مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gulen

ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزدىكى بىر چىرىندى ھالەت بولسا  كەمسىتىلىش ۋە بىلىپ بىلمەي غەيۋەت ئورنىدا كەمسىتىش.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5857
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن رېئال ۋە دائىم ئۇچرا تۇرىدىغان مەسىلدىن بىرنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپسىز. ئۇيغۇرنىڭ ناتىۋانلىقى سەۋەپلىك، دەۋىر ئېقىمىدا كۈلتۇرىمىز جەلىپكارلقى نىسپەتەن تۆۋەن ھالەتتە بۇلۇپ قالدى. ئەتراپمىىزدىكى قىسمەن  يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارا زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئەۋزەللىككە ئېرىشكەنلەرگە سېلشتۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى تەۋە مىللەتنى كەمسىندۇرۇش خاھىشىمۇ مەۋجۇت. بۇ يازمىڭىز دەل مەسلىنىڭ ماھىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپتۇ.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئويغانغىن زىمىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60891
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4319
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بىر تەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ. بۇ تېمىنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇيغۇر مىللىتى  كەمسىتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم خالاس.
بىر ئۇيغۇرنىڭ  بولغۇچىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن ۋاز كېچىشى باشقا نەرسە ئەمەس، ۋىجدانسىزلىقتۇر. لىكىن چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، مەن ئۇيغۇر دەپ كۆكرەك كېرىپ ياشاۋاتقانلارمۇ تېخى ئۆلگىنى يوق.  سىز شۇلارغىمۇ نەزەر سېلىڭ. شۇ ئارقىلىق بۇ تېمىنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ روھى كۆتۈرۈلسۇن، بىزنىڭ ئىقتىدارسىز، قالاق ئەمەس ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلسۇن. نېمە ئۈچۈن شۇلارنىڭ بايان قىلمىدىڭىز؟
بىزدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىدىغان كىشىلەر كۆپ. ئۆزىنىڭ خەن بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېتىدىغانلارمۇ باركەن سىز تەسۋىرلەپ بەرگەندەك. لىكىن بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە؟ ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر چاغلاردا خان- بەگزادىلەردەك ياشىغان بىر مىللەت مۇشۇنداق بىر كويغا چۈشۈپ قالدى دېگەن سوئالنى قويۇپ باقتىڭىزمۇ؟
بىز ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق يازمىلار بولسا بىزگە ئويلىنىدىغان پۇرسەت بېرىدۇ. لىكىن بىر تەرەپلىمە بولمىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئويغانغىن زىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4093
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بىر ئادەمنى ۋە ياكى بىر مىللەتنى ئانداق مىللەت بۇنداق ئادەم دەپ تەرىپلىسە سەل بىمەنىلىك دەپ قارايمەن .دۇنيادا ئادەملا بۇلدىكەن...ياخشى ئادەممۇ، يامان ئادەممۇ،بۇزۇق ئادەممۇ ۋەياكى ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەممۇ مەۋجۇت.....

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7232
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:47:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      گۈلەن ئەپەندىم يۇقارقى ماقالىدە ئۇيغۇر جەمىئىيتىدىكى كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش پىسخىكىسىنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ .مېنىڭچە كەمسىتىش پىسخىكىسىدا ئەسەر يېزىۋاتقان شۇ زىيالىلارنىڭ كۆپلىكىنىڭ سەۋەبى باشقا خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئاتتىن ئورۇن ئالالماي ئۇيغۇرنى كەمسىتىپ يازغان ئەسەرنىڭ بازار تاپقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئەسەر ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئۇيغۇرنىلا تەنقىتلىيەلەيسىز ،باشقىلارنى تەنقىتلەش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىك ھېساپلىنىپ ئېلان قىلىنمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ شەرەپلىك تەرەپلىرىنى بەكرەك تەكىتلەپ ئەسەر يازغانلىق مىللەتچىلىككە چېتىلىپ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ .ئەتراپىمىزدا بولسا يات مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى مەدھىيەلەپ يازغان ئەسەرلىرى ۋە ماددى تەرەققىياتلىرى تولۇپ تۇرغان .شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم جان باقتى كىشىلەردە مىللەتنى كەمسىتىپ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىش خاھىشى شەكىللىنىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7232
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:59:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 08:22 PM
ۋە ئەلەيكۇم ـ ئەسسالام
مەن ئېيتقان قالماق ـ موڭغۇلدۇر  ...

     سىز ئىېيتقان ئابدۇرەشىتخان موڭغۇل ئەمەس بەلكى ئسلاملاشقان موڭغۇل  ،يەنى ئۇيغۇر بىلەن بىرىكىپ كەتكەن موغۇل خانىدۇر .موغۇل دېگەنلىك ئىسلاملاشقان موڭغۇللارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .ئۇلار ئىسلامنى ئۇيغۇر رايونىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەھكەم ئىدىئولوگىيە سۈپىتىدە مەۋجۇت قىلىش ئۈچۈن تالاي جەڭلەرنى قىلغان مۇجاھىت كىشىلەردۇر .شۇڭا قۇرۇق پەرەز بىلەن بالىلارچە گەپ قىلىپ گۇناھكار بولۇپ يۈرمەڭ .ھەربىر مىللەتنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەريانى ئوخشىمايدۇ .مىللەتلەرنىڭ يېڭى بىر دىنغا ئۆتۈش جەريانى بۇرۇنقى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ .ئەگەر بۇ ئادەتلەر راستىنلا دىندا چەكلەنگەن بىدئەت بولسا ئىسلاھ قىلغۇلۇق ئەگەر دىنغا زىت كېلىدىغان يېرى بولمىسا چەتئەلدىكى مۇسۇلمانلارغا سېتىشتۇرۇپ تالىشىپ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلانغۇلۇق .چۈنكى پەيغەمبىرىمىزمۇ دىندا ئىختىلاپ قېلىشماڭلار ،سىلەردىن بۇرۇنقىلار دىندا ئىختىلاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان دەپ تەلىم بەرگەن ئەمەسمىدى ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2387 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 07:24:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
minglak0999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 12:59 AM
سىز ئىېيتقان ئابدۇرەشىتخان موڭغۇل ئەمەس بەلكى ئسل ...

بۇ يەردە بالىلارچە گەپ دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ، ئۆزىڭىزمۇ ئېتراپ قىلىشنى خالايدىكەنسىز ـ ئەگەر بىدئەت بولسا ئىسلاھ قىلىشنى ! ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئادەتنى ئىسلامنىڭ ئۈستىگە قويۇش بوپ قېلىۋاتىدۇ ...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2387 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 08:29:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندى ، مەن سىزنىڭ تېمىڭىزغا قانداقتۇر ئوبزور يېزىۋاتمايمەن ، ۋە قەستەن سىز بىلەن مۇنازىرىلىشىپ تېمىنى  ئاۋات قىلىش مەقسىدىممۇ يوق ، ھەم ئۇنچىلىك ۋاقتىممۇ يوق !
مەن پەقەتلا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەنكى : سىز باشقا ھەرقانداق  نەرسە ئۈستىدە خالىغانچە  پىكىر قىلسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن ئىسلام دىنى قالايمىقان پەرەز ۋە تەكلىپ ـ پىكىرلەر كېرەك بولمايدىغان ، مۇقەددەس نۇقسانسىز دىندۇر !
مەن باشتىلا تېمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، ئابدۇكېرىم ئابلېزنىڭ ئىتوتىدىكى «ياتاق قانچىلىك مىللى پۇراقتا بوپكېتە..» دەپ يۈز مۇسكۇللىرىنى پۇلتايتىپ سەت كۈلۈشلىرى جېنىمدىن ئۆتكەنىدى ،  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى دېگەن كىتابىدىكى  سىز ئېيتقان ئىبارىلەرگە مېنىڭمۇ نارازىلىقىم كەلگەن ، ھەقىقەتەن ئۇ كىتابتا بىزنى بەكلا ئاشۇرۇپ تەسۋېرلىۋەتكەن ، ھاراق ئىچىشتە بىرىنچى دېگەندەك ...
سىز ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە قاراشلىرىمىزنىڭ بىردەكلىكىنى ھېس قىلغانىدىم ، ھالا ـ ئىسلام ئۈستىدە سۆز ئېچىپ قاپسىز ـ قاراشلىرىمىز ئەكسچە چىقىپ قالدى ، شۇڭا رەدىيە بەردىم ...
دىيارىمىز ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراشلار دىن بىرى شۇكى ـ  ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا دىن «چالا» كىرىپ قالغان .
كىچىكىمىزدىن «يامان بولىدۇ» نى تولا ئاڭلاپ كەتتۇق ، نېمىشقا دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقسا شۇئان يامان بولىدۇ دېگەندىكىن يامان بولىدۇ ، دەپ تۇنجۇقتۇرۇلدۇق ، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە !
ماھىيەتتە خىرىستىيانلارغا ئوخشاپ قالدۇق ، يەنى خىرىستىيانلار دەيدۇكى خۇدانىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ۋەزىپىسى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئالەمدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئىدارە قىلىش ، بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز بۇ ئالەمدە كۆڭۈللۈك ياشاش ، ئۇلار شۇنداق دەپ شەنبە ـ يەكشەنبە چىركاۋغا بېرىپ گۇناھىنى تىلەيدۇ ـ دە باشقا ۋاقىتتا ھېچقاچان ئىلاھ بىلەن باغلىنىشى يوقتەك يۈرۈيدۇ ، بىز ئۇيغۇرلارمۇ دەل ئاشۇنداق بوپقېلىۋاتىمىز ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى 5 ۋاق ناماز ئوقۇۋاتقانلار ، ئوقۇمايۋاتقانلار تۇرۇپ تۇرسۇن ، نامازدىن باشقا ۋاقىتتا ئاز ـ تولا ئىسلامغا مۇخالىپ ئىشلارمۇ بوپقېلىۋاتماقتا ، مەسىلەن ، غەيۋەت ، ھىجاپسىز يۈرۈش ...... دېگەندەك ئىشلار ، دېمەك مۇشۇ ئىشلار دەل ئىسلامنىڭ ئىبادەت قىسمىنىلا قوبۇل قىلىپ قالغىنىنى تاشلىنىپ قالغانلىقىدىن بولۇۋاتماقتا ،  ئەگەر تەۋھىت ئىلمى ھەممەيلەننىڭ ئېڭىغا ئورناپ كەتكەن بولسا ئىدى ، ئىختىلاپ ۋە تېڭىرقاشلار ، ۋە قالايمىقان مۇلاھىزىلەرگە مەڭگۈ ئورۇن يوق ئىدى ، «نېمىشقا يامان بولىدۇ ؟» غا جاۋاپ بېرەلمىگەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ سەۋەبىدىن  مۇشۇ ئەھۋالغا يەتتۇق ، خۇدا بامۇ يوقمۇ ؟ دېسە ، بار دەپ ئالدىراپ جاۋاپ بېرىشىمىز ، مەن ئەجەب كۆمۈدۈمغۇ ؟ بارلىقىنى قانداق ئىسپاتلايسەن ؟ دېسە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغىنىمىز بەكلا ئاز ....
مۇشۇنداق كېتىۋاتقان ھازىرقى ئۇيغۇر ئىسلام جەمئىيىتىدە 3،5،7،نەزىر دېگەندەك بىدئەتلەر بارلىقىنى ياخشى سۆز ۋە قۇرئان ـ ھەدىس بىلەن خەلقىمىزگە بىلدۈرگەن ئاز ـ سانلىق ئوغلانلار خەلقنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىماقتا  ئىسلام بىلەن ئەنئەنە باشقا ـ باشقا ئۇقۇم . توڭگۇز گۆشى يېمەسلىكىڭىز ئەنئەنىمۇ ياكى  ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ ؟ ئەگەر ئەنئەنىگە ئەگىشىش زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز بۇنى شەخسى كۆز قارىشىڭىز قاتارىدا مەڭگۈ ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 08:32 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Tohtanghenim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

http://www.huxdil.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39495
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2041
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-5-3
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:19:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.gulenblog.com/
گۈلەننىڭ ئېسىل يازمىلرى بۇ بلوگتا .( گۈلەن ئەپەندى بىلوگىڭىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ  پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن رۇخستىڭىزسىز  ئادرىسىنى يوللىدىم ،ئەگەر باشقا پىكىرىڭىز بولسا ئىنكاسنى تەھرىرلىۋىتىمەن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   红叶子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 10:33 AM  


قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا بايقۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84881
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:01:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulen يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 06:22 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يەتتە نەزىر، ئۈچ نەزىر، قىرىق نەز ...


قالماقلار جۇڭگۇدىمۇ بار، روسىيەدىلا ئەمەس.

يەنە بىر گەپ، بىز بۇ يەردە تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، ‹‹نەزىر›› سۆزىنىڭ ئەرەپ ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى سېلىشتۇرىۋاتمايمىز، بەلكى مۇسۇلمان كىملىكىمىز ۋە ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، بىزدىكى كۈندىن كۈنگە ئىسلامدىن چەتنەپ پەقەت، ئۆرىپ- ئادەت تۈسىنىلا، يەنى
‹‹مۇراسىم،› تۈسىنىلا ئېلىپ قېلىۋاتقان ‹‹نەزىر›› نىڭ ئەسلى ئىسلامى مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى تېپىشى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز.

ئىسلامدا مەيدانىڭىز ئېنىق، بىلمىڭىز يېتەرلىك بولماي تۇرۇپ، ماقالىلىرىڭىزدە ئىسلام دىنى ھەققىدە  قالايمىقان بىلجىرلىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش