Bilge يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 06:16 PM
مەن بۇ يازمىنى ئۆزۈم ماتېرىيال كۆرۈپ رەتلەپ چىققان،ھ ...
ياق ياق ، ماڭا خانلىق مەتۇ بىلىنىپ قالغىنى يوق ، مەن دىمەكچى ، ئەجدادلىرىمىز قۇرغان بىر ئوبدان ئىسىمى جىسمىغا لايىق ئىمپىريە بۇلۇنۇپ ئۆتكەن ، ئوسمانلى ئىمپىريەسى ، گىرمان ئىمپىريەسى ، مۇڭغۇل ئىمپىريەسى دەپ چوڭ كۈرۈپ ئېغىزغا ئالىمىزيۇ ، ئۈزىمىزنىڭ ئىمپىريەسى بوپ باققىنىنى ئەسكە ئېپ قويمايمىز .......ھە بۇنىمۇ قۇيۇپ تۇرايلى ......گەپنىڭ پوس كاللىسى ، خەق ئۇيغۇرلانىڭ ئىمپىريەسى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۇنتۇپ كىتىشىمىزنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ ، ھەتتا تاس قالىدۇ بەزى خاندانلىقمىزنى بەگلىك قاتارىغا چىقىرىپ ، يوق قىلىۋەتكىلى ، ئەمدى بىز مۇ خەقنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينامدۇق ؟ ئۇيغۇر ئىمپىريەسى بولغانلىققا ئائىت تارىخ رەسمى بىزدەك ئاممىنىڭ نەزەر دائىرسىغا سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولمىدى ( تارىخچىلار بۇنىڭ سىرتىدا ، ئۇلار بىلسىمۇ يۈرەكلىك دىيەلمەيتى )، ئەمدىلىكتە بۇنداق ئىشلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارلىنىشقا باشلىغاندا ، يەنە كۈنۈپ قالغان (كۆندۈرۈلگەن ) ئادەت بۇيىچە خانلىق دەپ ئاتاۋىرەمدۇق ؟ يەنە مۇشۇنداق كۆندۈرۈلگەن كاللا بۇيىنچە ، بۇرمىلانغان تارىخقا مايىل كۆز قاراش بۇيىنچە ماڭساق ، ئىمپىريە ئەمەس ، بىر بەگلىكنىڭمۇ تارىخى ئىسىمىزدە قالمايدۇ .....
شۇڭا ، مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ ، بىزنىڭمۇ ئىمپىريە بولغان ! دەپ يۈرسەك نەرى يامان ؟
بۇ ھەرگىز خانلىق دىگەننى مەتو كۆرگەنلىك ئەمەس ، بەلكى شانلىق تارىخمىزنى ھۆرمەت قىلىش بۇلىدۇ !
تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بىرىدۇ ! تارىخقا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى ، ئىزدىنەيلى ، قازايلى.....