izdinish يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 05:14 PM
يۇرتىمىز ۋە چەتئەللەردە دىن ئوقۇغان گاھى زىيالىلار ئۆ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يەتتە نەزىر، ئۈچ نەزىر، قىرىق نەزىر دېگەن بىر ماتەم مۇراسىمىنىڭ شەكلى. بۇنىڭ قالماقلار بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. قالماق دېگەن روسسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان بىر خەلقنىڭ ئىسمى. ئۇ خەلقنىڭ قالماقىيە دەپ بىر جۇمھرىيىتى بار.
قۇرئاندا دېيىلگەن نەزىر بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزىرنىڭ پەرقى بار. مەسىلەن ئۆلۈم نەزرىسى دېگەنلىك ئۇيغۇرچىدا ئۆلۈم مۇراسىمى دېگەنلىكتۇر. توي نەزىرى دېگەن سۆزمۇ بار قەشقەردە بۇ دېگەنلىك توي مۇراسىمى دېگەن مەنىدە. شۇڭا ئۇيغۇرچىدىكى مۇراسىم مەنىسىدە كېلىۋاتقان نەزىر بىلەن قۇرئاندا دېيىلىۋاتقان نەزىر سۆزىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويسا نەزىر ھارام دېگەنگە پاكىت چىقىدۇ.
يەنە بىر مىسال، قۇرئاندىكى مىللەت سۆزى يول دېگەن مەنىدە. شۇڭا بىزنىڭ ئىبراھىم خەلۇللاھنىڭ مىللىتى دېگەنىمىز قۇرئان بويىچە توغرا، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللەت سۆزنىڭ بۈگۈنكى مەنىسى بويىچە خاتا، چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللەت قەۋم مەنىسىدە، بىز ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ قەۋمىدىن ئەمەس بىز ئۇيغۇر. شۇڭا سۆزلەرنىڭ قۇرئاندىكى مەنىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى، ئۆرپ ئادىتىدىكى مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.
نەزىر قىلىش ئازەربەيجان تۈركلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تۈركلىرىگىچە بارلىق تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق. پەقەت تۈركىيە تۈركلىرىدىلا بۇ ئادەت ئومىيۈزلۈك ئەمەس. نەزىر ھارام قىلىنىش مەسىلسى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدا بەك كۈچلۈك. چۈنكى ئۇلار ئىسلاھات قاينىغان جۇڭگۇدا ياشايدۇ. ھەممە نەرسىنى ئىسلاھ قىلغۇسى كېلىدۇ.