مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئەردەشىر ۋە گۇلنار ھەققىدە قىسسە(‹‹شاھنامە›› 9-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:50:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناغرىلار داراڭلاپ بۇرغا سادالىرى ياڭرىغىلى تۇرۇۋىدى، ئىككى زور تاغدەك روبىرو  تۇرغان غايەت چوڭ ئىككى قوشۇن لەشكەرلىرى ئەزىم دەريا سۇلىرىدەك جۇش ئۇرۇپ بىر بىرىگە قاراپ سىلجىشتى.ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى تىغلار يول-يوللاردا ئالماستەك پارلايتتى.بۇ قېتىمقى جەڭ شۇنداق قاتتىق بولدىكى توپتوغرا قىرىق كۈن داۋام قىلدى.لەشكەرنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنچىۋالا كەڭ ئالەم ئۇلارغا تارلىق قىلغان ئېدى.ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن لەشكەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن دەشتلەردە جەسەتلەردىن  يېڭى-يېڭى تاغلار پەيدا بولدى.يارىلىنىپ مەجرۇھ بولغانلارنىڭمۇ ھەددى-سانى يوق بولۇپ ئۇلار جىسمىدىكى يارا ۋە جاراھەتلەرنىڭ  ئازاپ-قىيناقلىرى دەستىدىن پەرياد كۆتۈرۈشۈپ ئۆزلىرىگە ئۆلۈم تىلىشەتتى. قىرىقىنچى  كۈنى ئىككى قوشۇن دەھشەتلىك يەنىلا جەڭ قاينىمىدا ئۈزۈشمەكتە ئېدى. تۇيۇقسىز بارلىق تىرىك جانلارنى غەرىق قىلىۋەتمەكچى بولغاندەك  بەدەنلەرنى شۈركەندۈرگۈدەك غارايىپ قورقۇنۇشلۇق بىر سوغاق شامال پەيدا بولدى.ھەر ئىككىلا تەرەپ بۇ غەلىتە ھادىسىدىن مەڭدەپ قېلىشتى.بۇ مۇدھىش شامالنىڭ شىددىتى پۈتكۈل دەشتنى قامال قىلىپ لەشكەرلەرنى ۋەھىمىگە سالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىدىن ئەردەۋاننىڭ لەشكەرلىرى بەكرەك دەھشەتكە چۈشتى.كۆڭۈللىرىنى مۇدھىش خىياللار چىرمىۋالدى:‹‹شاھىمىز بۇرۇن ئەردەشىرنى كۆپ بوزەك قىلىپ خارلىغان،ئارزۇلۇق شاھزادىنى قۇل قىلىپ ئىشقا سالغان بولغاچقا بۇ قىسمەت بىزلەرگە تەڭرىدىن كەلدى.ئەمدى بىزگە شادلىق كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.قايغۇلۇق كۈنلەر باشلاندى.لەشكەرلەرنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىگە يىغلايدىغان چاغ كەلدى.شۇ تاپتا كىمنىڭ ھالى ياخشى،كىمنىڭ ناچار ئىكەنلىكنى ئەقلى ھۇشى بار ھەرقانداق كىشى بىلەلەيدۇ. بىز ئەمدى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىۋېرىشنىڭ ئورنىغا سۈلھىگە تەييار بولساق توغرا بولىدۇ...››
  ئەردەشىر قوشۇننىڭ ئوتتۇرسىدا ئوق يامغۇرلىرىغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلماقتا ئېدى.تاجۇ-تەختى ۋە شېرىن تېتىيدىغان بەختىدىن مەھرۇم قالغان ئەردەۋان شۇ تاپتا جېنىغا ۋەھىمە چۈشۈپ ، مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالغاندەك بولۇپ تۈزۈك جەڭ قىلالماي قالدى.شۇڭا  قېچىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئارقىغا تارتتى..قىران بۈركۈتنىڭ كۆزىگە ئىلنىشىپ قالغان قېرى تۈلكە ئامان قالتتىمۇ؟ ئەردەشىرنىڭ خەرراد ناملىق نامدار پالۋىنى ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ كەمەند تاشلاپ تۇتۇۋالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاندىن ئۇ شەرمەندە ئەسىرنى تەپكۈشلەپ يۈرۈپ ئەردەشىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ ماڭدى.ئەردەۋان شۇ تاپ پېتىدىن بەكلا چۈشكەن بولۇپ باغلاقتىكى لالما ئىتقىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى.ئۇنى كۆرۈپلا ئەردەشىرنىڭ غەزەپ نەپرىتى قايناپ تاشتى.شۇڭا تېزلا جاللاتنى چاقىردى:
-جاللات قېنى سەن؟ تېزدىن بېرىپ ياۋ شاھىنى ھالاك قىل! ئۇ قورقۇشنىڭ نىمىلىكنى بىلگەن ھالدا ئۆلسۇن ئۈچۈن، بوينىدىن چاپماي بېلىدىن چېپىپ تاشلا!
جاللات چاقماق تېزلىكىدە يېتىپ بېرىپ شاھ پەرمانىنى ئەينەن ئىجرا قىلدى.شۇنداق قىلىپ بۇ قېرى جاھاندار ئاخىرقى ئۆمرىدە پاراغەت چۈشىكىدە ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمەي جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كونا جاھاننىڭ ئاقىۋىتى شۇ:مەيلى ئەردەۋان بولسۇن،مەيلى ئەردەشىر بولسۇن ئۇلارنىڭ بېشىنى بىردە يۈكسەكلەپ كۆكلەرگە كۆتۈرسە،بىردە ئىتتىن بەتتەر خار قىلىپ قانلىق ياشلىرىنى يامغۇر كەبى ئاقتۇرىدۇ.ئەردەۋاننىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئاتىسىدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولدى.ئارەشىي ئەۋلادىغا تەقدىر تەرىپىدىن خارلىقنىڭ زەنجىر -كىشەنلىرى سوقۇلۇپ خارلىق ئىچىدە دۇنيادىن كەتتى.ئەردەشىر ئەردەۋاننىڭ تىرىك قالغان ئوغللىرىنى بىر-بىرلەپ  ئەسىر قىلىپ زىندانغا سالدۇردى.باشلىقلىرى ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە چۈشكەن لەشكەر يەنە قانداقمۇ داۋاملىق جەڭ قىلالىسۇن؟ ئەردەۋاننىڭ تىرىك قالغان لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىىسى قۇراللىرىنى تاشلاپ تىزلىنىپ ئامانلىق سوراشتى.ئەردەشىرنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇلار ئەسىر قىلىندى.شۇ پاتپاراقچىلىقتا ئەردەۋاننىڭ قۇشچى سەردارى ئۆزىنى بالا دامىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېچىپ قۇتۇلدى.شۇ قاتاردا سەل بۇرۇنراق قېچىپ كەتكەنلىرىمۇ يىغلاشقان پېتى  ھىندى دىيارىغا راۋان بولدى.بۇ جەڭ ھەققىدە شائىرلار كاتتا بىر داستان يازسىمۇ ئەرزىگۈدەك قانلىق كۈرەشلەر،مەرد- مەردانىلىقلار يۈز بەرگەن ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەشكەرلەر غەنىيمەتلەرنى يىغدى.غەنىيمەتلەر توپلانغان مەيدان كۇلاھ،كەمەر،ھەر خىل قۇرال،گۆھەر ۋە زەرلەر بىلەن تولغان ئېدى.شاھ بارلىق قوشۇننى بۇ يەرگە توپلىنىشقا بۇيرۇق قىلىپ پۈتۈن  غەنىيمەتلەرنى ئۇلارغا سوۋغا قىلىپ تارقىتىپ بېرىۋەتتى.ئەڭ ئالى سەردارلار قاتارىغا تىزىلغان ۋە ئەڭ ياخشى سوۋغاتلار بىلەن تارتۇقلانغانلار قاتارىدا  تەباك ئالدىنقى رەتتە بار ئېدى.
كېيىن ئەدەشىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەردەۋاننىڭ جەسىدىنى قاندىن تازىلاتقۇزدى.ئاندىن پاكىز يۇيغۇزۇپ مۇسەففا قىلىپ تاۋارلارنى ياپقۇزۇپ،بېشىغا كافۇردىن قۇيۇلغان تاج كىيگۈزۈپ  شاھلار رەسمى بويىچە دەپن قىلغۇزدى.ئەردەۋان يەنە قاتتىق مەنئى قىلىش  پەرمانى چۈشۈرگەن بولغاچقا ھىچبىر لەشكەر ئەردەۋان قەسىرىگە يامان نىيەت بىلەن قەدەم باسالمىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەباك ئەردەشىرنىڭ قىلغانلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
-ئەي ئىستىقبالى ئۇز بولغان  دانىشمەن پادىشاھ،سەن ئەمدى ئەردەۋاننىڭ قىزىنى ھەرەمگە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ كىرىپ  نىكاھىڭغا ئالغىن.شۇنداق بولغاندا ئەردەۋاننىڭ ئۆمۈر بويى جاپا مۇشەققەتلەر چېكىپ توپلىغان  پۈتكۈل بايلىقلىرى ۋە تاجۇ-تەختىمۇ قانۇنلۇق يوسۇندا قولۇڭغا ئۆتۈپ بارچە شاھلاردىن  دۆلەتمەن بولغايسەن.گۈزەل سەنەمنىڭ ۋىسالىغىمۇ يەتكەيسەن.
ئەردەۋاننىڭ كۆڭلىگە بۇ سۆزلەر خوپ  ماقۇل كەلدى.شۇڭا شۇ ھامان شاھ قىزىنى يېنىغا كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى.تويدىن كېيىن بىر -ئىككى ئايغىچە ئۇنىڭ بىلەن پاراغەتتە ياشىدى.كېيىن بارلىق لەشكەر ۋە مۇلازىملىرىنى يىغىپ رەيدىن پارس مەملىكىتىگە قاراپ يولغا چىقتى.بارلىق غەم تەشۋىشلىرى كونا ئەسلىمە بولۇپ  رەيدە قېپقالدى.پارسقا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە يەنە بىر يېڭى شەھەر بىنا قىلغۇزدى.ئۇنىڭ قەسىر ۋە باغلىرى،گۈلزارلىقلىرى،يايلاق ۋە زىلال بۇلاقلىرى ئىقلىمدىكى بارلىق شەھەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئېدى.قېرىغان دېھقانلار بۇ يەرنى ياد قىلىشىپ ‹‹ئەردەشىرئاباد›› دەپ ئاتاشتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە دەرياسىمان بىر بۇلاق بار ئېدى.بۇ بۇلاقتىن ئېرىقلار قېزىلىپ ھەر تەرەپلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ يېشىل ۋادىلار كۆپەيتىلدى.ئۇندىن باشقا  يەنە ساھىلدا بىر ئاتەشخانا قۇرۇلدى.ئۇئاتەشخانا شۇندىن بېرى مۇقەددەس سەيلىگاھقا ئايلاندى.بۇ يەردە كەڭ مەيدان بولۇپلا قالماي ئەتراپىجەننەت كەبى  باغلار بىلەن قورشالغان ئېدى.بارا بارا بۇ يەردىمۇ بىر شەھەر بىنا بولدى.بۇ شەھەر شۇنچە زور شۇنداقلا شەۋكەتلىك بولغاچقا جامائەتچىلىك بۇ شەھەرنى ‹‹ شەھىرى تۇر ››دەپ ئاتاشتى.بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە يېزىلارمۇ بىنا قىلىندى.ئۇ يەرنى كۆرگەنلەر لال بولاتتى.ئۇ يەردە يەنە ئىقلىمدا تەڭدىشى يوق بىر دەريامۇ بار ئېدى.ئەمما بۇ دەريانىڭ يولىنى بىر داۋان توسۇپ قويغان ئېدى.ئەردەشىر كۆپلىگەن تاشچى ئۇستىلارنى توپلاپ تاش يارار ئەسۋاپلار بىلەن  ئۇ تاغ ۋە داۋاننى يېرىپ يۈز ئېرىق قازدۇردى.ئۇ ئېرىقلاردىن تۇر شەھىرىگە راۋان سۇ ئاقتى.بۇ سۇ تۈپەيلىدىن تۇر شەھىرى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ پاراۋان تۇرمۇش جەننىتىگە ئايلاندى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82756
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3685
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا چىكىۋاتىسىز رەخمەت سىزگە

سۇمرۇغنىڭ قۇيرۇقى بولغۇچە،خورازنىڭ تاجىسى بول!!!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:32:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەردەشىر ئىستەھىردىن بىھىساپ لەشكەر ۋە سىپاھلارنى توپلاپ كۇردلار بىلەن جەڭ قىلماققا تەييارلاندى.بۇ مەملىكەتنىڭ تەڭدىن كۆپ ئاھالىسى كۇرتلار ۋادىسى تەرەپتە ئېدى،لېكىن ئۇلار ئەردەشىرغا بېقىنمىغان ئېدى.شۇڭا ئەردەشىرنىڭ ھالى يەر بولۇپ كۇرتلار بىلەن جەڭ قىلماققا تەمشەلدى.ئۇنىڭ پارسلاردىن تەشكىللەنگەن لەشكەرلىرى سان جەھەتتە كۇرتلارنىڭ لەشكەرلىرىدىن كۆپ ئېدى.
بىر كۈنى ئەتىگەندىن تارتىپ تاكى كەچ كىرگەن،قوشۇندار ئەردەشر جەڭدە يېڭىلىپ قاچقانغا قەدەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا  دەھشەتلىك جەڭ بولدى.بۇ جەڭدە ئەردەشىردىن ئامەت قېچىپ پارسلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ھەددى-ھېساپسىز بولدى.مەيدان ئۇلارغا تارلىق قىلدى.چۈنكى بۇ جەڭدە ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا بىرمۇ پىداكار يوق ئېدى.لەشكەر ۋە سىپاھلىرى ئىچىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان بىرمۇ مەرد ئەزىمەت چىقمىدى.قۇياش يەر- جاھاننى تونۇردەك قىزدۇرغاچقا تۇپراقمۇ چوغدەك بولۇپ كەتكەن ئېدى. تىللار چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ ، تەشنالىق ھەر بىر جاننى قىينىماقتا ئېدى.ئاقىۋەت كۈندۈز ئاخىرلىشىپ تۈننىڭ قارا بايرىقى لەپىلدەشكە باشلىغاندا قايناق جەڭ سوغۇلدى.ئەردەشىر تاغ باغرىدىن يورۇق بىر جاينى تاللاپ قالدۇق لەشكەرلىرى بىلەن شۇ يەرگە چېكىندى.ئۇلار يورۇقلۇققا يېقىنلاپ كېلىپ كۆردىكى، ئۇ يەردە بىر گورۇھ ياش ھەم قېرى كىشىلەر ئولتۇرۇشقان ئېدى.ئۇ يەردە يەنە قويلار قوراسىغا پاسىبان قىلىنغان بىرنەچچە چوپانمۇ بار ئېدى.ئۇلار يېقىنلاپ كېلىپ ئاتلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە بولۇشتى.چاڭقاقلىقتىن لەۋلىرى قۇرۇشۇپ يانغان بولغاچقا ئۇلاردىن سۇ تەلەپ قىلىپ ئىچمەكچى بولۇپ يېنىغا كېلىپ ھال ئېيتتتى.ئۇلر بىر توپ چوپانلار ئېدى.ئەردەشىرلار ئۇلار بەرگەن سۇنى ئىچىپ ئوزۇقلارنى يەپ قۇرساقلىرىنى تىنجىتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:33:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى جەڭ ئۇلارنى بەكمۇ  قاتتىق چارچاتقان بولغاچقا چوپانلارغا يېقىن بىر يەردىن ئورۇن تاللاپ باشلىرىغا چەكمەنلىرىنى ئارتپ، تۈننى يوتقان،  تاج ۋە دوبۇلغىلىرىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاشقا ياتتى...
تاڭ ئېتىپ ئۇپۇق يۈزى ئاقاردى.شەھرىيارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇدىن ئېچىلدى.شۇ چاغدا چوپانلارنىڭ سەردارى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ خەيرىخاھلىق يۈزىسىدىن مېھمانغا چاقىردى.ئەردەشىر ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇ دەشتتە كېزىپ يۈرىدىغانلىقى،نىمىشقا بۇ تاغ قىرىنى ماكان تۇتقانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.كېيىن يەنە باش چوپاندىن بۇ يەردىن كېتىش يولىنى سورىدى:
-بىز بۇ يەردىن قايسى يول بىلەن كېتەلەيمىز؟ بۇ يەردىن باشقا يەنە نەدە بىزگە ئارامگاھ بولغۇدەك جاي بار؟
-ئەي پادىشاھ،بۇ ئەتراپتىن رەھنەما بولغۇدەك  ئاۋات جاي تاپالماسسەن.ئەگەر بۇ يەردىن تۆت چاقىرىم يول يۈرسەڭ ئالدىڭغا جىلۋىگەر بىر دىيار ئۇچرايدۇ.ئۇ يەردە بىرنەچچە قىشلاقلار بار.ھەر بىر قىشلاقنىڭ ئۆز ھاكىم ۋە سەردارلىرى بار.شۇ يەرگە بارساڭلار بەلكىم مۈشكىلاتتىن قۇتۇلۇپ قېلىشىڭلار مۈمكىن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش