kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 07:56 PM
ئۇ چاغدا پايتەخىت ئاتۇشنى مەركەز قىلغان ھالدا تاكى ق ...
بۇرادەر، ئارتۇق گەپ قىلماقچى ئەمەس ئىدىميۇ، لېكىن ئۆزىڭىز مەجبۇر قىلدىڭىز، مەيلى سىز ئىتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ قارا خانىيلارنىڭ پايتەختى كاشغەر. لېكىن ئۇ كاشغەرنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھرىنىڭ ئورنىغا توغرا كەلمەيدۇ. مەرھۇم ئالىم ئابدۇشكۈر مۇھەممەدئىمىن قاراخانىيلار پايتەخت قىلغان بالاساغۇن شەھرىنىڭ ئاتۇش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆپ ئۇرۇنغانىدى. لېكىن تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، بالاساغۇن بىلەن ئاتۇش ئىككىى جاينىڭ نامى. ئاتۇش مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەلىمىدە «ئارتۇچ» دەپ يېزىلغان. ئېنىقسىز مەسىلىلەردە قاندقا پىكىر بايان قىلساق مەيلى، لېكىن قاچىدىكى ئاشتەكلا ئېنىق تۇرغان پاكىتلارغا قارىتا ئۇنداق قالايمىقان جۆيلۈپ يۈرسەك ئۆزىمىزگىمۇ سەت ئەمەسمۇ.