ئۇشبۇ يازما كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن، مەن ئۆزۈم قەشقەر شەھىرىدىن. قايسى بىر يىلى مەن ئىككى دوستۇم بىلەن ئوردا ئالدى تەرپتىن كىرىپ تاكى يېڭى بازار تامام كونا شەھەر رايونلىرىنى رەسىمگە تارتىپ چىققان ئىدۇق. شۇ چاغدا بىر تام بىزنىڭ دىققىتىمىزنى بەكلا تارتقان، ئۇ تامدا مۇنداق يېزىلغان: ‹‹قاراخانىيلار خانىدانلىقى ئوردا سېپىلى تېمى››دەپقۇ دەيمەن... قارىساق ئېگىزلا تامكەن. بىر نەچچە پارچە رەسىمگىمۇ تارتىۋالغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن كوزىچى ياۋۇش تەرەپتىغۇ دەيمەن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ‹‹خانلىق مەدرىسە››سى باركەنتۇق، لېكىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە پۇتلىشىپ قاپتىكەنمىش... چېقىۋېتىلدى
. ئۇ مەدرىسەنى چېقىشقا ئىشلىگەن ئادەملەر بەلكىم بۇ مەدرىسەنىڭ مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبىي جاھان ئىلىم - پەن سەركىلىرىنى ئوقۇتقان ئوقۇل ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك... شۇنداق قىلىپ تامامەن چېقىۋېتلدى...
سەئىدىيە خانلىقىنى كېسىپلا ئۇيغۇر خانلىقى دېگىلى ھەم قالماق(موڭغۇل)لارنىڭ قۇرغان خانلىقى دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. چىڭگىزخاننىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيان قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ماقالە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە... ھەمدە چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى تاتارلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى مەسىلىسىدە ئارتۇق تالاش تارتىش قىلغاننىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق. كاشغەر قىشلىق پايتەخت بالاساغۇن يازلىق پايتەخت. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىمۇ كۆپ توختالغان، يەنى بالاساغۇن ئاتۇش تەۋەسىدە دەپ. لېكىن بۇ قاراش باشقا ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن دېگىدەك قوبۇل قىلىنمىدى. مەنچە بولغاندا بالاساغۇن بىر چوڭ ئاتالغۇ بولىشىمۇ مۇمكىن... ئاتۇش، ھازىرقى توقماق شەھەرلىرى تارىختا بىر نام بىلەن ئاتالغان بولىشى، يەنى ئىككىسى ئىككى جاي ئەمەس بىر جاينى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن(بۇ مېنىڭ شەخسەن قارىشىم).
قاراخانىيلاردىن قالغان سېپىل ئوردا بەلكىم ھېلىقى كىچىككىنە قىسىمى قالغان تاملا بولىشى مۇمكىن...