مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: akbrimamkokbora

بىشارەت‹‹فانتازىيەلىك پوۋست››(مۇكاپاتلىق تېما) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88732
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:53:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوۋېستنىڭ ئېچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن، ئادەتتە مۇشۇنداق فانتازىيەلىك ھىكايىلەرگە مەن بەك ئامراق. مۇكاپات ئېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن....!!
============================
ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت فاتىھ . ياخشى تىلەكلەر يەتتە ھەسسىلىنىپ سىزگىمۇ يەتكەي. ئەمەلىيەتتە، مۇكاپات ئېلىش بىر شەخسنىڭ ياكى بىر پارچە يازمىنىڭ ئېتراب قىلىنىشىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇنداق ئېتراب قىلىنىش ھەر قانداق بىر قەلەم ئىگىسىنى سۆيۈندۈرمەي قويمايدۇ. نەپس خاھىشى ئالدىدا ئاجىز يارىتىلغان ئىنسان بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەمما مېنىڭ بۇ تېمىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم مەنزىلىم، زىل بىر  مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. گەرچە مېنىڭ قولۇمدا ئاسماننى كۈزىتىدىغان ھېچقانداق بىر ئۈسكىنە بولمىسىمۇ ئالەم ھەققىدە مۆدىتىل كەيپىياتتا تەپەككۈر قىلىدىغان قەلبىمگە تايىنىپ تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلدىم. خۇدا ھەممىمىزنىڭ بارماقلىرىدىكى خەتلىرىمىزنى، ئاغزىمىزدىكى ئاۋازلىرىمىزنى ئۆزىمىزەە پايدىلىق رەۋىش كارۋان قىپ بەرگەي~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 04:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى ساقلىۋىلىپ كېيىن ۋاقىت چىققاندا ئوقۇۋالاي ، قارىماققا خېلى ياخشى چىققاندەكمۇ تۇرىدۇ

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 07:41:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، كېيىنچە كىنو قىلىپ ئىشلىسىمۇ بولغۇدەك ، ھازىرقى تېخنىكا كۈچىمىز يەتسىمۇ مەبلىغىمىز بۇنداق تىپتىكى كىنولارنى ئىشلەشكە يەتمىگۈدەك . سىزنىڭ مۇكاپات ئېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1494
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3039 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 06:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ناھايىتتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپتۇ ، لىكىن كىچىككىنە تەكلىپ بەرسەم  پىروزا ئەسەرلىرىدە  باياننى بەك كۆپ قوللىنىۋەتسە ئوقۇرمەنلەرنى سەل زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ ، يەنە بىرگە سۆزنى ئاز ساز ئىشلىتىش كىرەك ،‹‹تىلىۋزورنى يىراقتىن كونتىروللىغۇچ بىلەن ئۆچۈردى ›› نىڭ ئورنىغا ‹‹ تىلىۋزورنى ئۆچۈردى ›› دەپلا ئىشلەتسە بولىدۇ .
  ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تىخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 07:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي سەل ئالدىراش بوپ قالدىم .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88732
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 10:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە ئۆزۈمنىڭ تېمىسىغا ئۆزۈمنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەتمىسەممۇ بەزەن بىر ئەھۋاللاردا يەنىلا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مېنى ئەيىپلىمەسلىكىنى سورايمەن.
بۇ يەر مېنىڭ دىققتىمنى تارتقان بىر ئىنكاس: بۇ ئىنكاس esyankar75 توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسى. بۇ ئىنكاسنىڭ ئورتاقلىشىش جەريانىدا نەتىجىسى چىقىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئورتاقلىشىشنى  خالىدىم. قاراشلار توغرا كەلسە قوبۇل بولغاي، توغرا كەلمىسە پىكرلەر ساقلاپ قىلىنغاي.
يۇقىردىكى ئىنكاستىن بىرىنچى نەقىل:
‹‹پىروزا ئەسەرلىرىدە  باياننى بەك كۆپ قوللىنىۋەتسە ئوقۇرمەنلەرنى سەل زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ››
ئورتاقلىشىش: مەن ئادەتتە پىرۇزا ئەسەرلەرنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ پوۋست بىلەن ھېكايىنى بىر ئادەمنىڭ ھېكايە سۆزلەش جەريانى، دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمىنى سۆزلەش ئەمەس، قانداق سۆزلەش مەسىلىسى. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا، سۆزلەش دېمەك بايان قىلىپ بېرىش دېمەكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇبايان بىر پارچە ھېكايە ياكى پوۋستنىڭ جېنى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ناۋادا باياننىڭ مۇساپىسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۋالغىلى بولسا نۇرغۇن  ئەسەرلەر مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملانغان بولۇشىمۇ مۈمكىن ئىدى. ئادەتتە بايان ئەسەرنىڭ تېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %80دىن ئارتۇقىنى بايان ئىگىلەپ تۇرغان بولىدۇ. چۈنكى ئاپتور بايان سەنئىتى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ناۋادا بايان جەريانى مەلۇم بىر ئوقۇرمەندە زېرىكىشلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن بولسا بۇ ئەسەر شۇ بىر ئوقۇرمەندە مەغلۇپ بولغان بولىدۇ. بىراق سىزنىڭ ‹‹ئەسەر ناھايىتتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپتۇ›› دېگەن سۆزىڭىزدىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلدىم. بەلكىم سىز ئەسەردە دېئالوگ قاتلىمىنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن. مەن شۇنداق ئويلىدىم. بىراق ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەردە ئوخشاش بولمىغان دېئالوگ قاتلىمى بولىدىكەن. ئورۇنسىز قىستۇرۇپ قويۇلغان ياكى مەجبۇرى تېڭىلغان دېئالوگ قاتلاملىرى ئەسەرنى ئۇششاق سۆز قىلىپ قويىدىغاندەكمۇ تۇرىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى دېئالوگ ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئەسەر پېرسۇناژلىرىنى سۆزلىتىش ھادىسىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەسەر پېرسۇناژلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى سۆز قىلىش جەريانى بولسا ئېھتىمال بىز ياسالما ئادەملەرنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتۇق، دەپ ئويلايمەن.
يۇقىرىدىكى ئىنكاستىن ئىككىنچى نەقىل:
‹‹سۆزنى ئاز ساز ئىشلىتىش كىرەك ،‹‹تىلىۋزورنى يىراقتىن كونتىروللىغۇچ بىلەن ئۆچۈردى ›› نىڭ ئورنىغا ‹‹ تىلىۋزورنى ئۆچۈردى ›› دەپلا ئىشلەتسە بولىدۇ››
ئورتاقلىشى: سەنەم ئاتىخاننىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتى، تېلىۋىزور بىلەن بولغان ئورنى، ھەركەت ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئۈچۈن بۇ جۈملىنى يۇقىرقىدەك ئالغان. ئەگەر ‹‹تېلىۋىزورنى ئۆچۈردى›› دەپلا ئېلىش توغرا كەلسە چوقۇم بۇ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ تېلىۋىزوردىن ئىبارەت نۇقتا بار يەرگە بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ نۇقتىغا بېرىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. بىراق شۇ چاغدىكى روھىي كەيپىياتىدا ئۇ يەنىلا جايىدا تۇرسا مۇۋاپىق بولىدىكەن، دەپ قاراپ ئىككىنچى باياننى قىسقارتىپ بىرىنچى باياننى ئۇزارتىپ قويغان.
مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، سىزنىڭ مۇشۇنداق كىچىككىنە نۇقتىلارغا دىققەت قىلغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم. چۈنكى مۇھىمى توغرا خاتانى ئايرىش ئەمەس بەلكى ھېس قىلغاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىش. سىزگە سالاملار يار بولغاي`!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2063
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:06:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

كىملەرنىڭ ئەزىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45644
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4242
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2014-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 10:32:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86893
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 344
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 سىز خەت يېزىشنى بىلمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88732
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدىكى بىر توردىشىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىملا خاتالىقلىرىنى ئوڭشاپ قويۇشقا بولمىدى. تورداشلارنىڭ بەزەن ئىملا خاتالىقلىرىنى كەچۈرىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپ دىققەت قىلغان ھالەتتىمۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا يەنىلا ئىملا خاتالىقلىرىدىن يىراق بولالمايدىكەنمىز.
ھۆرمەت بىلەن~!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش