مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uysoda

[ياۋ شىنيۇڭ] «ماتاڭ دولقۇنى»نى قاتلامغا بۆلۈپ ئويلىنىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 847 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋاا ،مەن قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىكەنمەنغۇ . بۇ ‹‹ ماتاڭ ۋەقەسىنى ›› ھەجەپ ئاڭلىماپتىمەن ، بولمىسا مەن خەۋەر كۆرۈشكە بەك ئامراق . . . خاپا بولماي بۇ ۋەقە توغۇرلۇق ئازراق مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22704
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3216 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن يەنىلا ئۇقالمىدىم مۇشۇ سەرگەردانچىلىق قىلىپ يۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز نامانداق ئامراقتۇ بۇ ئىچكىرىگە ، بىزگىغۇ ئامال يوق ئوقۇشۇمىز مۇشۇ يەدە بوپ قالدى.خۇدايىم بويرۇسا ئوقۇش تۈگىسىلا قايتىمىز .

زوررو

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28299
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6282 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئىنساپنى ئونۇتقان  ماتاڭ تىجارەتچىللىرى قاملاشمىغان ئىش قىلىپ ،باشقا ھالال تىجارەت قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەرنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇپ،ئۆزىمۇ نۇرۇغۇن ئازارچىلىق تارتىپتۇ. ماقالە ئاپتۇرىنىڭ ‹‹ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك››مەزمۇن قىلىنغان بۇ ماقالىسى ناھايىتى ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ. چوقۇم ياخشىنى ياخشى،ناچارنى ناچار دېيىش كېرەك. مېنىڭچە ماتاڭ تىجارەتچىللىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇنداق زورلاپ ساتار قويمىچىلار بولماسلىقى مۈمكىن .ئۇنداق ئىشلارنى بىۋاستە كۆرگەن بىر مىللەت يۇرتداشلىرىمىزمۇ كۆپ ئىكەنغۇ؟ مەسىلەن ،بۇنداق قويمىچىلىقنى بىۋاستە كۆرگۈچى تورداشنىڭ يازغان ئېنكاسى ئىچىدىكى ‹‹بۇ خەنلەرغۇ مەيلى ...ھەر ساقاللىق ئەرەپلەر، پاكىستان،ئۆزبەكلەر...مۇ سىتىۋالسا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولۇپ قالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالاتتىم ...چۈنكى خەنلەر سىتىۋالسا مۇشۇ گەپلەر دۆلەتنىڭ ئىچىدىلا قالىدۇ ، لىكىن چەتئەللىكلەر سىتىۋالسا ئەمدى ئۇيغۇرلارغا يىڭىدىن قويمىچى دىگەن قالپاق كەيدۈرىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ››دېگەن گېپى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئېنكاسلارغا قارىسام مۇنبەردە ئاشۇنداق قويمىچى تىجارەتچى مۇنبەرداشلارمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ. ئۇلارنى قوللاش تەرەپدارىدا ئىكەن. مېنىڭچە  ياخشى ، ناچارلار ھەممە يۇرت،ھەممە مىللەتتە بار. لېكىن ناچارلىق،ھېچ بولمىغاندا ناچارلىق ئىچىدىكى ئەشەددىي ناچارلىقمۇ بولسا تۈگىسە ياكى ئازلىسا بولاتتى. %100تۈگىتىش ئەسلا مۈكىن ئەمەس.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى يانچۇقچى دەپ باقتى،ئەمدە ماتاڭ ۋەقەسىنى چىقاردى،ئەتە ئوگۇن نىمىنى چىقراركى؟؟؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zorro يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 01:07 PM
ھەي مەن يەنىلا ئۇقالمىدىم مۇشۇ سەرگەردانچىلىق قىلىپ ي ...

ۋوي دوستۇم ...گەپلىرىڭىز قىزىققۇ ؟
بۇ گەپلىرىڭىز ماڭىمۇ تەگدى جۇمۇ...گەپ قىلغاندا ئويلاپ قىلىڭ ...
مىنىڭ ئويلۇغۇنۇمدا قۇدۇق پاقىسى بولۇپ ،ئۆتۈپ كەتكەندىن مىڭ ياخشى..
مەن ئۆزۈم كىچىكىمدىن تارتىپ ساياھەت قىلىشقا ئامراق، ھەم مۇشۇ ئۆزۈم قىلىۋاتقان سودا پۇرسىتى مىنى جىڭجو،لىنيى،جىنەن،تىيەنجىن،بىيجىڭ ،گۇاڭجو،شېنجىنغىچە بىرىشقا نىسىپ قىلدى... اللە خالىسا تىخىمۇ كۆپ يەرلەرگە بىرىپ بىقىشنى ئويلاۋاتىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alanwar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 01:35 PM
بىزنى يانچۇقچى دەپ باقتى،ئەمدە ماتاڭ ۋەقەسىنى چىقاردى ...


دوستۇم بۇ ئىشلارنى باشقا مىللەتتىكىلەر چىقارمىدى بىز ئۆزىمىز چىقاردۇق...
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا جىڭجۇدا، شىنجىندا يۈرگەن ۋاقتىمدا بىر نەچچە قىتىم يولدا ، ئابتۇۋۇزدا كىتىپ بارسم ماۋۇ خەنلەر سومكىلىرىنى چىڭ سىقىمداپ ،ئادەمگە بىر خىل سوغۇق قارىۋەتكەن...ئۇ ۋاقىتىكى ھىسسىياتىمنى سىز چۈشەنمەيسىز...سىرتىمدا بۇلارنى ئۇيغۇرچە بولىشىغا تىللاپ ..ئىچىمدە ماۋۇ يانچۇقچىلارنى مىڭنى قاغىۋەتكەنتىم ...
ھازىر نەگە بارسام ماۋۇ خەنلەرنىڭ شۇنداق قىزغىن مۇئامىلىسىگە ئىرىشىپ ئىشلار شۇنداق ياخشى كىتىپ بارغان، ئىچىمدە ماۋۇ يانچۇقچىلار خىلى تازىلىنىپ ياخشى بولۇپ قاپتۇ دەپ سۆيۈنۈپ يۈرسەم..
نەدىن پەيدا بولدى ماۋۇ ماتاڭچىنىڭ شالتاقلىرى...
مەنغۇ بۇلار بىلەن ئىىككى يىلنىڭ ياغى سودا قىلىپ ئىشەنچىلىك بولاپ كەتتىم بۇلارغا ...لىكىن ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن   تىجارەتچى قىرىنداشلىرىمىز مۇشۇ ئىشنىڭ تەسىرىگە خىلى ئۇچرايدىغان بولدى ... بۇ ئىچكىرىدە ئەسلى بىز قىلىدىغان سودا پۇرسىتى بەك كۆپ ئىدى...مەسىلەن ماۋۇ خەنلەر كۈندە گۈرۈچ تامىقى يەپ خىلى زىرىكتى دەپ ئويلايمەن...مۇشۇ ئىچكىرىدە كۆپلەپ ئاشخانا ئىچىلسا ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايمەن .. بولۇپمۇ مۇشۇ شېنجىندا .
چۈنكى بۇ يەردە سودا قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ ..ئادەم كۆپ بولغاندىكىن يىمەك - ئىچمەككە بولغان ئىھتىياجمۇ كۆپ بولىدۇ ...بولۇپمۇ بۇ يەردە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان قىرىنداشلار خىلى كۆپكەن ، لىكىن مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ...راۋۇرۇس ئىقتىسادى بار  كىشىلىرىمىزنىڭ يىمەك - ئىچمەك ساھەسىگە كۆپرەك مەبلەغ چىقىرىپ ، تاماقنى ئىسىل چىقىرىپ باھاسىنى نۇرمال قىلىپ چىقارسا  ھەممە ئادەملەرگە شۇنداق ياخشى تەشۋىقات بولاتتى ...باھاسىنى نورمال دىسەم سىز ئىچكىرى تۇرسا قىممەت چىقارمىسا قانداق پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ ...بۇ يەردە بىر تەخسە لەغمەننىڭ باھاسى 23 يۈەن . بىزمۇ بۇ يەرنىڭ شەرت - شارائىتىغا بىقىپ باھاسى ھەر ھالدا  نورمال دەپ يەۋاتىمىز...

.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uysoda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 02:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uysoda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 02:24 PM
دوستۇم بۇ ئىشلارنى باشقا مىللەتتىكىلەر چىقارمىدى بىز ...

مەن93-يىلدىن بىر گۇاڭدۇڭ ئولكىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرىدە ياشاپ كىلىۋاتىمەن.ئاشخانا ئېچېش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس،ئىجارە ئالاي دىسىڭىز سىزگە ئالدىراپ بەرمەيدۇ،بەرگەن تەقدىردىمۇ سوداسانائەت تارماقلىرى ئىلاج بار سىزگە رەسمىيەت بىجىرىپ بەرمەيدۇ،دەپ كەلسەم گەپ تۇللا...................بىزگە يول ناھايىتتى كەم!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

جەننەتكە قول تۇتىشىپ كىرەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86779
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...

بەخىت مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19875
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6101
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 03:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alanwar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 02:39 PM
مەن93-يىلدىن بىر گۇاڭدۇڭ ئولكىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرىد ...

بۇ توغۇرلۇق كۆپ گەپ قىلساق قاملاشمايدۇ بۇ يەردە. سىزمۇ ئىچكىردە ياشاپ باققان بولغاندىكىن نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بار ھەقىچان..دېمىسىمۇ يۇرتداشلىرىمىز بەزى جەھەتتە ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئۆزى قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار باشقا مىللەتتىكىلەرگىلا ئەمەس، ھەتتا بىزگىمۇ شۇنداق قىلغان. ماۋۇ مېنىڭ مىللىتىمكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچىكەن دەيدىغان گەپ يوق بەزى ماتاڭچىلاردا، ماڭىمۇ شۇنداق زورلاپ ساتقان . مەكتىپىمىزنىڭ ئالدىدا سودا قىلىدۇ ئۇلار بىز بەزىدە مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ قالساق ھەتتا بەزىلىرى قوپال سەت گەپلەر بىلەن چاقچاق قىلىدۇ سىڭىللىرىمىزدەك قىزلاركەن دېمەي،،شۇڭا بىزمۇ يۇرەكئالدى  بوپ كەتتۇق شۇنداق بىر قىسىملاردىن.. شۇڭا سەۋەبنى خەقتىن ئىزدەۋەمەي ئۆزىمىزدىنمۇ سورايلى.. بۇ دېگەنلىكىم بىر قىسىم ماتاڭچىلار ھە ھەممىسى ئەمەس. خاتا چۈشىنىپ قالماڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 03:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alanwar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 02:39 PM
مەن93-يىلدىن بىر گۇاڭدۇڭ ئولكىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرىد ...

مەنمۇ باشتا شىنجىنغا كەلگەندە سىزدەك ھىسسىياتتا بولغان مەنمۇ ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىپ ئىچىمدە تىللاپ يۈرگەن.
چۈنكى شىنجىنغا كىلىپ بىرىنجى پىلانىم ئەرزانراق ئىىجارە ئۆي تىپىپ ئورۇنلىشىلىش  ئىدى .چۈنكى  بۇ يەردە مەن ئۈچۈن چىقىمنى تىجىگەنلىكنىڭ ئۆزىمۇ پۇل تاپقانغا بارەۋەر ئىدى ...
لىكىن بىر ئايغىچە ئىجارە ئۆي تاپالماي كۈنلىكى 88 يۈەنلىك ياتاقتا يىتىشقا مەجبۇر بولدۇم ...ئۇنىڭدىن ئەرزانلىرىدا يىتىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ،چۈنكى پۇل تاپىمەن دەپ جاننى قىيناپ نىمە كەپتۇ دەپ ...( چۈنكى 88 يۈەنلىك ياتاقتا تىلىۋىزور ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ،ھاجەتخانا ، مۇنچا  ،ھەممىسى تولۇق ئىدى . ئىچكىرىدە بولسىڭىز سىزمۇ بىلىسىز بۇ يەرنىڭ ئىسسىقىغا ھىلىمۇ مۇشۇلار چىدايدىكەن . ) ئۇنىڭدىنم ياخشىراقىدا ياتاي دىسەم...مۇنۇ پۇل دىگەن نەرسە ئادەمگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ...
كۈندە ئىجارە ئۆي تاپىمەن دەپ سىرتلاردىن ئىزدەيمەن ئەتراپقا قارىسىڭىز ھەممەي يەردە شۇنداق ئەرزان ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئىلانلىرى، خوشلۇقىڭىزدىن شۇ ھامان بىرىپ ئورۇنلىشىۋالغۇڭىز كىلىدۇ ...لىكىن ئۆي ئىگىسىگە تىلىفۇن قىلىپ مەن شىنجاڭلىق دىسىڭىز ياخشىراقى كەچۈرۈڭ ئىجارىگە بىرەلمەيمىز دەيدۇ ...بەزەنلىرى يوق دەپلا تىلىفۇننى قويىۋەتكەن ...شۇنداق ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ ...خەپ دەپ ئىچىڭىزدە نۇرغۇن كەلمىگەن ئوي خىياللار كىلىپ كىتىدىكەن ...لىكىن يانىلا خەپ دىگەندىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمايدىكەنسىز...
كىيىنچە ئۆي ئىزدەش جەريانىدا بىر خەنزۇ ماڭا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرساڭ ئۇنداق ئەرزان ئۆيدە ئولتۇرما ئۇنداق ئۆيلەرى دىھقانلار ئۆيى دەپ ئاتايدۇ ساڭا ماس كەلمەيدۇ ، شۇندىلا بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدۇم ،دىمىسۇمۇ ئەرزان ئۆيلەرنىڭ ھەممسىدە ھەر يەرلەردىن كەلگەن ھەرخىل تەبىقىدىكى شەخىسلەر تۇرىدۇ ، بۇ يەردە ئۇرۇش - جىدەلدىن ساقلانغىلى بولسىمۇ لىكىن يىمەك - ئىچمەك جەھەتتە خىلى كۆپ قولايسىزلىقلار كىلىپ چىقىدىكەن ...چۈنكى تاماق ئەتكەندە ياكى تاماق يىگەندە سىز كۆرشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى سىلىپ يەيدۇ ...كۆرمىسىڭىز مەيلى لىكىن بىرە قىتىم كۆرۈپ قالسىڭىز بۇنداق يەردە ھەرگىز تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ ...
بۇ ئۆيلەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپلا ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۇپ بۇ ئۆيدە تۇرالمىغىدەكمەن دىسىڭىز ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ئاچچىقى كىلىدۇ ...ئەلۋەتتە ...
مەنمۇ دەل ئاشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەچكە مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن ، چۈنكى مەنمۇ 1200 يۈەنگە ئەرزان دەپ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشقان ،ئۆي دەپ كەتكۈدەكقۇ پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۆي ئەمەس، تەخمىنەن 70 كۇۋادرات مىتىرلىق ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ئىغىز ئۆي ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ ئىغىزى باشقىلارغا ئىجارىگە برىگلىك .
ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن بوپتىلا ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئازراق جاپا تاتسام  نىمە بوپتۇ مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلىشىۋالغانغا يۈز مىڭ مەرتىۋە شۈكرى  دەپ پۇلنى بەردىم  ، دىمىسىمۇ بۇ ئۆيدىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ،تىلىۋىزور بار ئىدى يەنە تىخى بالكوندا مۇنچا ھاجەتخانىسى بار ئىدى ...
لىكىن شۇ كۈنى ئۇخلاي دەپ چىراغنى ئەمدى ئۆچۈرەي دەپ تۇرسام كۆزۈمگە شۇنداق يوغان بىر نەرسە يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ...ئىتتىك بىرىپ قارىسام شۇنداق يوغان سۈۋەرەك ...بىر دانە بەشىنجى نومۇرلۇق باتارىيىدەك كىلىدۇ ئۇ نەرسە ،كەڭلىكى تىخى ئۇنىڭدىن كەڭرەك ،مەن دىيارىمىزدا بۇنداق يوغان سۈۋەرەكنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەم بۇنداق يوغان بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ...ئىچىم بىر خىل بولۇپ كىتىپ بالكۇنغا چىقسام تىخىمۇ ھەيران قالدىم ئەسلى بۇ يەر بۇلارنىڭ باغچىسىكەندە دەپ ئويلاپ قالدىم ...شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇم كەلمەي سىرىتقا چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ تورخانىغا كىرىپ كىچىچە تازا ئۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئويناپ ئەتىسى ئەتىگەندە چىكەتتىم ھەم ئۇدۇل ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ما ئۆيۈڭ سۈۋەرەكنىڭ ئۇۋىسى ئىكەن مەن كىچىچە ئۇخلىماي سۈۋەرەك ئۆلتۈرۈپ چىقتىم ...قارا ما كۆزۈمگە قىزىرىپ كەتتى ...دەپ يۈرۈپ پۇلۇمنى قايتۇرۋىلىپ ئاستا چىكەتتىم ...ھەم سىرىتلاردىكى 1200 يۈەندىن تۆۋەن ئىجارە ئۆيلەرگە قاراپمۇ قويمىدىم ...ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەتراپىمدىكى 1500 يۈەنلىك بىر ئۆينىڭ ئىگىسىگە تىلىفۇن قىلسام بىردەمدە ئالدىمغا كەلدى ،ھەم گەپ سۆزسىزلا ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ... دىمىسمۇ بىر 300 يۈەننىڭ پايدىسىنى خىلىلا كۆردۈم ئۆي ئىچى شۇنداق پاكىز، رەتلىك ، پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ ، تىلىۋىزور، گاز ئوچاق ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ، گازلىق مۇنچا ...زادى ھەممىسى تولۇق ...تەكشۈرگىلى كىرىدىغانلىمۇ بىر كىرىپ قويۇپلا ھازىرغىچە يوق ...
شۇڭا مۇشۇ ئىچكىرىدە دۇككان ئىچىۋاتقان ،ئىچكىرىدە تۇرىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىم ئىستىلى ناچارلىرى مۇشۇ يەرلىك خەقلەرگە ناچار سەلبى تەسىر بىرىپ قويغاچقا بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىقىۋاتامدىكى دەپ ئويلايمەن ...شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلسەك ...باشقا يەرلەرگە بارغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى، مىللەتنىڭ ئابرويىنى ساقلىساق  قالغان ئىشلار ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش