يېقىندا خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھرى پىڭجاڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن« ياڭاق باقالىسى (ماتاڭ)ۋەقەسى»دىن ھەممىمىز خەۋەر تاپتۇق.بۇ ۋەقە خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە مۇنازىرە قىلىنماقتا.جۈملىدىن بۇ مەملىكەت ئىچى –سىرتىدىكى كەڭ جامائەت خەۋەر تاپقان سۆز تېمىسىغا ئايلانماقتا.بەزى زىيالىيلار بۇ ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىپ ، خۇددى 2009-يىلىدىكى گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۇەن « 6.26ۋەقەسى»دەك كۈتۈلمىگەن يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن ۋايىم يىمەكتە.
مۇنازىرە جەريانىدا كۆپ قىسىم تورداشلار «بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت ئەخلاقىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى سەۋەپچى» دەپ قارىماقتا.يەنە بەزى تورداشلار ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئوبىيېكتىپ سەۋەبلىرى ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشنى مۇراجەت قىلىشماقتا. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇاڭدوڭ جىنەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ياۋ شىنيوڭ ئەپەندى « تورت پارچىلاشنى مىللەتلەر ئۆچمەنلىكىنىڭ پىچىقى قىلىۋالمايلى-تورت پارچىلاش ھەققىدە قاتلاملار بويىچە تەھلىل»ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇپەسسەل قاراشلىرىنى شەرھىلىدى. ئومۇمەن ، ياۋ شىنيوڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى بۇ جەھەتتە خېلى ئەتراپلىق يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ بىرى دېگىلى بولسىمۇ ئەمما، ئۇنىڭدا مۇشۇ ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىدىكى موھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇلمىغان.
مەن مەيلى 2009-يىلىدىكى گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن « 6.26ۋەقەسى» بولسۇن ياكى يېقىنداخۇنەننىڭ يۆياڭ شەھرى پىڭجاڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «ياڭاق باقالىسى (ماتاڭ)ۋەقەسى» بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە نۆۋەتتىكى بازارئىگىلىكىنىڭ تۈرىتكىسىدە جىددىي كېڭىيىۋاتقان شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتىن پەيدا بولغان نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ«ئىجتىمائىي يەكلىنىشى»نىمۇ موھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى،دقارايمەن. مەن بىر جۇڭگو پۇخراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قېتىمقى خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھرى پىڭجاڭ ناھىيىسىدە يۅز بەرگەن «ياڭاق باقالىسى(ماتاڭ) ۋەقەسى»دىن خۇددى 2009-يىلىدىكى گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن « 6.26ۋەقەسى»دەكلا چۆچۈش ھېس قىلدىم ھەم بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇش سۈپتىم بىلەن بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلاندىم، ئىزدەندىم.
يېقىندا ، كانادا رېگىنا ئۇنۋېرسىتېتى (University of Regina) نىڭ پىروفېسسورى رۇ دوڭيەن ۋە دوتسېنىتى جۇ لىيۇچاۋلارنىڭ مۇشۇنداق تېمىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نەتىجىسىنى « ئاسىيا تەتقىقاتى»(«Asiyan Survey»)ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدا ئېلان قىلغان« بازارلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىغا تېگىشكىلى بولامدۇ ؟»ناملىق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ سىزلەرگە ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلدىم.گەرچە ئەشۇ ئىككى تەتقىقاتچى غەرىب دۇنياسىدا بولسىمۇ ئەمما، ئۇلار جۇڭگونىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ۋە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمىنلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئوبىيېكتىپ يەكۈن چىقارغان.تورداشلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش،ۋاقتىنىڭ قىسلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما، مۇشۇ ماقالىنى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقسىكەن ، دېگەن ئۈمىددىمەن .
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94176-1-1.html