barisjan يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 01:21 AM
چولپان دۇستۇم سىزنىڭچەئۇيغۇرلارئاتا-بوۋىسىدىن تېنىش ...
قېرىندىشىم بارىسجان،ئالدى بىلەن سىزدىن شۇنى سورىسام سىز قۇتادغۇ بىلىكنى ئوقۇپ باققانمۇ؟
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى قايسى بىر ئارتىسنى تەڭ قويالايسىز؟؟؟؟؟؟؟
بىزنىڭ ئەجدادىمىز مەلۇم بىر قىسمى ناخشا مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ،بىز سەنئەتچى مىللەت ئەمەس. ئۇيغۇرنى دۇنياغا ئىلىم مەرىپەت بەكرەك تونۇتتى ، چۈنكى، يۈسۈف خاس ھاجىپنى ،مەخمۇت قەشغەرىينى ھەممە ئەل تونۇيدۇ، مۇقەددەس كەبىگە ھۆسىنخەت يازغۇچى ھەم ئۇيغۇرلاردىن ئىدى .ئاتا بوۋىلارنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇشنى خالايدىكەنسىزيۇ نىمىشقا ئۇلارنىڭ باسقان ئىزىنى ئىزدەپ باقمايسىز؟ئەجىبا ، ئىچكىردىكى تىلى،كىينىشى،چىرايى ھىچبىر ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان ، ئاتالمىش سەنئەت بىلەن پۇل تېپىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلارنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز ،قوللىشىمىز كېرەكمۇ؟سىزنىڭ ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىڭىز ئايدىڭ ئەمەسكەن. مۇسۇلمان بولۇش پەقەت ئاخىرەت ھاياتىنىلا ئويلا دىگەنلىك ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھ بۇ دۇنيانى دەپ ئۇ دۇنيانى تاشلىغانلاردىن ،ۋە ئۇ دۇنيانى دەپ بۇ دۇنيانى تاشلىغانلاردىن ،ئىككىلى دۇنيانى تەڭ تۇتۇپ ماڭغانلارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ . ئىسلام ئەرەپلەرگىلا خاس ئەمەس.ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دىنى . ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان بولىشى ئەرەپلىشىش ئەمەس،ئۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىسلام توغىرسىدا ماقالە يازماسلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار. بىرى ،ئۆزى تېخى ھىس قىلىپ يەتمىگەن بولىشى مومكىن.ئىككىنجىدىن ،ئىلان قىلىش مومكىن بولماسلىقى ۋە سىزنىڭ كۆرمەي قالغان بولىشىڭىز مومكىن.
مانا بۇلار زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بىر ماقالىسىدە بايان قىلىنغان قىسقا ئابزاس:
بىز تېلۋۇزۇردا «خۇداغا ئامانەت» دىگەن گەپنى دىگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن مۇختەر مەخسۇتقا (ئۇ نازىر ھەم بەك سەۋىيىلىك ئادەم ئىدىغۇ،نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟) «دۇنياۋى يۈز مەشھۇر ئەسەر» نىڭ پاخال ئەسەرلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئاران 30% دائىرىدە كىتاب چىقىرىش ئىمكانىيىتى قالغان ئىجادىي ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئورنىنى ئەخلەت كىتاب ئىگىلەپ »كەتمەسلىكى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئەبەيگە، تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا «خۇدا ، مۇسۇلمان» دىگەن گەپلەرنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن پولات ھېۋزۇللاغا (2007-يلى 12-ئايدا تەڭرىتاغ ژۇرنىلىغا ماقالە ئاپاردىم، ئىمىر ھەسەن ژۇرنالنىڭ بۇ تەلىپىنى دەپ بەرگەندە يىغلىغۇدەك بولۇپ چىققانىدىم)، «بەدەن ئىملىرى» قاتارلىق ئويغۇرلارغا كېرىكى يوق كىتابلارغا مەبلەغ سېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەقىللىق ئەركىن ئىبراھىمغا گەپ قىلىشىمىز، خەت يېزىشىمىز كېرەك.
سىزنىڭچە ئۇيغۇرلار كۆپ كىتاپ ئوقۇسا جاھالەتتە قالامدۇ؟ياكى ناخشا ئۇسۇل بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسە جاھالەتتە قالامدۇ؟ ئاشۇ سىز دىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بوۋىسى سەنئەت دىگەننى مىللەتچىلىك ئىددىيسى سەۋەپتىن قوللاپ ماڭغانلار ئەمەلىيەتتە بىخۇتلۇقتا قېلىش بىلەن تېخىمۇ كۆپ بىخۇتلۇقنى باشقىلارغا تارقىتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،تامام.