مارشال يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 09:49 PM
بىر مىللەت توپىغا نىسبەتەن ئەقىدە چوڭقۇر بولسا،مىللە ...
قاتىل ئىنكاس !
مارشال يۇقارقى رەسىم بىلەن ئىنكاسنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ ئەشەددى ئاچچىغىم كەلگەن ئىدى ، ئارقا بەتكە ئۆتۈپ قارىسام سىزنىڭ مۇنۇ ئىنكاسىڭىزنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، ئىنكاسىڭىزنى چالا پۇلۇ ئوقۇپلا يۇقارقى رەسىم بىلەن مۇنۇ ئىنكاسىڭىزنى نەقىل ئېلىپ سىزگە قاتتىق زەربە بەرمەكچى ئىدىم . بىراق مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلارغا بولۇپمۇ سىزگە ئالاھىدە ھۆرمۈتۈم بولغاچقا ھەم باشقۇرغۇچىلار ئاسانلا ھاياجانلىنىپ تاققۇ-تۇققۇ ئىنكاس يازمايدۇ دەپ قاراپ ئىنكاسىڭىزنى قايتا-قايتا نەچچە رەت ئوقۇپ ئىنكاسىڭىزدىن شۇنى چۈشەندىمكى سىزنىڭ مىللىتىمىزگە ، جەمىيەتكە بولغان كۆز قارشىڭىز ۋە مۇلاھىزىڭىز ئىنتايىن توغرا ئىكەن . مارشال سىزگە يەنە بىر قېتىم قايىلمەن !
سىزنى ماختاپ ئەمەس ، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەن گەپ بار ، شۇڭا باشقىلارمۇ يۇقارقى رەسىمگە قارىتا يازغان مۇنۇ ئىنكاسىڭىزنى ھىسياتى بىلەن ئەمەس ھازىرقى زامان-ماكان ۋە ......... نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەقلى بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ باقسا بولىدۇ .
يەنە بىرگەپ مارشال قورسىقىڭىزدىكى بىلىمىڭىزغا ئاساسەن مەن سىزنى بۇ-مۇنبەردە ياكى يۇرتۇڭىزدا دىھقان بولۇشقا زايا كىتىپسىز دىمەكچى ئەمەسمەن . بەلكىم سىزنىڭمۇ ئويلىغىنىڭز باردۇ . شۇڭا مەن سىزنى دۇنيانى تەۋرىتىدىغان چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ... مىللىتىمىز سىزدەك دىلى ئويغاق ، جەمىيەتكە بولغان كۆز قارشى ئىنىق ، مەيدانى مۇستەھكەم ، بىلىمى مول سىزدەك قېرىنداشلىرىمىزغا ھەردايىم مۇھتاج ، ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا نىسىپ قىلغاي !
ئەسلى شەخسى ئىشىڭىزغا ئارلىشىپ تېمىدىن قېيىپ كەتمىسەم بۇلاتتى ، مۇنبەردە بولسىمۇ بىزنىڭ يول باشچىمىز بولغانكىن سىلەرگە كۆيۈنۈپ شەخسى ئىشىڭلارغا ئانچە-مۇنچە ئارلىشىپ قالىدىكەنمىز . شۇڭا كۆپ سۆزلەپ قويغان بولسام ئۆزۈرلۈكمەن . رەھمەت
ئاخىردا يەنە بىر گەپنى قېتىپ قوياي ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللا خالىسا ئوقۇش ئىشلىرىم تۈگەپ ئارزۇيۇم دىكىدەك شىركەت ياكى زاۋۇتتىن بىرەنى قۇرۇپ قالسام شىركىتىمدىن سىزگە ئالاھىدە ئورۇندىن بىرنى بىرىپ سىزنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىمەن ! چاخچاق ئەمەس جۇمۇ مارشال