مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qog

ئۇيغۇر تاكسى شوپىرىغا قانداق قارايسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بابۇرخان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45198
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا يەنىلا مىللى تاكسىچىللىرىمىزياخشى
مەنمۇ ئاندا-ساندا تاكسىغا چىقىپ قالىمەن ئەمما كۆپىنچە شۇنچە ئوڭلۇق كىشىلەرنىڭ تاكسىسىغا چىكىدىكەنمەن ئويلاپ باقسام
ئىشقىلىپ قەشقەردىكى تاكسىچى باللار خىلى ئىنساپلىق



پەلەكنىڭ مەن چەكمىگەن دەردۇ-بالاسى قالدىمۇ،خەستە كۆڭلۈم چەكمىگەن جەبرۇ-جاپاسى قالدىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10534
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يامان ھەممە يەر ھەممە كەسىپتە مەۋجۈت
ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا تاكسىنى توختىتىپ، يول بويىدا ناماز ئوقىدۇ. شۇنداق پاكىز تاكسچىلار باركى ماشىنىغا گاز قاچىلغۇچە بىكار تۇرغۇچە ماشىنىسى ئېيتىپ ئەينەكتەك قىلىپ تۇرىدۇ.
يەنە بەزىلەر باركى پىيادىلار يولىنى توسۇۋىۋالدىغان توكسىكىلىت ياكى پىيادىلار تېخى ئۆتۈلمىگەن، يەنە بەزىلەر باركى ئاپتوبۇس بىكىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۋالدىغان كەينىدە ئاپتۇبۇس بارمۇ ماڭىدىغان ئادەم بارمۇ يوق دىمەي قاراپ تۇردىغان........
شەھەر ئىچىدە بولسا باشلىنىش باھاسى بويىچە 5 يۈەن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن سەل يىراق بولسىلا سائەت باسماي دىگەن پۇلىنى ئالدىغان..... بۇ  قىلمىش خاتادۇر؟
ئايدۇرۇمغا بارماقچى بولساق  20 - 30 دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە سائەت بېسىلسا ئەينەكتەك يولدا ئېشىپ كەتسە 12 كويدىن ئارتۇق چىقمايدۇ.................

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86913
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە چوغ ئاتلىق توردېشىمىزنىڭ بۇ تېمىسى تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ، نېمىشقا دېسىڭىز.مېنىڭ خىزمەتدىشىمنىڭ يولدىشى قەشقەردە  تاكىسيچى، سوراپ باقتىم  تاكىسي نومۇرى2742ئىكەن بۇ نومۇر سىدېگەن قەشقەردە 1900تاكىسي بار دېگەن بىلەن بىردەك ئەمەس، ئىككىنچىسى مەن تېخى ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردە دائىمىي تەربىيدىن قايتىپ كەلدىم،مائارىپ ئىنستىتوتىدىن چوڭ بېكەتكە ئىلگىرى 12يىۋەن بىلەن كەلگەنتىم بۇقېتىم بىر ئۇيغۇر بالا ھەيدىگەن تاكىسيدا 20 يىۋەن بىرىپ مائارىپ ئىنستىتوتىغا چقىتىم، ئەمما كىرشتە بىر خەنزۇ شوپۇرنىڭ تاكىسيىسدا ئون يىۋەن بىلەن بېكەتكە كەلدىم.

يەنە تېخى بىر قېتىم  بىر ئۇغۇل بالنىڭ تاكسيىسىغا چقىسام باردىغان يېرىمنى ئاڭلاپ ،چقىمايمەن دېمەسمۇ ئاچچقىمدا تۇرسام ، بىر بەسەي باش كېلىپ قالدى، خەنزۇچە تەستە چۈشەندۇرشىمگە ئۇ مېنى ئېلىپ ماڭدى.
مېنىڭچمۇ بەزى ئۇيغۇر تاكسىيچىلارغا بولسا 100 يىۋەن تەڭلەپ بولدى قايتۇرما دېسەك رازى بولىدىغاندەك، خۇددى بىز پۇلنى سۈپۈرىۋالدىغاندەك.

راسىت مەنمۇ ئاڭلىغان يەكەندە تاكىسي قالايمىقان دەپ. ئىلگىرى داشۆدىكى يەكەنلىك بىر ساۋاقدىشىم توكسكىلىت بىلەن كېتىۋاتسا  شۇيەرللىك بىر ئويغۇرتاكىيسكەش ئالدى تەرەپتە تۇيۇقىسىز توختاپ ھادىسگە ئۇچراتقۇزغان  ۋە قېچىپ كەتكەن، قاتناش ساقچى ئەتىتى تېلكامىرا ئارقىلىق ئۇ لەنىتىنى ئىزدەپ تاپقان ئىكەن ، بىچارە قەشقەردە 5 ئاي داۋالانغان، ئەمما ئۇ لەنىتى بىر قېتممۇ يوقلاپ قويمىغان تېخى  پۇل  يوق دەپ تۇرۋىلىپ ،ئەرىز قىلىش ئارقىلىق  سوتتىن 30مىڭ يىۋەن داۋالنىش ئىشتىن قېلىش ھەققى ئېلىپ بەرگەنلكىنى ئېيىتقان ئىدى.بىز يوقلاپ بارغان.

مېنىڭچە چوغ ئەپەندى باشقىلارنىڭ گېلىغا پىچاق تەڭلەپ {ئۇيغۇر تاكسىيچىلرىمىز  ياخشى }دېگۈزىدىغان ئوخشايدۇ.نېمىشقا دېسەڭلار ، مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، كېنىشكىنى ئېتىزلقتا ئېلىپ ساپاسىزلقى بىلەن رول تۇتىدىغان بەزى تاكىسسيچىلار راسىتىنلا مەۋجۇت. شۇڭا تورداشلار قايمۇقۇپ قالماڭلار .
سىلەرگە قەشقەر كوناشەھەر ناھيىسىدىكى تاكىيسيلار نېمىشقا تۈزەلمەيدۇ دېگەن تېمنى ۋە يانداش ئىنكاسلارنى تەۋىيە قىلمەن
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90436-1-1.html

تەسكىن دېگەن توردشىمىزمۇ شۇنىداق ئىشلارغا يولۇقىمىسا مۇشۇنداق تېما يازامتى، قىسقىسى ئىنساپ قىلمىسا ھەر ئىش بولىدۇ .خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدەك.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tilsim113 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 01:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86913
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-6 09:45 PM
سىزنىڭ بىر نەچچە جۇملە گىپىڭىز ھەممەيلەن كۆرۇۋاتقان ھ ...

راسىت دەيسىز، كۆپ قىمسمى ساپاسىز

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tilsim113 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 01:08 AM
مېنىڭچە چوغ ئاتلىق توردېشىمىزنىڭ بۇ تېمىسى تولىمۇ يۈز ...


سىزنىڭ ئۇ خېزمەتتىشىڭىز بەسەيكەندە؟2742دىگەن ماشىنا خەنزۇنىڭ ماشىنىسىغۇ دەيمەن.سىز يەنە قەشقەردە 1900 ماشىنا بار دەپسىز لىكىن خېزمەتدىشىمنىڭ ماشىنىسىنىڭ نۇمىرى 2742 كەن بۇ بىردەك ئەمەس دەپسىز؛توغرا قەشقەردە 3888 دىگەن نۇمۇرلۇق ماشىنىمۇ بار.لىكىن نومۇر تاختىللىرى رەت تەرتىۋى بويىنچە تولۇق ئەمەس.
ئىككىنجى نارازىلىقىڭىزغا كەلسەك،مائارىپ ئىنستىتوتىدىن چوڭ بېكەتكە ئىلگىرى 12يىۋەن بىلەن كەلگەنتىم بۇقېتىم بىر ئۇيغۇر بالا ھەيدىگەن تاكىسيدا 20 يىۋەن بىرىپ مائارىپ ئىنستىتوتىغا چقىتىم، ئەمما كىرشتە بىر خەنزۇ شوپۇرنىڭ تاكىسيىسدا ئون يىۋەن بىلەن بېكەتكە كەلدىم ...دەپسىز.بۇ گىپىڭىزنىڭ تازا باغلىنىشى يوقمۇ قانداق.سىز دىگەن ئورۇن شەھەر سىرتىدا ئۇ يەرگە 20 يۈەنگە چىقىدۇ توغرا.لىكىن قايتىپ كىرىشتە 10 يۈەنگە ئالغاچ كىلىدىغان گەپ.ھە راس بىزنىڭ قەشقەردە بەسەيچاقلارنىڭ ئولتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.بىر كۈن ساقلىسىڭىز بىرنى يا ئۇچرىتالايسىز يا ئۇچرىتالمايسىز.لىكىن سىزنىڭ تەلىيىڭىز باركەن مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن قايتاشىڭىزدا سىزگە بەسەيچاق ئۇچراپتۇ،ئۇمۇ ئۇ يىزىدا ئۇچرىغان لوق گۆشنى قويۇپ بەرمەيدۇ دە.

يەنە بىر گەپ مەن سىزنىڭ گىلىڭىزغا پىچاق تەڭلەپ ئۇيغۇر تاكسىچىلارنى ياخشى دەڭ دىمىدىم.لىكىن سىز تورداشلارنى گېلىغا پىچاق تەڭلەپ خەن تاكسىچىلارنى ياخشى دەڭلار دەيدىغان ئوخشايسىز...ئىشەنمىسىڭىز ئىنكاسىڭىزنى قايتا ئوقۇپ بىقىڭ.چۈشۈنۈشكە بولىدۇ خېزمەتتىشىڭىزنىڭ ئىرىكەن ئەمەسمۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qog تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 10:26 AM  


ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tilsim113 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 01:20 AM
راسىت دەيسىز، كۆپ قىمسمى ساپاسىز


توغرا دىدىڭىز ئۇلار ساپاسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا تاكسى شوپۇرى بولۇپ قالغان،سىزدىن ئۈگۈنىشكە ئەرزىيدۇ چۈنكى سىز بىر جۈملە سۆزىڭىزدە ئاران بىر تاللا ئىملا خاتالىقى باركەن ئەمەسمۇمانا بۇنى ساپا دەيمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qog تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 10:47 AM  


ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5474
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ‹ چەنتۇلار مانا شۇنداق بىر- بىرىنى يەپ ، بىر-بىرى بىلەن تالىشىپ قان بولىشىدۇ .ھى، ھى ، ھى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار ھېرىپ ھالىدىن كېتىشكەندە ، نۇسرەت يەنە ماڭا قۇچاق ئاچىدۇ . ›

  _____شىڭ شىسەي خاتىرلىرىدىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qog + 10 راس دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10084
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1861 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن خەنچە مۇنبەردە مۇنداق بىر تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ،بىر بەسەي  تاكسىي ساقلىسا ئۇيغۇر تاكسىيچى كەپتىكەن ،ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرىشىغا يەنە بىر ئۇيغۇر خېرىدارمۇ كەپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن  تاكسىي شوپۇرى بەسەيچاقنى سەن بارىدىغان يەردە قاتناش توسۇلۇش ئېغىركەن دەپ ماشىنىدىن چۈشۈرىۋېتىپ ،ئۇيغۇر خېرىدارنى ماشىنغا سېلىپ كېتىپتۇ .
昨天下班没赶上公交车,准备打车呢,刚好来了辆出租车,坐上去是个维族师傅,结果又来一维族男的,呢司机就让我下车,说什么堵车厉害,把我给气的……本来想投诉呢,结果车牌号气的忘记了…

بايتۇرا

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baytura يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 10:56 AM
بۈگۈن خەنچە مۇنبەردە مۇنداق بىر تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ،ب ...

بۇ ئەھۋال خەن تاكسىچىلاردا بەكىرەك ئىغىر،كۆرۈپ تۇرىمىز بۇنداق ئىشلارنى.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11237
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 2873 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-6 09:45 PM
سىزنىڭ بىر نەچچە جۇملە گىپىڭىز ھەممەيلەن كۆرۇۋاتقان ھ ...

بولدى ئۇنداق ئادەملەرگە ئاۋارە بولۇپ سۆزلەپ يۇرمەڭلا. ئاشۇنداق خەتلەرنى يازغانلار تاكسى شوپۇرلىرىدەك بىرەر كۈن مىدىرلىماي تاكسى ماشىنا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ باقسۇنچۇ قىنى؟ قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقى . ھىلىقى سۈۋەرەكنىڭ كۆپلۈكى. ئادەملەرنىڭ ئۇششۇقلۇقى. يەنە كىلىپ بىزنىڭ بۇ يەردىكى شەپكىسى بارلارنىڭ ھەممىسنىڭ تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشى دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى بىلمەيدۇ ئۇلار. تاكسىچىمۇ ئادەم قىرىنداشلار ئۇنداق دىمەڭلار. قەشقەردە نەدە يۈرۈپتۇ 4500 چە تاكسى. مۇشۇ سۆزىڭىزدىنلا سىزنىڭ تاكسىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەن سىزگە ئىيتىپ قوياي قەشقەردىكى تاكسى ماشىنا سانى 2000 غىمۇ يەتمەيدۇ. يەنە بىر گەپ گاز قاچىلاش پونكىتى ئاز ، 5 گاز قاچىلاش پونكىتىدا ئادەتتە 100 دىن ماشىنا ئۆچرەتتە تۇرسا 500 ماشىنا دىگەن گەپ. ناھىيە يىزىلارغا 200 ماشىنا چىقىپ كەتكەن بولسا، 100 ماشىنا رىمنىتخانىدا تۇرغان بولسا. قاتناۋاتقان ماشىنىلار 1200 غىمۇ يەتمەيدۇ. شۇنداق قاتناش بىسىمى ئىغىر ئەھۋالدا سىز بىرەر تاكسى ماشىننى توسۇپ شەھەر سىرتىغا كىرا قىلسىڭىز. بىرىشتىغۇ ئاپىرىپ قويار. قايتىپ كىلىشتە سىز بارغان جايدىن ئادەم چىقماسلىقى قۇرۇق قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولۇپ قىلىشى ئىنىق. شۇنىڭ بەزە تاكسى ماشىنىلار چىقالمايدۇ ئۇنداق يەرلەرگە بۇ ئىنىق. توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. پەقەت ئىشەنمىسىڭىز قولىڭىزدىن كەلسە 515 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ بىر تاكسى ماشىنا سىتىۋىلىپ 5 يۈەندىن كىرا قىلىپ پۇل تىپىپ بىقىڭ. ئاۋۇ پۇلنى سىز ئاشۇ تاكسى ماشىنىنىڭ ئۆمرى تۈگىگەنگە قەدەر تاپالمايسىز.تاكسى ماشىنا ئاران 8 يىل ماڭىدۇ . كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 300 يۈەن تاپسىڭىز ئايدا 9 مىڭ يۈەن. يىلدا 100 مىڭ يۈەن تاپىسىز . بۇنىڭ 30 مىڭ يۈەننى تۇرمۇش خىراجىتىگە چىقىرۋەتسىڭىز. 15 مىڭ يۈەننى ئىستىرا خۇانىيەگە ھەم تاكسى رەسمىيەت ھەققىگە چىقىرىڭ. ماشىنىنىڭ رىمۇنىت ھەققىگە 10 مىڭ يۈەن چىقىرۋىتىڭ . قولىڭىزغا قانچىلىك ئاشتى.يىلدا 45 مىڭ يۈەن دىگەن گەپ 8 يىلدا 350 مىڭ ئەتراپىدا پۇلنى ئاران يىغالايسىز. بۇ جەرياندا ماشىنىڭىزدا بىرەر ۋەقە چىقماسلىقى . ئائىلىڭىزدە ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈن ئىشلىرى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ.
قەشقەر شەھرىمىزدە تاكسى ماشىنىلارنىڭ 90% ھازىر مىللىيلارنىڭ قولىدا. مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن . مۇشۇ ئىش بولسىمۇ بىزگە ئىشىپتۇ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قەدىرلىمىسەڭلار باشقىلار قەدرىمىزنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
ئاۋۇ توردىشىمىز خەنزۇ شوپۇر ياخشى دەپ كىتىپتۇ تىخى. مۇشۇنداقلىقىڭىزدىن ھەم مۇشۇنداقلىقىمىزدىن كۆرىۋاتقان كۈنلىرىمىز مۇشۇغۇ بىزنىڭ. قاراپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق تىلەپ ئولتۇرسىڭىز قەشقەردىكى تاكسى ماشىنا دىگەن نىمە ئۇ . ۋاقتى كەلگەندە بىر خەنزۇ سىتىۋالالايدۇ قەشقەردىكى 2000 تاكسى ماشىننى. يەنە سىزگە شۇنى ئىيتىپ قوياي. خەنزۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى. تاپىدىغان پۇلى ئاز بۇنداق كەسىپنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ كەسىپ ئۇلارنىڭ قولىدا بولغان بولسا باھا خاتىرلىگۈچ ئاللىبۇرۇن 10 يۈەندىن باشلىنىشى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن. ھازىرقى 5 يۈەنلىك بۇ باھا 97 -يىلى تەڭشەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزگەرمدى كاللاڭلارنى قويۇپ ئويلاپ بىقىڭلار قىرىنداشلار 5 يۈەن دىگەنگە نىمە بىرىدۇ ئاشخانىغا كىرسىڭىز يىرىم لەغمەنمۇ يىيەلمەيسىز. تاكسىچىلارنى تولا ئۇنداق -بۇنداق دىمەڭلار. بەلكىم نامىزىڭىزدا تىلەپ قالسىڭىز سىز دىگەندەك ئارزۇ قىلغاندەك بۇ كەسىپمۇ ئاشۇ مىللەتلەرگە ئۆتۈپ قالار. شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىزغۇ تىخى. ئىشقىلىپ مەن قەشقەردە تاكسى شوپۇرلىرىنى توغرا چۈشۈنىمەن.  ھەم بۇ كەسىپنىڭ مونوپۇللۇقىنىڭ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش