مەن بۇ ماقالىنى قوللايمەن! مەن ھازىر ئىچكىردە ئىشەنسەڭلەر يۇرتتا مۇناپىق باشلىقلار تەرىپىدىن خىزمىتىمنى تاشلاپ بۇيەرگە كەلگەن ،بۇ يەردە بولسا ناھايتى ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىنۋاتىمەن بۇ يەردىمۇ ھەرقايسى قاتلامدىكى خەنزۇ يولداشلار بەك كۆپ،ئۇلار بىزنى بەك چوڭ كۆرىدۇ ھەم ھۆرمەت قىلىدۇ،ھەتتا تاماق ئادەتلېرىمىزگىمۇ بەك ھۆرمەت قىلىدۇ لېكىن بەزىدە بازار ئايلانغىلى چىقساق باشقىلارنىڭ ياڭرۇچۆەن دەپ كۇسۇرلاشقىنىنى ئاڭلاپ ناھايتى بىئارام بۇلىمەن . لىكىن نىمە ئامال بۇ نامنى ئۆزىمىز تېپىۋالغاندىن كېيىن!!!ئەمدى مائىش چىقىپتىكەن بەك خىجىل بولدۇم بۇ يەردىكىلەردىن. لېكىن بۇ يەرگە كېلىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم بىزدە ئىمان بار ئىنساپ يوقكەن بۇ خەقتە ئىمان بولمىغان بىلەن ئىنساپ بارئىكەن. ئەمدى ماۋۇ مەسىلىگە كەلسەك ئۇ داشقاللارغا پەقەت ئىچىم ئاغرىمايدۇ چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلۋاتقانلار ھېلىقىدەك بىچارىلەر بولماي ئاتا -ئانىسىنى قاقشىتىپ يۈرگەن قۇلاق كەستىلەر مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ تەگگۈزدىغانلار...بۇنداقلار ئاقىۋەتتە ئىچكىردە سەرسەن بۇلۇپ تىرىكچىلىك قىلۋاتقان بىزدەكلەرگە بىرپۈتۈن ئۇيغۇر مىلللىتىگە يامان تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ قۇيۋاتىدۇ...
ئا نەرسىنى زولاپ سېتىش ھەقىقەتەن بۇ يەرلەردىمۇ مەۋجۈتكەن ئاچكۆز مۇناپىقلارنىڭ...
يەنە بىرگەپ بۇ يەرلەردىكى خەنزۇ يولداشلار نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر سىلەرمۇ شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلىڭلار دېسەك، ئۇ يەرگە باردىغاندىن قورقىمىز ،ئاڭلىساق شىنجاڭلىقلار (يەنى ئۇيغۇرلارنى دىمەكچى) كەچلېرى بىزنى كۆرۈپ قالسا پىچاق تىقىۋەتكۈدەك، يىڭنە سانجىۋەتكۈدەك دەيدۇ ! قاراڭ ئۇلار مۇشۇ سەۋەب بىلەن تا ھازىرغىچە شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ توۋا بۇ نىڭغا نىمە دەيمىز !؟
ئۇلارغا بۇ توغۇرسىدا خېلى كۆپ سۆزلىدىم، ئۇيەرنىڭ ئۇلار ئويلىغاندەك ئۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەسلىكىنى،شىنجاڭلىقلارنىڭ ناھايتى مېھماندوست،ئاق كۆڭۈل،مەرت ھەم كەڭ قۇرساق ئىكەنلىكىنى ،بۇيەردىكى بىرقىسىم يامان كىشىلەرنىڭ پەقەت بىرقىسىم مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ياكى ياخشى ئوقالمىغان ،ئىدىيىسى قالاق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بۇنداق كىشىلەرنىڭ خەنزۇ ھەم باشقا مىللەتلەر ئارسىدىمۇ بارلىقىنى،ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر پۈتۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغىنىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى شىنجاڭغا ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تۇنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ئىدىم ....
ئەمدى نىمە دەرمىزكىن؟؟؟؟!!!
بۇيەردە ھەربىر قېرىندىشىمغا شۇنى دەيمەنكى بىرئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ ئارتۇق پىكىر يۈرگۈزمەڭ ،سۇغوققان بۇلۇڭ ، ياخشى ئويلاڭ!!!
بۇ تەرەپلەر بەك تېنىچ،كىشىلېرىمۇ ناھايتى ياخشى، بۇتەرەپلەر سىز ئويلىغاندەك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ،قورقۇنۇچ بار دېسەك ئۆزىمىزدە......
مىللەتلەر ئىتپاق بولسا ،تۇرمۇش خاتىرجەم بۇلىدۇ،سىز،بىز ھەم بىخەتەر بۇلىمىز....
پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلېرىمدىن ئۆتىنىشىم ئىشنى ئوزىمىزدىن باشلايلى بىز پەقەت ئۆز تارىخىمىزدىنلا پەخىرلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەي ،كېيىنكى ئەۋلادلېرىمىزمۇ بىزدىن پەخىرلەنگۈدەك،ھەرقانداق بىر يات مىللەتتىكىلەر سەن قايسى مىللەت دېسە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مەن ئۇيغۇر دېيەلەيدىغان ،ئۇلارمۇ ئاڭلىسا ياڭرۇچۆەن،چېيگاۋ دېمەي باش بارماقلېرىنى كۆرسىتىپ سىلەر ناھايتى ئېسىل مىللەت دېگۈدەك ياخشى نامنى بەرپا قىلساق ۋە قالدۇرساق....
قېنى سىز شۇنداق قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟؟؟