مارشال يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 09:49 PM
بىر مىللەت توپىغا نىسبەتەن ئەقىدە چوڭقۇر بولسا،مىللە ...
قازاندا نىمە بولسا چۆمۈشكە شۇ چىقىدۇ،ھەرقانداق سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى باشقىلارغا تەسىر قىلىشنى مەقسەت قىلىپ سەھنە ۋە سورۇنلارغا ئېلىپ چىقىدۇ،خۇددى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىمۇ تالاي ئوقۇغۇچىغا تەسىر قىلغىنىدەك، ئاشۇ مودىللار كىيىپ چىققان ئۈچ - تۆت قۇر بىزەڭ كىيىملەرمۇ تاشقى مەدەنىيەت تولىمۇ تېز سىڭىشلىك بولغان نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ تاللاش ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئاشۇ تار قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ چىقمىسىمۇ كېچىلىكنىڭ ئېستىتىكلىغى ۋە رەڭدارلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيتتى.سەھنىدىكى تار، قىسقا كىيىملىك قىزلار ئۆزىنىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى قانچىلىك شەكىلدە نامايان قىلىشىدىن قەتئى نەزەر يەنىلا ئۆزلۈك ۋە كىملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
بىر تال ماياقنىڭ بىر قازان ئاشنى بۇلغاپ، بىر داستىخان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇردىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز، شۇڭا تاماق ئەتكۈچىلەر قازان بېشىنى پاكىزە تۇتۇشى كېرەك.تاماقنىڭ پاكىز ياكى شۈبھىلىك بولىشى ئاشپەز ئۇستامنىڭ تازىلىق ئېڭىغا باغلىق بولغاندەك، ئەسەرنىڭ ساغلام ياكى بولماسلىغى ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلارنىڭ ئىدىيسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەنمۇ ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى يوللاپ قويدۇم، چۈشىنىكسىز بولسىمۇ كەچۈرىۋېتەرسىز.