sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 01:21 AM
ھەممە ئادەم چاپان كېيىۋالسا ، ما خېنىملارنىڭ يوت ...
بىر مىللەت توپىغا نىسبەتەن ئەقىدە چوڭقۇر بولسا،مىللەت توپىدىكى شەخسلەردە ھەر قانداق مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان ھالەتتىمۇ،ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.ئۇمۇمىي نۇقتىدىن باھا بېرىشكە توغرا كەلگەندە،ئۇيغۇر مىللىتى مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ۋىجدان-غورۇر،ئەقىدە-ئېتىقادنى يوقاتمىسا،مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ تۇرالىسا،ئەسىرلەردىكى سىرتتىن كەلگەن بېسىم ۋە غەيرىي مەدەنىيەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ،مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھامىيسى بولغان مەۋجۇتلۇقنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن.
كوچىدا يالاڭ پاچاق ئاياللار،قىسقا يوپكا كەيگەنلەر،مەيدىسى ئېچىلىپ تۇردىغان كۆينەكنى كىيىش،چىپلاشقاق پادىچىلار ئىشتىننى كەيگەن قېرىنداشنى كۆرگەن چېغىمىزدا،مەنچە تىللاش،زاڭلىق قىلىش ئارتۇقچە دەپ ئويلايمەن.مىللەت ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ئىجتىماھىي رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ تالاي ئەسىرلەر ماباينىدىكى ئاسان رېئاكسىلىشىدىغان بىرخىل ناچار خاھىشنىڭ ئەۋج ئېلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك.
ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى شۇكى،ئەيب-نۇقسان ئىزدەش روھىيەت قاتلىمىدىكى كىملىكنى تېپىشنىڭ،ئۆزىنى تۇنۇشنىڭ ياخشى چارىسى بولسىمۇ،بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ،ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتىشى ھەمدە ئۇنى تۈزىتىش،زامانىۋىلىق بىلەن تارىخىي قاتلام مۇناسىۋىتىدىكى گارمونىك باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
يۇقۇردا سىز رەسىمىنى كۆرسەتكەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئىستىتىكا قارىشى بەدەن گۈزەللىكىدىن ھالقىغان،مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىدىن چەتلەشكەن،غەربنىڭ شالغۇت مەدەنىيىتى قۇيۇق پۇراققا ئىگە بولغان كۆرۈنۈشتەك تۇيغۇلارنى بەردى.جەمىيتىمىزدىكى بۇ نۇقساننى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مەنچە،ئەقىدە -ئېتىقادنى ساپلاشتۇرۇش،مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيىتىش بىلەن سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتكە قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىش خاھىشىنى تۈزەش بىلەن بىرگە قۇبۇل قىلىش بىلەن ئەنئەنىۋىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ،زامانغا خاس بىر كىملىك نامايەن بولدىغان بەدەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش لازىم.
بۇنىڭدا،ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بار.كۆپ سۆزلەپ قويدۇم يۇقۇرقى رەسىمگە قاراپ،مۇلاھىزە قىلغۇم كېپ قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-8 02:10 AM