مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qog

ئۇيغۇر تاكسى شوپىرىغا قانداق قارايسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1642 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 11:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجىدا تاكسىغا ئولتۇرۇپ باھا جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم. لېكىن بىرەر ئاي بولدى تاكسى ساقلاپ ئولتۇرسام  ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرى يىراقتىن تارتىپ تا يېنىمغا كەلگۈچە تاكى نەق ئالدىمدىن ئۆتكەندىمۇ ماڭا شۇنداق قاراپ كەتتى. مەن توساي دېسەم ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بار ئىكەنتۇق. شۇڭا توسىمىغان ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قاراپ،   ‹ كەتسە قېرىندىشىمغا كەتسۇن› دەپ شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ قول پۇلاڭلاتتىم. ئۇ ئەينىكىدىن كۆردى بولغاي شۇ ھامان توختىدى، مەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان رايون مەركىزى ئەتراپىنى دېدىم. ئۇ ماقۇل دېدى، لېكىن 10 سوم دېدى.  مەن ئۇنى مېنى دەپ بەك ئايلىنىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ  ئۇنىڭدىن يېنىدىكى خەنزۇ يولۇچىنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى سورىدىم، ئاپىرىدىغان يېرى دەل مەن بارىدىغان تەرەپتىن ماڭسىمۇ بەك ئوڭ كېلىدىغان يەر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ‹ نېمانداق قىممەت ئالىسىز ›   دەپ سورىدىم.  ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابى مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى، ئۇ نېمە دېدى دەيسىلەر؟  ئۇ ماڭا ‹ ئۇ يەرگە مەندىن باشقا تاكسى سېنى ئاپارمايدۇ› دېدى.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ  ئاچچىق كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا ئۇنىمۇ سەنلەپ تۇرۇپ ‹بۇ بەش سوملۇق يولدىنمۇ قىسقا ئارىلىق تۇرسا، نېمانداق قىممەت ئالسەن؟ ھازىر دېگەن يا ئالدىراش ۋاقىت بولمىسا، مەن سەندىن باشقا تاكسىلارنىمۇ توسالايتتىم، لېكىن بەك قاراپ كەتكەنتىڭ، سېنى ئويلاپ قوش كىرا قىلىۋالسۇن دەپ  تاكسىرىڭغا چىقسام مۇشۇنداق قىلساڭ توغرا بولامدۇ ؟ ئاۋۇ دېگەن سۆزۈڭدىن بەك قاتتىق  ‹ تەسىرلىنىپ › كېتىۋاتىمەن جۇمۇ، توۋا ، مەن بارىدىغان يەر يا شەھەر سىرتى بولمىسا سەندىن باشقىسى ئاپىرىشقا قىزىقمىغۇدەك ، دېدىم. ئۇ گەپمۇ قىلماي بولدى 7 سوم بەرگىن دېدى، مەن مەيلى دېدىم، لېكىن پۇلدىن باشقا ئۇنىڭ ھېلىقى قىلغان سۆزى ئاچچىقىمنى بەك كەلتۈردى، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئوشۇقچە سەتلىشىپ ئويۇن قويغۇم كەلمىدى.  شۇ سۆزىمىز  تۈگەپ تەخمىنەن10 سكۇنتلاردىن كىيىن ئۇ ماشىنىسىنى توختاتتى ماڭا قاراپ ‹ خاپا بولماي مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالغىن، يولىمىز بىر ئەمەسكەن ، باشقا تاكسى بىلەن كەتكىن›دېدى، مەن ئۇنىڭغا دىيىشكىنىمىز بويىچە ھېساپلاپ 2 سوم تەڭلىدىم ھەمدە مەن قالغان 5 سوم بىلەن قايتىپ كېتەي دېدىم، ئۇ پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ماشىنىسىدا  ئولتۇرغان  شۇ قىسقا دەقىقىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ ماي پۇلى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي 2 سومنى بەردىم، ئۇمۇ ئالدى.
چۈشۈپ باشقا تاكسى بىلەن قايتىپ كەتتىم، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئەمەس...
         مەن كۆپ ھاللاردا تاكسىغا  ئولتۇرىمەن، غۇلجىنى ئېلىپ ئېيتسام غۇلجىدا ئۇنداقلار ئىنتايىن ئاز ساندا، نەچچە ئون يىلدىن تۇنجى قېتىم ماڭا ئۇچرىشى.  كۆپ ساندىكىلەر يەنىلا 5 سومدىن باشلاپ ئالىدۇ ھەمدە مۇئامىلىسى شۇنداق ياخشى.
كېسىپ ئېيتقاندا مەن غۇلجىدىكى تاكسىچىلاردىن بەك رازى.
        ئەمدى باشقا يۇرت بولسۇن ۋە ياكى غۇلجا بولسۇن ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت، بۇ يەردىكى پەرق پەقەت شۇ جازانىخورلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاشۇ يۇرتتىكى تاكسىچىلاردا ئىگەللىگەن نىسبىتىنىڭ كۆپ ئازلىقى. بۇ دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئونۋىرسال مۇنازىرە مۇنبىرى، ھەركىم ئۆزى كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى بويىچە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ھەمدە كۆز-قاراشلىرىنى سۆزلەيدىغان گەپ.
  شۇڭا  بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئۆز ھىسسىياتىمىز بويىچىلا قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كېسىپلا خاتا دېسەك توغرا بولمايدۇ.   مەسىلەن مەلۇم قېرىندىشىمىز ئۆز ياشاۋاتقان يۇرتىدىكى ئەھۋالنى دەپ زارلانسا ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ سېسىق گەپلەر بىلەن ئىنكار قىلىۋەتسەك توغرا بولمايدۇ؟  سىز يا ئۇ يۇرتتا بولمىسىڭىز؟  ئەگەر سىز شۇ يۇرتتا بولغان بولسىڭىز سىز ئۆزىڭىز ياخشى بولغان بىلەن ئۇلار بەلكىم كۆپ ھاللاردا شۇنداق ناچارلىرىغا ئۇچراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ دېگەن مەۋھۇم دۇنيا، شۇڭا بەزىبىر تەكلىپ - پىكىرلەرنى شۇ كەسپتىكىلەرنىڭ ئاڭلاپ كۆرۈپ قويغىنىنىڭمۇ زىيىنى يوق.  پىكىر تەكلىپنىڭ زىيىنى يوق، سىز ئۇنداق بولمىغان بىلەن باشقىلار شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقلارنىڭ ئىنساپسىزلىقىنى نورمال يوسۇندا قامچىلىغىلى قويايلى، ئۆزىمىزگە ئېلىۋالمايلى،   ھەقىقەت دېگەن شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ. ئۆلسەك ھېچنىمىنى ئەكىتەلمەيمىز، ئىنساپلىق بولايلى، ھەرقانداق كەسپ ئىگىسى مەلۇم يۇرتتىكى شۇ كەسپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىلا دۇرۇس ئىش قىلىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ، شۇنداقتۇ؟ ئەيپلىگەنلەر شۇنداق قىلغانلارنى ئەيپلىسە ئەيىپلىشىگە يول قويۇڭلار، ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق ھوقۇقى بار،يول قويۇشتىكى ئالدىنقى شەرت :پەقەت ئۇلار ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمىگەن بولسىلا.
      ئەمدى تاكسى شوپۇرى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەيپلىگەندە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە مەن قەتئىي قارشى !!!!!  باشقا ساھەلەردىكى ئىشلاردىمۇ ھەم شۇنداق.
      مۇنازىرە مۇنبىرى دېگەندە ئاشۇنداق ئوخشىمىغان كۆز قارىشىمىزنى دەپ ئاخىرى ئورتاقلىشىدىغان گەپكەن.   
           قېرىنداشلىرىمنىڭ مەيلى قايسى ساھە قايسى نۇقتىلاردا بولسۇن ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلىپ پىكىر بايان  قىلىشىنى، ھەممە ئىشتا  ئۆز شەخسىي مەنپەئەتىنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويماسلىقىنى ، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ ئويلاپ بېقىپ ،بىزدە ئاۋال پىچاقنى ئۆزۈڭگە سانجىپ بېقىپ ئاغرىمىسا ئاندىن باشقىلارغا سانجىغىن دېگەن ھېكمەت بارغۇ؟!   ھەممە ساھەلەردە شۇ ھەقىقەت بويىچە ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 11:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
takse xopurlar,,,

mimindak  tarbiya kormigan nima san  , bak tagdimu ya



ئۈمۈد ئادەمنى غەلبىگە باشلايدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50684
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 3203 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 11:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردىكى تاكسىچىلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلار قەشقەر پويىز ئىستانسىسىغا بارسىلا بىلىپ قالىدۇ، باشقا يەردىن كەلگىنىڭىزنى بىلىپ قالسىلا بىر ئادەمگە شەھەر ئىچىگە 15 يۈەندىن كەم ئالمايدۇ، 4 ئادەم تولۇق چىقسا ئاندىن ماڭىدۇ، دىمەك، بىر تاكسى پويىز ئىستانسىسىدىن شەھەر ئىچىگە 60 يۈەنگە ماڭدى دىگەن گەپ. بۇ گېپىمگە ئىشەنمىگەنلەر پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umud28 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-6 11:58 PM  


ئۈمۈد28

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71635
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 12:18:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار ئېسل سۈپەتلىك تاكسىي شوپۇرلرىمىزغا قىلنغان ھاقارەت بولۇپ قالمىسۇن، ئىنساپنى بىلدىغان ئەخلاقىلىق تاكىيسچى قېرىنداشلار كۆڭلۈڭلەرگە ئالماڭلار.پەقەت بەغەرەز ،ئون يىۋەن پۇلنىڭ نەدىن كېلىدىغننى بىلمەيدىغان ئازساندىكى تاكسيچى ياشلار  ئۆزۈڭلەرگە ئالساڭلار مەن شۇنىڭغا خۇشال

بۇپىكىرگە قۇشۇلىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 12:20:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-6 09:45 PM
سىزنىڭ بىر نەچچە جۇملە گىپىڭىز ھەممەيلەن كۆرۇۋاتقان ھ ...

ئۈزۈمتالكا ......... ما گەپلە سېلىگە ياراشمىدى جۇما
خىلى قول قوياتىم سېلىگە  !
سېلى قەشقەردىن ئەمەسقۇ دەيمەن .
مەن چوڭ بوپ ئېسىمنى بىلسەم . تاكسى بەش كويتى  . يوغان سامسىمۇ بەش موتى .
ھازىر كىچىكىنا سامسا 2 كوي ،  لىكىن تاكسى بەش كوي ....
مۇشۇ ياشقۇچە قارا تاكسىدىن باشقا ، تاكسىلارنىڭ باشلىنىش باھاسىغا 10 كوي تۆلەپ باقمېدىم .
مەن تاكسىچىمۇ ئەمەس ، مۇشۇ شەھەرنىڭ يۇۋاش پۇخراسى
.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
marziyya + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 12:24:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋاقىلغىلى ئىش تاپالماي تاسىچىلارنى غاجاپ ئولتۇرىدىغان گەپمائەمدى؟بۈگۈردىكى تورداشلارئوبدان بىلىدۇ،بۈگۈرناھىيەسىدىن جەنۇبى بۈگۈرنېفىتلىكىگىچەبولغان مۇساپە36كىلومىتىر،كىراسى بىرئادەم يىگىرمەيۈەن ھەممىسى خەنلەرنىڭ ماشىنىلىرى،يەنەبىرئۇيغۇرنىڭ كوچاماشىنىسى باربۇماشنىداماڭسابىرئادەم بەش يۈەن،شۇبىرسىدىنباشقائۇيغۇرشوپۇريوق.بۈگۈردىن تارىم دەرياكۆۋرۈكىگە80كىلومىتىردىن ئارتۇق،كىراسى بىرئادەم يىگىرمەبەش يۈەن،ئاساسەن دىگۈدەك ئۇيغۇرشوپۇرلارماڭىدۇ،بىرسى 36كىلومىتريولنى يىگىرمەكويغاماڭسۇن،يەنەبىرسى 80كىلومىتىريولنى يىگىرمەبەش كويغاماڭسۇن .ئەمدى ئۇيغۇرشوپۇرلارئۇنداق-مۇنداق دىگەن تورداشلاربىرسېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭلارقېنى..............تېخى چاغان ۋاقىتلاردا شۇ36كىلومىتريولنىڭ ئەسلىدىكى 20كويلۇق كىراسى بىرئادەم 50كويغا چىقىدۇ،مۇشۇچاغدابىزغاجاپ ئولتۇرغان ئۇيغۇرتاكسىچلاربولسا50كوي بەرسەك تۆت ئادەمنى 36كىلومىتىرلىق شۇجەنۇبى بۈگۈرنېفىتلىكىگەيەتكۈزۈپ قويىدۇ. بىرئىككى ئادەمنىڭ ئىشنى دەپلائومۇملۇققاباھابېرىش ئاقلانىلىق ئەمەس.
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دىگەن گەپ بارغۇ بىزدە.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9775
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 4678 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 01:41:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىۋىن قونسا غىڭشىيدۇ ، كالتەك تەگسە جىم.قېنى كۆرەرمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82959
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3225
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 02:01:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ ءذيعذرتاكسى شوپۇرلىرى شۇنداق مەدىنى،تىلى گۈزەل ،ياكى ماڭا شۇنداق ياخشىلىرى ئۇچرامدۇ،مەن بۇ يىل 3-ئايدا كونىشەھەرنىڭ ئاۋاتتا ئۆيى بار ساۋاقدىشىمنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر
خەن يولداشنىڭ تاكسىسىنى كىچە سائەت 10لار بىلەن توسۇپ قىلىپ 20يۇئەنگە كىلىشىپ چىقىپ قالغانتۇق، ئۇ بىر نەچچە كىلومىتىر مىڭىپلا يول يىراق پۇل قوشۇپ بەر دەپ تۇرىۋالدى،ساۋاقدىشىم خىلى كاجلىشىپ يۇرۇپمۇ قايىل قىلالماي يەنە بوپتۇ كىچىنىڭ ئىشى دەپ 10يۇئەن قوشتى ئۇ يەنە بىرئاز مىڭىپلا يەنە پۇل قوش بولمىسا چۇشۇپ كەت قايتىپ كىتىمەن دەپ تۇرىۋالدى ئەمىسە قايتىپ كەت دەپ ماشىنىدىن ئەمدىلا چۈشۈپ تۇرساق ئۇراستىنلا تىزلا قايتىپ كەتتى كىم ئويلىغان ھىلىقى ساۋاقدىشىمنىڭ 1000يۇئەن پۇلى شۇ ماشىنا بىلەن .......ا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   quxiniwal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-7 02:03 AM  


ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ،ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيدۇ

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 07:52:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا  تاكسىچىلارغا  بولغان قارىشىم  ئانچە  ياخشى  ئەمەس  ، ئەڭ  ياخشىسى  ھېساۋاتى  ئېنىقىراق  شۇ  بېشىدا شەپكىسى بار  تاكسى ياخشى .

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 10:26:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umud28 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-6 11:55 PM
قەشقەردىكى تاكسىچىلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ قانداق ئىكەنلى ...

دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق  ، قەشقەر پويىز ئىستانسىسىدا  ، تاكسى شوپۇرلىرى خالىغانچە پۇل ئالىدىكەن  .  2011 - يىلى قەشقەرگە پويىز بىلەن بېرىپ  ، مەنمۇ سىز دىگەن ئەھۋالغا يولۇقتۇم   .
قەشقەر  پويىز ئىستانسىسىدا باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرگە  بولغان  قاقتى  - سوقتى قىلىش ئەھۋالى ئېغىر   .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-7 10:27 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش