زاغرا يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 01:00 PM
سەنئەتنى قوللىمايدىغانلار يۈزىمىزنى تۆكەۋاتقان سەنئ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم زاغرا،
دىگەن گەپلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار، دۇنيادا ئىنسان قىلىدىغان ئىشلار ئىچىدە پۈتۈنلەي مۇكەممەللىككە ئىگە ئىش بولمايدۇ.ھەر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى ۋە يامان تەرىپى بولىدۇ، ئەگەر بىز ئىنسانلارغا قويۇپ بەرسە ،كۆپىنچىمىز ئۇنى ياكى يامانغا چىقىرىۋىتىمىز،ياكى پۈتۈنلەي ياخىشغا چىقىرىۋىتىمىز.ئۇنىڭ پايدا زىينىنى بىز بىلىپ يىتىپ بولالمايمىز، بەزى نەرسىلەرنى تاللاش ياكى شاللاش قاچىدىكى كۆكتاتنى تاللىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆلچەملىك تاراز،توغرا دۇنيا كۆز قارىشى بولىشى كېرەك. بۇ دۇنيا قارىشى دەل ئىسلامدۇر. بەزىلەر ئىسلام دىنىنى ئەمەلىيەتتىن يىراق،مۇسۇلمانلارنى خيالى، غايىۋى دەپ قارايدىكەن. ئەمما ھەقىقەتكە ،رىئاللىققا ئىسلامىيەتتىنمۇ يېقىن ھىچ كۆز قاراشنى، ھەقىقى مۇسۇلمان كىشىدىنمۇ بەكرەك رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىنى تېپىش مومكىن ئەمەس. ئىنكاسىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىردا ھاراق شاراپ توغىرسىدا سۆزلەپسىز ،ئۇنداقتا بىز ھاراقنى مىسال ئالايلى، بەزىلەر ئۇنى ياماندىن يامانغا سېلىپ تىللاپ ئۇنىڭدا ھىچ ياخشلىق يوق دىيىشى مومكىن. بەزىلەر ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشى مومكىن، ئۇنداقتا ئۆلچەم قەيەردە؟ بۇ يەردە،يەنى ئۇلۇغ كىتاپتا. ئاللاھنىڭ ھاراق توغىرسىدا پەيغەمبىرىمىزگە بىلدۈرۈپ چۈشۈرگەن ئايىتىگە قارىساق:
(ظى مۇهةممةد!) سةندىن هاراق ۋة قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سةن ظۇلارغا: «بۇنىث هةر ظىككىسىدة چوث گۇناھ ۋة كىشىلةرگة (ظازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لكىن ظذلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تىخىمۇ چوث دىگىن، .....سۈرە بەقەرە 219-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
ئىسلام ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى يوشۇرۇپ يامان تەرىپىنى دىگىنى ياكى يامان تەرىپىنى يوشۇرۇپ ياخشى تەرىپىنى دىگىنى يوق. قىلچە كۆپتۈرمە يوق، نەئۇزۇبىللاھ.....
ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نەرسە ئۇنى ئىچكەن كىشىنىڭ يۈرىكىنى ۋاقىتلىق چوڭايتىش،ئەمەلدارلار سورۇنلىرىدىن قالماي ،شۇ كىشىنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرىشى ئىشلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىقلار بولىشى مومكىن.ئەمما ئۇنىڭدا تېخىمۇ زور زىيانلار بارلىقىنى قۇرئان بايان قىلدى. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنى ھارام قىلدى ،كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھاراق كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋاتىدۇ،ھەتتا بىرقىسىم كىشىلەر ھاراقتىن ئىبارەت بۇ قورالنى مۇسۇلمانلار ئېتقادىنى ئاجىزلاشتۇرىدغان ئالتۇن ئاچقۇچ سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە.بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغۇچى ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن.