ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا «ئارالنى قايتۇرۋېلىش» ھەربىي مانىۋېرى ئۆتكۈزدى
خەلق تورىنىڭ 22-سىنتەبىر يوللىغان خەۋىرى:
ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق قوغداش قىسىمى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكىغا تەۋە گۇئام ئارىلىدا «ئارالنى قايتۇرۋېلىش» مەنزىرىسى ھاسىل قىلىنغان ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇئام ئارىلىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئىچىدە ئوكناۋا ئارىلىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيەنىڭ توققۇز ئۆلكە ۋە ئوكناۋا ئارىلىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى قوغداش قىسىمىنىڭ غەرىپ تەرەپتىكى قىسىمى كىمىلەرگە ئولتۇرۇپ ئارالغا چىققا. ئۇلار ئەتىراپنى كونتىرول قىلدۇق دەپ پەرەز قىلىپ، قوللىرىدا مىلتىقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئىلگىرلىگەن. ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغداش ئەتىرىتى بۇ ھەربىي مانىۋېرنى :«ھېچقانداق دۆلەت ياكى ئارالغا قارىتىلمىغان» دىدى.
بۇ ھەربىي مانىۋېر بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدىلا باشلانغان. ياپونىيە ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمچى پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، ئوكناۋا ئارىلىدىن ئامېرىكىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى تىنيەن ئارىلىغا ۋە گۇئام ئارىلىغا قاراپ ئىلگىرلىگەن. ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىقتىدار سىناش ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان، سۇ يولىدا ئۇرۇش قىلىش بىلىملىرىنى ئۈگەنگەن ھەمدە مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى ۋە ياپونىيەنىڭ تاغ ئورمانلىقى رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىمقى مانىۋېر بولسا ئارالدا ئۆتكۈزۈلدى.
http://www.nur.cn/news/2012/09/82617.shtml