gulen يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 12:22 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
.1سىزچە بولغاندا بىز غەرپنىڭ زۇلىمى ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گۈلەن ئاكا،
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشالمەن ،
بۇ سۇئاللىرىڭىزغا بىردىنبىر جاۋاپ بىرەي،
1. بىز غەرىپنىڭ ئوچۇق زۇلمىدا ياشاۋاتمايمىز، ئەمما غەرىپ ئىددىيسى بىزگە تەسىر قىلىپ،تۇيدۇرماستىن سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن تولىمۇ ئاز ساندىكى زىيالىيلىرىمىز ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىياقى بار. ئەمما يەھۇدىيلارنى بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرىدىغان، خىرسىتئانلىشۋاتقان ، تۇغۇلغان كۈنلىرىنى ،توي مۇراسىملىرىنى ھەتتا ئۆي بېزەك كىيىم كېچەكلىرىنى غەرىپكە ماسلاشتۇرۇشنى مودا قىلىۋالغان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرغا قاراپ ئەپسۇسلانمامسىز؟ ئەجىبا بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن كەلگەن بولغىيمىدى؟ بۇ غەرىپ ئىددىيسىنىڭ تەسىرى ئەمەسمۇ؟
2.ئىلگىرى يۈسۈف خاس ھاجىپ بوۋىمىزدەك ئىلغار پىكىرلىك،بىلىملىك كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىغا ھۆرمەت قىلىنغان بولسا ،ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز،ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ «مىللەت» چىلىك ئىددىيسىنى ھۆرمەتلەيدۇ.مىسال : ھازىرمۇ بىلىملىك كىشىلىرىمىز خېلى بار ، ئەمما ئىلگىركىدەك يىزىق ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشلارنى قويۇپ تۇرايلى، ئەڭ ئاددىيسى سىز بىر ئادەتتىكى مىللىي ئادەتنى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟ ئىشىنىمەنكى سىز جۈرئەت قىلغان تەقدىردىمۇ يەنە كۆپلىگەن ئادەم بۇنىڭ پايدا زىينىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ئاتا بوۋىمىز مۇشۇنداق قىلغان دىگەننى كۆتۈرۈپ چىقىشتىن يانمايدۇ. بۇنداق ئىددىيەلەرنى تازىلىمىغۇچە،ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەنمىگۈچە،بىزدىكى نادانلىقلار تۈگىمەيدۇ.
3.مەن سەنئەتچى بولۇپ كەتتى دىمىدىم . ھەم ماقالەمدىمۇ بۇنداق سۆز يوق. مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى ئالىي مەكتەپ ياكى تولۇق ياشلىرى ئارىسىغا چۆكۈپ باقسىڭىز بىلىسىز. قايسى بىر ئولتۇراشلىرى ناخشا مۇزىكىسىز؟ قايسىبىر يىغىلىشى ئۆگىنىش ياكى كەلگۈسى ئۈچۈن مۇنازىرلىشش؟ بەلكىم باردۇ؟ئەمما تولىمۇ ئاز ساندا..........قىزلارنىڭ كىنو ناخشىلارغا بولغان ھىرىسمەنلىكى ،ئوغۇللارنىڭ ئويۇن تاماششا ئۇسۇل كېچىلىكلىرىگە بولغان تەشنالىقى ھەقىقەتەن يۇقىرى . ئەلبەتتە نورمال ئىلىپ بىرىۋاتقانلارمۇ بار، ئەمما بىز بىرلىشىمىز دەيدىكەنمىز قېيىپ كەتكەنلەرنى چاقىرىشىمىز ئويغانغانلار تېخىچە ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغىتىشىمىز كېرەك.
4.ئالدى بىلەن سىياسەت توغىرسىدا گەپ ئېچىپسىز. بۇنى مەن ئوبدان چۈشىنىمەن. ئەمما بۇنداق ئىشلارنى ھىچكىم ناخشىسى بىلەن ئۇسۇلى بىلەن توسالمايدۇ. غەپلەتكە ئىسراپ قىلغان ۋاقتىنى ئىلىم مەرىپەت ئۆگىنىشكە ، قانۇننى ،پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشقا ئىشلىتىش بىلەن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. بۇنى ئەلبەتتە سىز مەندىن ياخشى بىلىسىز. ئەمدى شېرىكلىككە كەلسەم، بۇنىڭغا پەتىۋا بەرگۈچى ئەمەسمەن .ئەمما بىلىشىڭىز كېرەككى ،بىر كىشى مال دۇنياسىنى ئوغىردىن ساقلاشنى نىيەت قىلىپ ئىت باققان بولسا دىمەك بۇ شېرىك ئەمەلدۇر،چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. مەسىلە چوقۇم بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىيىمدە ئەمەس، مەسىلە قەلىپتە. ئۇنداقتا سىز كۆك بۆرىگە بولغان مىھىر مۇھەببەتنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ياغلىقنى ئوڭشاپ تېڭىش ئۈچۈن ، سىزدەك نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز ،زىيالىي ياشلىرىمىز خەلىقنىڭ خۇددى ئۇيغۇردىن ،ئەرەپتىن باشقا ئادەم ئېتقاتسىز ياشايدىغاندەك ئېتقاد قالاقلىق ،مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان كاللىسىنى ،كۆزىدىكى چاپاقنى ئالمىسا بولمايدىكەن. يەنە دىسەم يەنە شۇ گەپ، ئبادەت ناماز ،روزا زاكاتلا ئەمەس . ياكى سەللە ،ياغلىق، ساقاللا ئەمەس. ياكى قۇرئاندىن باشقا كىتاپنى ئوقۇما دىگەن گەپمۇ يوق. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئىلىم يىراق چىندا (جوڭگۇدا)بولسىمۇ بىرىپ ئىلىڭلار !دىگەن. يەنە:ھىكمەت مۆمىننىڭ قۇۋۋىتىدۇر، ئۇنى قەيەردە كۆرسە ئالىدۇ .دىگەن، بەلكىم مەسىلىنىڭ مەنبەسى دىنسىزلىق ئەمەستۇر،ئەمما ھەل قىلىش يولى ئىسلام ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. مەن غەرىپنىڭكىنى ئوقۇماڭلار دىمىدىم، مۇھىت تەسىرى دىگەن قىسمىدا مۇھىتتىن ئىبارەت توسۇقنى ھەرخىل يوللار بىلەن يېڭىپ دۇنيانى چۈشىنىشكە،سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچىرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدىم، ئەگەر غەرىپنىڭكىنى ئوقۇما دىگەن نەزەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان بولسام زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكاشنى،سىزنى ۋە ئەركىن سېدىق ئاكاشنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلمىغان بولاتتىم . ئوقۇسا مەيلى ،ئۆگەنسە بولىدۇ لىكىن نىمىنى ئۆگىنىش نىمىنى ئۆگەنمەسلىك مەسىلىسى .