gulen يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 06:22 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يەتتە نەزىر، ئۈچ نەزىر، قىرىق نەز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .گۈلەن ئەپەندى.بايىلا ئىزدىنىشتە ‹ئاللاھقا قايتقان دادام›نى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم.رەببىمىز دادىڭىزنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆتكەي.قەبرىسى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا بولغاي.
‹ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش › دىگەن تېمىڭىزغا ئىزدىنىشتا قىسقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدىم.
ئەمما سىز ئىسلام ھەققىدە چالا ساۋاتسىزلىقىڭىزغا باقماي ھەدەپ ماقالىلىرىڭىزدا دىن ھەققىدە بىلجىرلاۋاتىسىز.
سىزنىڭ نوپوزىڭىز ۋە بىلىملىك زىيالى بولۇش شەرىپىڭىز بىلەن نۇرغۇن ئۇقۇرمەنلەرئىسلام ھەققىدىكى بەزى خاتا تەسىراتلىرىڭىزنىڭ ئۇۋالىغا قالسا سىز ئۆزىڭىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بولۇشقا رازى بولۇپ ياشاۋېرەمسىز؟
سىز ھەر بىر دىن ھەققىدىكى يازمىلىرىڭىزنى نوپۇزلۇق ئىسلام ئالىملىرىغا ياكى دىندا ئوقۇغان ئائىشەدەك،دىلارادەك تورداشلارغا كۆرسىتىپ ئاندىن ئېلان قىلسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى.ياكى ئۆزىڭىز دىن ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز گۈلىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولاتتى.
بەزى يازمىلىرىڭىزدىن مىللەتنى دىندىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ ئۇيغۇرنى ئىسلامغا ئەمەس، ئىسلامنى ئۇيغۇرغا ماسلاشتۇرماقچى بولغاندەك پۇراق چىقىدىكەن.بىز ئۇيغۇرنى سۆيۈشىمىز ،ئەمما ئۇيغۇرنى
ئىسلامغا ھەقىقى يىتەكلىشىمىز ،مەدەنىيەت باھانىسىدىكى ئىسلامغا خىلاپ ئەنئەنە ياكى ئۆرپ -ئادەتلەردىن تەلتۈكۈس ئادا- جۇدا بولۇشقا دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك.چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:‹‹كىمكى كاپىر قەۋملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ كىشى شۇ كىشىلەردىن بولىدۇ›› دىگەن.
شەخسەن مەن ئۇيغۇرنى سۆيىمەن.ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە بىر خەنزۇ مۇسۇلمان ،بىر ئۇيغۇر كاپىردىن
مىڭ -مىڭ ئەلا.بۇ ماڭا قۇرئان ئۆگەتكەن تەلىمات.ئىسلام مىللەتنى چەتكە قاقمايدۇ.ئەمما مىللەتچىلىكنى چەتكە قاقىدۇ.ئۇيغۇر مۇسۇلمان قەۋمىگە اللە ئۆزى ياردەم قىلسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قەۋمى اللەغا تەقۋادارلىق قىلىشى،ئىسلامغا زىت ،باتىل ،بىدئەت ئەنئەنىلىرىدىن
كەسكىن كېچىشى كېرەك.
1.نەزىر ھەققىدىكى بايانىڭىزغا كەلسەك ئۇيغۇر ئۆتكۈزۋاتقان نەزىر ئوقۇمى ئەلۋەتتە قۇرئاندىكى نەزىر ئوقۇمى بىلەن بىر ئەمەس.ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىسلامى چاپان كەيگۈزگەن.شۇڭا
ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئوخشاشلا ھارام.
نەزىر دىگەنلىك ئەھدە قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دىگەنلىك مەنىسىدە بولۇپ،نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىلىق اللە مۇنداق دىگەن ‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى:پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن )ئازات قىلىنغان ھالدا چوققۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم.بۇ نەزىرىمنى قوبۇل قىلغىن.سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن،بىلىپ تۇرغۇچىسەن››سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت.
نەزىر دىگەن يۇقارقىغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلىش .ئەھدىگە ئەمەل قىلىش،ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزىر دېيىلىدۇ.اللە رازىلىقى ئۈچۈن مىسكىنلەرگە تاماق بېرىشمۇ نەزىر بولىدۇ .قۇرئاندا مىسكىنلەرگە اللە رازىلىقى ئۈچۈن تاماق بېرىپ (نەزىر)قىلغان كىشىلەر ھەققىدە ئايەت بار .
ئەمما بىز نەزىرنى مىسكىنگە ئەمەس توققا بېرىۋاتقانلىقىمىز،نەزىردە ئىسراپچىلىق قىلۋاتقانلىقىمىز ،ھەشەمەتلىك قىلۋاتقانقانلىقىمىز،پەرزئەمەللەرنى قايرىپ قويۇپ قەرز ئېلىپ يۈرۈپ نەزىر قىلۋاتقانلىقىمىز
ھەممىسى ئىسلامغا خىلاپ ئىشلاردۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە ‹‹نەزىر دىگەن تەقدىرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.پەقەت بېخىللارنى بېخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ››دىگەن.
ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ نەزىر بېرىش،ئاق باغلاپ قارا تۇتۇش 3-7-40-ۋە يىلى دىگەن ئاتالغۇلار بىلەن نەزىر بېرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى.بىزگە بۇددا دىنىدىن قالغان ،بىز ئىسلامى چاپان كەيگۈزۋالغان.
شۇڭا ئۇ كەسكىن ھارام .قىلساق ئىسلامغا ئۇيغۇن قىلالىساق بولىدۇ.
2-ئامىننى ئۈنلۈك دېيىش،تەراۋىنى سەككىز رەكەت ئوقۇش ....قاتارلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ
كۈچلۈك سۈننەتلىرى.ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم ئەبۇ لەھەبنىڭ قاتارىدا قوپىدۇ.
سىزنىڭ ئۇلارغا تەشۋىقاتى،تەلىماتى دىگەندەك كەمسىتىش مەنىسدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش سالاھىيتىڭىز
يوق.ئۇ ھەم سىز دىگەندەك ئەھمىيىتى يوق،قىممىتى يوق ئىش ئەمەس،ياكى مەشرەپنىڭ گېپى ئەمەس،
ئىسانىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەپەندىسى،اللەنىڭ ئەلچىسى،سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنلىغان ئەمەللىرى.سۈننەتكە ئەگىشىش مۇسۇلماننىڭ بۇرچى.ھەقنى سۆزلەش پىتنە تاپقانلىق ئەمەس .دىيارىمىزدا شۇ قاتارلىق بەزى سۈننەتلەر ئەمەلىيلەشمىگەن .شۇڭا ئامىننى مەخپى دىيىشنى،تەراۋىينى 20 رەكەت ئوقۇشنى (ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ ئاساسى بار) باشقا بۆ ك كىيىپ ناماز ئوقۇشنى سىلىق ھالدا،چىرايلىقچە دىسە بولىدۇ.ئەكسىچە ئۇلارنى
بەزى جاھىل ئىمام،مەزىنلەردەك قوغلىسا،ۋاقىرايدىغان ئىشەكتەك،سىيدىغان ئىشەكتەك دەپ تىللىسا
ئىختىلاپنى شۇلار تېرىغان بولىدۇ.مەسچىدكە كىرمەيۋاتقان ئادەم بىلەن كارى يوق ،مەسچىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغان ئادەمنى تىللاش ،كەمسىتىش نە ۋەجىدىن؟ ئەمدى سۈننەتنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن
شۇنداق قىلۋاتقانلارنى مەسچىدتىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا مەسچىد چاققان ،قۇرئان كۆيدۈرگەن كېيىن مۇئەززىن بولىۋالغانلار،ياكى مەزھەپنى سۈننەتنىڭ ئۈستىگە قويىۋالغانلار تىللاپ ئاز كەلگەندەك سىز قالدىڭىزمۇ ئەمدى پالان-پوستان دەيدىغانغا گۈلەن ئەپەندى.
ماقالىڭىزدا كەمسىتىشنى سۆكۈپ تۇرۇپ ئۆزىڭىز سۈننەتنى كەمسىتىپ ،دىن ئەھلىنى كەمسىتىپ ،بۇ يازمىلىرىڭىزنى بىر قانچە يەرگە چاپلاپ ئۆزىڭىزگە قانداق زۇلۇم قىلۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيۋاتامسىز گۈلەن ئەپەندى؟
يالاڭباش ناماز ئوقۇشقا كەلسەك ھەنەفى مەزھىپىنىڭ ‹‹مەختەسەر ۋىقايە››كىتابىدا يالاڭباش ناماز ئوقۇش مەكرۇھ،ئەمما كىبىر قىلماي يالاڭباش ئوقۇسا مەكرۇھ ئەمەس دەپ يىزىلغان.بەزىلەر بۇنى مۇستەھەپ دەپ قارايدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام نىڭ بەزى چاغلاردا يالاڭباش ناماز ئوقۇغانلىقى ھەدىس كىتابلىرىدا ئېنىق توغرا خاتىرلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەر بار.دىمەك يالاڭباش ناماز ئوقۇغان ئادەمنى بەزىلەر كاپىرغا چىقارغان،ياكى سۆككەن ئۇلار مۇ بەزى دەللىللەرنى قويغان.ئەلۋەتتە بۇ نى
تالىشىپ ئىختىلاپ قىلىش خاتا.لېكىن سىلىق بولۇش،سەۋەبىنى بىلىش،سۈننەتنى سۆكمەسلىك ئاساسىدا بولۇشى كېرەك.
گۈلەن ئەپەندى كېيىن سۆھبەتلىشەرمىز.