئۇرۇشقاقلىق ئەندىزىسىنى تىنىچلىققا مايىل قىلىشقا ياردىمى تىگەر دىگەن ئۈمىدى باردۇر.ھەم بۇ ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا ئامرىكىنىڭ چوڭ دۈشمىنى روسىيەنى چەكلەش ئىكەنلىكى مەلۇم.روسىيە ئىلگىرى سوۋىت ۋاختىدا ئافىغانىستاندا كۆپ يىل ئۇرۇش قىلغان،لىكىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئافىغانىستان خەلىقىگە ئاستىرىتتىن بەرگەن ياردىمى ۋە جەسسۇرلۇق ئۇرناپ كەتكەن ئافىغانىستان خەلىقىنىڭ باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق سوۋىت ئارمىيسى شەرمەندە بولۇپ چىكىنگەن ئىدى.ئەمدىلىكتە تالبان ۋە بازا تەشكىلاتلىرى ئامرىكىنىڭ ‹‹چىشى››غا تىگىپ ئۇلارنى ئافىغانىستانغا كىرىشىگە تۈرۈتكە بولدى.لىكىن ئامرىكىلىقلار قۇش بىسلىق ئۆلچەم بىلەن بۇ زىمىندا ھۇۋلاپ يۈرمەكتە.دۆلىتىمىز ۋە روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامرىكىنىڭ كۆلەڭگىسىنىمۇ كۆرۈشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئامرىكا بىر زىمىنغا پۇتىنى قۇيىۋالسا چىققۇسى كەلمەي بىزىرىپ تۇرىۋالىدىغان يىرىدىن ۋە بۇ يەردە ئۇرۇش ماجىراسى كەلتۈرۈپ دۆلەت خەۋىپسىزلىكى مەسىلىسى چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.يەنە نىمىشقا ئامرىكىنى سەتلەيمىز.دۆلىتىمىزدىكى باشلىقلارنىڭ باللىرىمۇ شۇ يەردە ئۇقۇيدۇ،ھەم شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.پۇل تاپقانلىكى جۇڭگۇلۇقلار ئامرىكىنى تاللايدىكەن.ئەجىبا ئامىرىكا يەنىلا دۇزاق ھىسابلىنارما؟ئامرىكىنىڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان نۇرغۇن مەدىنىيەت ۋە يۇمشاق ئەسەرلىرى بار.باراۋەرلىك ئامرىكىدا ئورتاق قاراش ھىسابلىنىدىكەن،شۇڭا كۆپلىگەن كىشىلەر باراۋەر تۇرمۇشتىن بەھىرمەن بولۇش ئىستىكىدە ئامرىكىنى تاللايدىكەن.ئەمما ئامرىكىنىڭ بەزى سەت قىلىقى كىشىنى بىزار قىلىدۇ.يەنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قۇپاللىق بىلەن ئارلىشىش،ئىنسان ھۇقۇقى مەسىلىسىدە قارا سۇركەش دىگەندەك.روسلار بولسا مىللەتچىلىك خاھىشى بىلەن تەرەققىياتقا كۆز يۇمىدۇ،ئەينى ۋاقىتلاردا روس چۇشقىلىرى دۆلىتىمىزنى شەرىق كىسەل كۆرپىسى،سۈنئىي ھەمرانى رەگەتكىدە تاش ئاتقاندەك ئاسمانغا قارىتىپ ئىتىۋىرىدۇ دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.ھالبۇكى ھازىر بولساروسلار دونيا سودا تەشكىلاتىغا ئاران ئەزا بولىدى.لىكىن روسىيەدە نوپۇس زىيادە كىمەيدى،ئەر ئاياللىق نىسبەت تەڭپۇڭلۇقنى يۇقاتتى،ھەربىي لاۋازىمەتلىك مەسىلىسىدە سوۋىت دەۋرىدە ئىشىپ قالغان قۇراللار كاردىن چىقىۋاتىدۇ،.قۇرال ئىسكىلاتلىرىدا پات پات پارتىلاش كۆرۈلىۋاتىدۇ.روس قىزلىرى غەرىپكە ۋە ئامرىكىغا ،يىقىنقى مەزگىلدە بولسا دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ ئىخدىسادى دۆلەت جۇڭگۇغا ياتلىق بولۇش ئاۋۇپ كەتتى.شۇڭا رۇس ھۆكۈمىتى كۆپ بالىىلىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ ئاز نوپۇسى بىلەن كىلەڭسىز زىمىنى ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كەلمەيۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 02:46 PM