ھىداياتنامە
دىلىم نۇرلاندى، پاكلاندى ھەدىستىن ھەمدە قۇرئاندىن،
مۇسۇلمان بولمىقىم ئارتۇق، دېمەككى، شاھى-سۇلتاندىن،
ئەنە شۇ نام ئامان قىلغاي مېنى دوزاقتىن، گۈلخاندىن،
پېقىرنى ئايرىما ھەرگىز شۇڭا ئىسلامىي قورغاندىن،
ئىلاھا! رەھمىتىڭ چەكسىز، ئورۇن بەر جەننەتۇل رىزۋاندىن!
يېشىم قىرىقتىن ئاشقاندا جۇدا بولۇپ جاھالەتتىن،
گوياكى چۈشتىن ئويغاندىم – قارا باسقان قاباھەتتىن،
قاباھەتلا ئەمەس بەلكىم، قۇتۇلدۇم چوڭ پالاكەتتىن،
پالاكەتتىن، ئاسارەتتىن، جەھەننەمدىن، ھالاكەتتىن،
پۇتۇمنى ھەقتە مەزمۇت قىل، يىراق قىل ھەقتىن ئازغاندىن!
ئىماننىڭ دەرىخى كۆكلەر ناماز، روزا ئىبادەتتىن،
بېرىپ ئۆشرە-زاكاتنى ھەم، كېچىپ راھەت-پاراغەتتىن،
ئۆلۈپ-تىرىلمىكىم بەرھەق، گۇمانىم يوق قىيامەتتىن،
ھىدايەت قىلمىساڭ رەببىم، نېسىۋەم يوق ھىدايەتتىن،
ئۇلۇغ اللە ھىدايەت قىل، پاناھ بەر ئەھلى شەيتاندىن!
ئۆزۈڭدىن باشقا اللە يوق، سېنىڭ ئەلچىڭ مۇھەممەدتۇر،
مۇھەممەدكى، بىز ئۈممەتكە سېنىڭدىن كاتتا رەھمەتتۇر،
بۈيۈك ئىسلامدىنى ئەسلى پۈتۈن ئىنسانغا نېئمەتتۇر،
پەقەت مۆئمىن بۇ نېئمەتكە ئېرىشكەن ياخشى مىللەتتۇر،
ئۈمىدىم، مەنمۇ بوپ مۆئمىن، ئۆتەي زۇلمەتتە تۇرغاندىن!
ئۆگەنمەككە ھەدىس، قۇرئان پەقەت خاس تەلىمىم بولسا،
تىلىم ئىقرار، دىلىم تەستىق قىلىپ ھەم ئەمىلىم بولسا،
شاھادەت جۈملىسى چۈشكەن قولۇمدا ئەلىمىم بولسا،
تۇتۇپ اللە رىزاسىنى ئۆلۈش چىن قەسىمىم بولسا،
جېنىمدىن ئايرىساڭ مەيلى، بىراق ئايرىما ئېماندىن!!!..
چاقنا ئونۋېرسال تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىيارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-20 03:00 PM