دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونىيەلىكلەرنىڭ قانۇنسىز ئارالغا چىققانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن ياپونىيەلىكلەرنىڭ قانۇنسىز دياۋ يۈ ئارىلىغا چىققانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى. خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: 21-سېنتەبىر كەچتە ياپونىيەنىڭ بىر قانچە خادىمى تەيۋەننىڭ«دياۋ يۈ ئارىلىنى قوغداش» خادىملىرىنىڭ ئارالغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دېگەن نامدا دياۋيۈ ئارىلىغا چىقتى. بۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۇز قىلىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى. ياپونىيە جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ دياۋ يۈ ئارىلىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
http://www.uycnr.com/xwzx/gnxw/201209/t20120923_386340.html