turantikin يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 05:12 PM
تېما ئېگىسى،بۇ تېمىڭىزنى بالدۇر يوللاپ قۇيۇپسىز،ياك ...
مەن «تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسى»دىكى (ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن)دىگەن قاراشقا قارشى،بۇ ئادەم قۇبۇل قىلالمايدىغان ھەققىقەت.ئەمما بۇ نەزىرىيىنىڭ باشقا كۆز-قاراشلىرى بىئولوگىيە ئىلىمىنىڭ مىكرو جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى ۋە گىئولوگىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن توغىرلىقى ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.بۇنى كۆپ قىسىم ئىسلام ئەللىرى قۇبۇل قىلدى(تېمىدا ھەم شۇنداق دىيىلگەن).
تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسىنىڭ مۇھىم يەكۈنلىرىدىن بىرسى ، ئادەمنىڭ مايمۇندىن
ئۆزگەرگەنلىكى تۇرسا، ئەجىبا بۇنى ئىنكار قىلىدىكەنسىز، لېكىن باشقا جانلىقلارنىڭ تەدرىجى
تەرەققى قىلىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن، دارۋىنىزىمغا ئىشىنىدىكەنسىز..... بۇ قانداق مەنتىقە؟
يەنە بىرسى، كۆپ قىسىم ئىسلام ئەللىرى بۇنى قوبۇل قىلدى دەپسىز.... بۇنى نىمىگە ئاساسلىنىپ
شۇنداق دەيسىز؟ ئەجىبا ئاشۇ ۋىكى پېدىيادا شۇنداق دەپ يېزىپ قويغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
بىلسىڭىز ئىلىم پەن تەرەققىياتى، دارۋىنىزىمنى ئەمەس، بەلكى قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى بارغانسېرى
روشەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-20 05:44 PM