poyuz يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:26 PM
بۇنداق دىيىشىم جوڭگونىڭ %70 نېفىت مەنبەسى شۇ ئىراندىن ...
تەھلىلىڭىزغۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق .بىراق جۇڭگۇ سىياسىتى ناھايىتى قىل ئۈستىدە كىتىۋاتقان سىياسەت . بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەت بەلگۈلەش خادىملىرىمۇ ناھايتى ياخشى چۈشىنىدۇ . شۇڭلاشقا بەزىدە بىز قايناپ قالغان بىر قىسىم مەسىلەەرگە قارىتا دۆلىتىمىز سۈكۈت قىلىش ئامال بولمىغاندا . ئىشنى يىنىكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پوزىستىيەسى ئارقىلىق زىل مەسىلىنى جىدەلنىڭ ھىددىن قاچۇرۇپ ئىمكان بار ، ھەر قانداق بىر مەسىلىنى تىنىچلىك رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئۇسۇلنى ئاقلانە چارە دەپ قاراپ كىلىۋاتىدۇ . مەسىلەن پارىخورلۇق . كان-كارخانا . تاشقى سودا قاتارلىق تىجارەت ئېشلىرىدا مۇنپۇل قلىۋىلىش ، چىگرا مەسىلىسى ، خەلىقئارادىكى پايدا-مەنپەت مەيدانىدا دۆلىتىمىز ئىزچىل ئۆز خادىملىرىنىڭ يۇقارقى كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىپ ،يۇقارقىدىكىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا چىتىلىپ قالغان خادىملارغا نىسپەتەن تۆگىدەك ئىشنى تۈگمىدەك قىلىش يەنە چڭ ئىشنى كىچىكلىتىش ئۇسۇلى بويۇنچە سەل قىلىپ پارتىيەگە كۆپلەپ دۈشمەن تىپىۋالماسلىق يولىنى تۇتتۇپ كىلىۋاتىدۇ .
دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئېشلار تېخنىكىسى تەرەقى قىلمىدى ئەمەس ناھايتى ياخشى تەرەقى قىلدى . بىراق ئۇرۇش يۈز بەرگەندە نۇقۇل بىر ئۆزۇنىڭلا ھەربىي ئىشلاردىكى ئىقتىدارىغا تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش مەيدانىنى قوغداش دەپ بىر ھەربىي ئىشلار تاكتىتكىسى بار بۇ تاكتىتكىنى قوللىنىش ئۇچۈن مۇقەرەر بىسىپ ئوتۇشكە تېگىشلىك يول ۋە شەرتلەردە ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى ئوق بىشى دۆلەتلەردىن باشغقا دۆلەتلەر بىسىپ باقمىدى، بىسىپ مىڭشنى ئويلىغان ۋە قەدەم باسقان دۆلەتنى يۇقارقى ئوق بىشى دۆلەتلەر بۆشۈگىدىلا تۇنجۇقتۇرۋەتتى . بىراق ئامېرىكا باشچىلىغىدكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ كۈنلىگى ئاستىغا جەم بولۇپ بۇ پىلاننى تۈزۈش بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى . ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشتىمۇ پۇختا ،مۇستەھكەم ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى . قارسىام ئەقىدلا تازا تولۇپسىز . ئامېرىكا دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتتىكى جان-جىگەر دۆلەتلىردىن روسىيە . ئافغانسىتان ،پاكىستان . كورىيە .......قاتارلىق دۆلەتلەرنى جۇڭگۇغا قارىتا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش دەرىجىسىگە ئەكىلپ بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە شىزاڭنىڭ لاماسى دالاي ۋە..........قاتارلىق دۆلەتنى پارچىلاشقا پۇرسەت كۈتىۋاتقان گۇماشتىلا ھەر قاچان دۆلىتىمىز ئىچىدە چوڭ تىپتىكى بىر ئۇرۇشنىڭ بولۇشىنى تۆت ككزى بىلەن كۈتۈپ كىلىۋاتىدۇ . بۇ نۇقتىنى چۈشىپ يەتكەن دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ ھازىرقىدەك دىياۋيۇ ئارىلى بولمسۇن ياكى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئوخشاش ئۇرۇشقا سورەپ كىردىغان مەسىلىسدە زورمۇ زور ئۇرۇشتىن ساقىلنىپ قىلىش يولدا داۋاملىق ئىزچىل مىڭىشنى خالايدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ .