qog يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 09:58 PM
سىزچە ياخشى نىيەتلىك شوپۇرلار 30%پىرسەنتلا قاپتۇ دە..... ...
بولدى ئۇنداق ئادەملەرگە ئاۋارە بولۇپ سۆزلەپ يۇرمەڭلا. ئاشۇنداق خەتلەرنى يازغانلار تاكسى شوپۇرلىرىدەك بىرەر كۈن مىدىرلىماي تاكسى ماشىنا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ باقسۇنچۇ قىنى؟ قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقى . ھىلىقى سۈۋەرەكنىڭ كۆپلۈكى. ئادەملەرنىڭ ئۇششۇقلۇقى. يەنە كىلىپ بىزنىڭ بۇ يەردىكى شەپكىسى بارلارنىڭ ھەممىسنىڭ تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشى دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى بىلمەيدۇ ئۇلار. تاكسىچىمۇ ئادەم قىرىنداشلار ئۇنداق دىمەڭلار. قەشقەردە نەدە يۈرۈپتۇ 4500 چە تاكسى. مۇشۇ سۆزىڭىزدىنلا سىزنىڭ تاكسىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەن سىزگە ئىيتىپ قوياي قەشقەردىكى تاكسى ماشىنا سانى 2000 غىمۇ يەتمەيدۇ. يەنە بىر گەپ گاز قاچىلاش پونكىتى ئاز ، 5 گاز قاچىلاش پونكىتىدا ئادەتتە 100 دىن ماشىنا ئۆچرەتتە تۇرسا 500 ماشىنا دىگەن گەپ. ناھىيە يىزىلارغا 200 ماشىنا چىقىپ كەتكەن بولسا، 100 ماشىنا رىمنىتخانىدا تۇرغان بولسا. قاتناۋاتقان ماشىنىلار 1200 غىمۇ يەتمەيدۇ. شۇنداق قاتناش بىسىمى ئىغىر ئەھۋالدا سىز بىرەر تاكسى ماشىننى توسۇپ شەھەر سىرتىغا كىرا قىلسىڭىز. بىرىشتىغۇ ئاپىرىپ قويار. قايتىپ كىلىشتە سىز بارغان جايدىن ئادەم چىقماسلىقى قۇرۇق قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولۇپ قىلىشى ئىنىق. شۇنىڭ بەزە تاكسى ماشىنىلار چىقالمايدۇ ئۇنداق يەرلەرگە بۇ ئىنىق. توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. پەقەت ئىشەنمىسىڭىز قولىڭىزدىن كەلسە 515 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ بىر تاكسى ماشىنا سىتىۋىلىپ 5 يۈەندىن كىرا قىلىپ پۇل تىپىپ بىقىڭ. ئاۋۇ پۇلنى سىز ئاشۇ تاكسى ماشىنىنىڭ ئۆمرى تۈگىگەنگە قەدەر تاپالمايسىز.تاكسى ماشىنا ئاران 8 يىل ماڭىدۇ . كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 300 يۈەن تاپسىڭىز ئايدا 9 مىڭ يۈەن. يىلدا 100 مىڭ يۈەن تاپىسىز . بۇنىڭ 30 مىڭ يۈەننى تۇرمۇش خىراجىتىگە چىقىرۋەتسىڭىز. 15 مىڭ يۈەننى ئىستىرا خۇانىيەگە ھەم تاكسى رەسمىيەت ھەققىگە چىقىرىڭ. ماشىنىنىڭ رىمۇنىت ھەققىگە 10 مىڭ يۈەن چىقىرۋىتىڭ . قولىڭىزغا قانچىلىك ئاشتى.يىلدا 45 مىڭ يۈەن دىگەن گەپ 8 يىلدا 350 مىڭ ئەتراپىدا پۇلنى ئاران يىغالايسىز. بۇ جەرياندا ماشىنىڭىزدا بىرەر ۋەقە چىقماسلىقى . ئائىلىڭىزدە ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈن ئىشلىرى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ.
قەشقەر شەھرىمىزدە تاكسى ماشىنىلارنىڭ 90% ھازىر مىللىيلارنىڭ قولىدا. مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن . مۇشۇ ئىش بولسىمۇ بىزگە ئىشىپتۇ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قەدىرلىمىسەڭلار باشقىلار قەدرىمىزنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
ئاۋۇ توردىشىمىز خەنزۇ شوپۇر ياخشى دەپ كىتىپتۇ تىخى. مۇشۇنداقلىقىڭىزدىن ھەم مۇشۇنداقلىقىمىزدىن كۆرىۋاتقان كۈنلىرىمىز مۇشۇغۇ بىزنىڭ. قاراپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق تىلەپ ئولتۇرسىڭىز قەشقەردىكى تاكسى ماشىنا دىگەن نىمە ئۇ . ۋاقتى كەلگەندە بىر خەنزۇ سىتىۋالالايدۇ قەشقەردىكى 2000 تاكسى ماشىننى. يەنە سىزگە شۇنى ئىيتىپ قوياي.
خەنزۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى. تاپىدىغان پۇلى ئاز بۇنداق كەسىپنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ كەسىپ ئۇلارنىڭ قولىدا بولغان بولسا باھا خاتىرلىگۈچ ئاللىبۇرۇن 10 يۈەندىن باشلىنىشى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن. ھازىرقى 5 يۈەنلىك بۇ باھا 97 -يىلى تەڭشەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزگەرمدى كاللاڭلارنى قويۇپ ئويلاپ بىقىڭلار قىرىنداشلار 5 يۈەن دىگەنگە نىمە بىرىدۇ ئاشخانىغا كىرسىڭىز يىرىم لەغمەنمۇ يىيەلمەيسىز. تاكسىچىلارنى تولا ئۇنداق -بۇنداق دىمەڭلار. بەلكىم نامىزىڭىزدا تىلەپ قالسىڭىز سىز دىگەندەك ئارزۇ قىلغاندەك بۇ كەسىپمۇ ئاشۇ مىللەتلەرگە ئۆتۈپ قالار. شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىزغۇ تىخى. ئىشقىلىپ مەن قەشقەردە تاكسى شوپۇرلىرىنى توغرا چۈشۈنىمەن. ھەم بۇ كەسىپنىڭ مونوپۇللۇقىنىڭ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن.