nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:57 AM
2003 -يىلى 20-مارت ئامىركا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ...
سىز تىلغا ئالغان يوقۇرىدىكى تارىخىي ئۇرۇشلار ۋە قەلىكلەرنىڭ ھەممىسى راست ، ھەممەيلەن ئاشۇنداق ئۇرۇشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىدۇ ، لېكىن بۇ نىمىنى ئىپادىلايدۇ ؟
ئېراق ئۇرۇشى سەۋەپلىك ئېراقلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامىرىكىنى تاجاۋۇزچى دەپ قارامدۇ ؟ سادامنىڭ ئۆلۈمى نۇرغۇن ئېراقلىقنى خۇش قىلغان ، يەنە نۇرغۇن ئېراقلىقنى ئارماندا قويغان .
سىز تىلغا ئالغان ۋېتنام ئۇرۇشىنى ، ۋە قىرغىنچىلىقلارنى ئامىرىكىمۇ تەن ئالغان ، ھەم ئۇنىڭ بىر مەيدان خاتا ئۇرۇش ئىكەنلىگىنى تۇنىغان .
ئامىرىكىنڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئاتۇم بوممىسى ئارقىلىق نۇرغۇن پۇخرانىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغانلىقى ئۇمۇ ھەقىقەت ، لېكىن شۇ سەۋەپلىك ئامىرىكىنى ئەيىپلىگۈچىلەر يوق دىيەرلىك ، ئاتوم بومبىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلىشىشىغا سەۋەپ بولدى ، ئۇرۇشنى باشلىغۇچى ، ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىنگۈچىلەر تەرىپىدىن تالاپەتكە ئۇچۇردى .
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز بۇرۇننى قويۇپ ھازىرغا بىر قاراپ باقىلى ، ياپۇن ، ۋېتنام قاتارلىق تارىختا ئامىرىكا بىلەن قاتتىق دۇشمەنلەشكەن دۆلەتلەر ھازىر ئىتپاقلارغا ئايلىنىپ قالدى .
مەن بۇرۇن بىر ماقالىنى كۆرگەن ، ئۇماقالىدە بىر ياپۇنلۇقنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا «
ئامىرىكىلىقلار بىزنىڭ ئەدىپىمىزنى بەردى بىراق بىز ئۇلاردىن نەپىرەتلەنمەيمىز ئەكسچە ئۇلارغا قول قويىمىز .بىز كورىيەنى بوزەك قىلدۇق ،لىكىن ھازىر ئۇلار ئىقتىسادى مۆجىزە ياراتتى .يىگىتتەك قىلىمەن دىگىنىنى قىلدى شۇڭا بىز ئۇلارغا قايىل .› . شۇنىڭغا قارىغاندا خەق كونا خاماننى سورىمىغان يەردە بىز سورۇپ يۈرىشىمىشنىڭ ئورنى يوق ئوخشايدۇ .
يەنە بىر گەپ سىز ئېتقان
‹يوقالسۇن ئىسلام دۈشمەنلىرى!!! ئامىركا مۇشرىكلىرى بىلەن يەھۇدى خاۋارىجلىرىنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار!!!!!› ، دىگەن سۆزىڭىزنى مەنچە بولسا ‹يوقالسۇن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى!!! دەپ ئۆزگەرتىپ قويساق توغرا بولامدىكىن دەپ ئولايمەن ... يەنە كىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى ئامىرىكا بىلەن يەھۇدىلار ئەمەس ، مەنچە بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى مۇسۇلمانلار .