مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barimtay

دارۋىنىزىم ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 06:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NurlanKelbim يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 05:41 PM
مەن «تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسى»دىكى (ئادەم ماي ...

   شۇنداق،مەن دارۋېننىڭ (ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن) دىگەن خاتا قارىشىغا قارشى،لىكىن دارۋىننىڭ «تەدىرىجىي تەققىيات نەزىرىيىسى) ئىنتايىن كەڭ دائىردىكى نەزىرىيە،'مايمۇننىڭ ئادەمگە تەرەققىي قىلغان'دىگىنى شۇ نەزىرىيە ئىچىدىكى بىر قىسمى،خالاس.
  تەبىئەتنى كۈزەتسىڭىز بۇنىڭ بەزى مىساللىرىنى ھېس قىلالايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يوللىسا ئاندىن مۇنازىرىگە چۈشكەن بولساق ياخشى بولاتتى، باشقىلارنى ئەيبلەش ياخشى ئىش ئەمەس، مۇنازىرە ئىلمى داۋام قىلسا، دەلىل ئىسپاتلار كەلتۈرۈلسە بولاتتى، دەلىلسىز بىر مۇنچە گەپنى قىلىپ باشقىلارغا ئازار بېرىش دىنىمىزدا بار ئىشمىكەن يە؟ مەن مۇسۇلمان دېيىش ئاسان، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان، دارۋىننىڭ نەزەرىيەسىنى مۇنازىرە قىلغانغا كاپىر بولمايدۇ كىشى، ئەقىدىدىن ئازمىسىلا قانداق دەلىل- ئىسپات كەلتۈرسە مەيلى ئەمەسمۇ.... ياخشىسى ئالدىرىمايلى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 05:12 PM
تېما ئېگىسى،بۇ تېمىڭىزنى بالدۇر يوللاپ قۇيۇپسىز،ياك ...

دېگەنلىرىڭىز ئورۇنسىز ئەمەستۇ بەلكىم، ئىلمى مۇنازىرە قىلىدىغانلار چىقىپ قالار، كۈتەيلى... لېكىن باشقىلارنى ئاچچىقىڭىزدا ئۇنچىلىك ئەيبلىمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81372
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3107
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەزى ئەزالىرىمىز ئالدىراپلا ، دارۋىنىزىمغا ھەم شۇنداقلا تېما ئىگىسىگە ھۇجۇمنى باشلاپتۇ. تورداشلارنىڭ دارۋىنىزىمنى قۇبۇل قىلماسلىقى تەبىئىي، لېكىن تېما ئىگىسىگە ھۇجۇمنى ئۇنداق تېز باشلىمىساق.
تورداشلارنىڭ دارۋىنىزىمنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى پەرىزىمچە جانلىقنى ئىلاھ ياراتقان نەزىرىيىسىنى دارۋىن ئىنكار قىلغان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس
ئەمەلىيەتتە جانلىقنى ئىلاھ ياراتقان نەزىرىيىسىنى تۇنجى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى لامارك، دارۋىندىن بۇرۇن ياشىغان ئالىم. دارۋىن ئۆزىنىڭ تەدىرجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى كېيىن لامارك ياراتقان نەزىرىيە بويىچە ئۇنىڭ بەزىبىر نوقتىلىرىنى قۇبۇل قىلىش، بەزى قىسىمىنى ئىنكار قىلىش، بەزى قىسىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
لاماركنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ يادروسى: ئېرىشمە ئېرىسيەت، يەنى ئىشلەتكەن ئەزالار تەرەققىي قىلىدۇ، ئىشلەتمىگەن ئەزالار رودىمېنتلىشىدۇ. دارۋىننىڭ نەزىرىيىسىنىڭ يادروسى بولسا ماسلاشقانلار ياشايدۇ، ماسلىشالمىغانلار ھالاك بولىدۇ.تۆۋەندىكى مىسال بويىچە ئىككى نەزىرىيەنى چۈشىنىپ باقساق:
مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا زىراپىلەرنىڭ بوينى قىسقا ئىدى، ئۇنداقتا ھازىرقى زىراپە قانداق بارلىققا كەلدى؟
لامارك قارىشى بويىچە ئېيتقاندا: ئەينى چاغدا زىراپىلەرنىڭ ھەممىسى قىسقا بويۇن ئىدى، كېيىن تەبىئىي مۇھىت ناچارلىشىپ زىراپىلەر ئېگىز دەرەختىن يوپۇرماق ئېلىپ يېيىشكە مەجبۇرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن زىراپىلەرنىڭ ئېگىزگە ئىنتىلىشى جەريانىدا زىراپىلەرنىڭ بوينى تەرەققىي قىلىپ ئۇزىراپ، بۇ مۇقىم ئېرىسىيەتكە ئايلىنىپ، ھازىرقى ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپىگە ئايلاندى دېيىلىدۇ.
دارۋىن نەزىرىيىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ: دارۋىن نەزىرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرۈلگەندە: قەدىمكى زاماندا ھەقىقەتەن زىراپىلەرنىڭ بوينى قىسقا ئىدى، لېكىن ئەزەلدىنلا گېنلىرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپىلەرمۇ بار ئىدى، لېكىن زىراپەتوپىدا ئۇلارنىڭ ئىگەللەيدىغان سانى ئاز بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەركىن چېتىشىپ ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپە ئەۋلادلىرىنى قالدۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى. كېيىن مۇھىت ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن زىراپىنىڭ ئوزۇقلۇق شارائىتى ناچارلاشتى. شۇنىڭ بىلەن زىراپىلەر پەقەت ئېگىز دەرەخلەردىن يوپۇرماق ئېلىپ يېيىشكە مەجبۇرىي بولدى. شۇنىڭ بىلەن زور كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغان قىسقا بۇيۇن زىراپىلەر ھالاك بولدى، ئۇزۇن بويۇنلۇقلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇ مۇھىتقا نىسبەتەن ‹‹پايدىلىق ئۆزگىرىش››بولغاچقا ھايات قالدى. دېمەك زىراپە توپىدا ناھايتى ئاز ساننى ئىگەللەيدىغان ئۇزۇن بويۇن زىراپە قالدى،ئەسلىدىنلا زىراپە توپىغا تەۋە بولغان زىمىن كەڭرى سان ئاز بولغاچقا ئۇزۇن بويۇن زىراپىلەر يېتەرلىك ماكان ۋە بايلىق شارائىتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن زىيادە كۆپىيىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىراپە تۈر توپىنىڭ سانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ئەجدادىدا ئۇزۇن بويۇن بولۇشنىڭ گېنى بولغاچقا بۇ گېنلار ئەۋلادىغا ئىرىسيەت قېلىپ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپە بولدى، ئاخىرىدا قىسقا بويۇنلۇق زىراپە مۇھىت تەرىپىدىن تولۇق ھالاك قىلىنىپ دۇنيادا پەقەت ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپە قالدى، شۇڭلاشقا ھازىرقى ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپە قالدى دېيىلىدۇ

مېنىڭچە دارۋىن ياراتقان نەزىرىيىنىڭ ئاساسى مۇشۇ شۇ، لېكىن ئادەم مايمۇندىن يارالغان دېگەن قاراشنى دارۋىننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان-قويمىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. مېنىڭچە دارۋىن نەزىرىيىسىگە ۋارسلىق قىلغۇچىلار كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى كىچىككىنە ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېگەندىنلا ئىبارەت ئەمەس،كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كەڭ دائىرىلىك نەرسە بۇ يەردە دارۋىننىڭ ھەممە نەزىرىيىسىنى تولۇق قۇبۇل قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، تەدىرجى تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت بىر چۈشىنىپ قويۇشقا بولىدۇ

يەنە بىر دەيدىغىنىم: ئاتىزىمچى دېگەن نېمە؟ ھەر قانداق بىر دىننى ئىنكار قىلىدىغان ئادەمنى ئاتىزىمچى دەيمىز، قانداقتۇر ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلىپ، باشقا دىنغا ئىشىنىدىغان ئادەمنى ئاتىزىمچى دېمەيمىز، دارۋىنننىڭ ئاتىزىمچى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئېنىق قارار چىقارغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىمان، ئېتقاد دېگەن ئادەمنىڭ دىلىدا بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ياشىغان ئادەمنىڭ دىلىنى مۇنبەردىكىلەرنىڭ قانداقسىگە شۇنچە ئاسان چۈشىنىۋالغانلىقىنى بىلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87735
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 06:45 PM
شۇڭا ئىسلامنى ھەقىقىي چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش،ساماۋى ...



قۇرئاننى ھەقىقى تەپەككۇر قىلىڭ ، بۇنى قوللايمىز. لېكىن تەپەككۇر
قىلىپ ئۇنى ئادەم تىللاشقا ئەمەس،   ئىلمى قايىل قىلىشقا ئىشلىتىڭ!  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59241
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3548
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghulchaq يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 07:24 PM
ھەقىقەتەن بەزى ئەزالىرىمىز ئالدىراپلا ، دارۋىنىزىمغا  ...

دوستىمىز ئوغۇلچاچ لامارىك تەلىماتى بىلەن دارۋېننىڭ تەبىيى تاللىنىش مۇھىتقا ماشلىشىش تەلىماتىنى ئىنتايىن توغرا بايان قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ تەرەپتىكى چۈشەنچىسى ئايدىڭكەن، شۇنداق ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسەنىڭ چىتىلىش دايىرىسى بەك كەڭرى،  دارۋېىننىڭ قارىشى بولسا ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەنكەن بۇ قىسمىنىلا تۇتۇۋىلىپ باشقا ئىلمى ئەمگەكلىرىنى چۈشەنمەيلا يوققا چىقىرىۋەتسەك بلمايدۇ، ئاۋال چۈشۈنۈپ بىقىش كىرەك دوستىمىز ئوغۇلچاقنىڭ بايان قىلغىنىمۇ تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەركىزى ئىدىيەلىك بايقاشلىرىدىن بىرسى

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10583
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 4885 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن يىل تاشقا باسۇرۋىتىلغان چىقالماي بەدەنلىرى قىتىىشپ كەتكەن مايمۇنلار سەكرىشىپ چىقىدىغان بولدى ماۋۇ تېمىغا .
ئاللاھ بىر شەيئىنى ۋۇجۇتقا كەل دىسە، ئۇ شەيئى شۇ زامان ۋۇجۇتقا كىلىدۇ ، ئۇنىڭغا قانداقتۇر سىز جۇيلىگەن جەريان كەتمەيدۇ .

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59241
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3548
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
富乐智慧 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 02:43 PM
سىزنىڭ بىزگە دىمەكچى بولغان مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم . ئە ...

توغرا ئويلاپسىز ، مىنىڭ يەتكۇزمەكچى بولغان مەقسىتىمنى چۈشۈنۈپسىز، بۇ دەل تىمىدا ئوتتۇرا قويۇلغان دارۋېنىزىم بىلەن يارىتىش قىسسىنىڭ بىر بىرىگە ماھىيە جەھەتتىن ماس كىلىدىغانلىغىنى دەلىللەيدىغان تۈگۈن، مۇشۇ لىنىيە بىلەن پىكىر قىلىپ باقسا بۇنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59241
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3548
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 03:50 PM
ئەخلەت، ئەخلەت، يەنە ئەخلەت ........................

خان، ھەجەپمۇ چىرايلىق نۇر يۈزلۈك خېنىمكەنسىز، لىكىن باشقىلار شۇندا ئەجىر بىلەن تەييارلاپ بىر نەرسىنى ئالدىڭىزغا قويسا تۈفى تۈفى تۈفى دىگىنىڭىز نىمىسى؟ ئوقۇشنى خالىمىسىڭىز بولىدۇ، ياك بۇندا مەزمۇندىكى تىمىلارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەنكەن دىسىڭىز بۇمۇ سەمىمىيىتىكەن دەيمىز، لىكىن سىز بىز ھەممىمىز دىنى قېرىنداش ، مىنىڭ ئەقىدەمدىن گۇمان قىلىپ قاتتىق سەسكىنىپ كەتكەندەك تۇرىسىز، لىكىن كىرەك يوق بۇ مۇنبەردە ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار لىكىن سىلىق گەپ قىلىش، گەپ سۆزدە ئامال بار باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بارمەسلىك، ئىلمى مۇنازىرە قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59241
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3548
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بىز شۇنداق مۇھىت شۇنداق ئىدولوگىيەدە ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇقكى دىيىشكە ئىغىزدىن چىقىرىشقا ھەتتا ئويلاشقىمۇ بولمايدۇ دىگەن گەپلەرنى پىكىرلەرنى ئاڭلالا قالساق قاتتىق قورقۇنۇش ساررسىمىگە چۈشۈمىز ۋە ئالدى كەينىنى ئويلىماي دەررۇ زەربە بىرىشكە، بىرىنجى كالتەك بىلەنلا ئۇجۇقتۇرۋىتىشكە ئۇرىنىمىز، ئۇنداقلارغا بۇرۇن يەھۇدا، كاپىر دەپ قالپاق تەييارتى، ھازىر ماسون دەپ يىڭى مودا قالپاق چىقىپتۇ، لىكىن باشقا يەرلەردە ھەر خىل ئىقىم، ھەر خىل ئىدىيە، ھەر خىل دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە كىىلىپ سىنىڭ قانچىلىك خاتا مىنىڭ قانچىلىك توغرا مەن دەي سەن ئاڭلاپ تۇر دەپ ئەركىن ئازادە ئىلمى ، دوستانە پاراڭىشالايدىكەن. بۇ ئەنئەنە بىزنىڭ بوۋىمىز ئىمپراتور ئەكبەر شاھىنشاھتىن باشلانغان. مىنىڭچە ئۇنداق ئىلمى، تەمكىن دوستانە ئىلىپ بىرىلغان مۇھاكىمىلەر ئۇنچىلا  قورقۇنۇچلۇق قوبۇل قىلغۇسىز ئەمەس، ھىچنىمىنى بىلمەي چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىغىزنى ، كاللىنى پىچەتلىۋەتلىك قورقۇنۇشلۇق، مەسىلەن بۇ تىمىدىكى ت بەت ئىنكاسلىدا نۇرغۇن نۇرغۇن بىلىملەر باركەن، خەلقىمىزمۇ باشقا تىللارغا خىلى پىشىۋىتىپتۇ، ئىشقىلىپ بۇ تىمىدا بۇرۇنقىدەك تۇيۇقسىز ئۇجۇقتۇرپ قالپاق كىيگۈزۈپ تون پىچىپ دوزاخ بىلەن تەھدىت سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى، ھەم تىمىغا ئىنكاسلىغا تورداشلارنىڭ قىزىقىشىمۇ كۈچلۈك، بۇ ياخشى ئەھۋال، ھەرگىزمۇ كۇفرىنى، ئاسىلىقنى كۆرگەندە قارشى تۇرماي ئەدىپىنى بەرمەي جىم تۇرۇۋالغانلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىمىغا كىرگەن بىرە يەھۇدا، خىرىستىيان ياكى دىنسىز بايقالمىدى،
مەن ئەنگىلىيە ب ب س ئىشلىگەن مۇھەممەت ئەلەيھىسالام توغرىلىق 3 قىسىملىق فىلىمنى كۆردۈم، كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم، رىياسەتچى ياش نىگىر مۇسۇلمان بالا مۇھەممەت ئەلەيھىسالام توغرىلىق قەدىمى ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۈچۈن نۇرغۇن يەھۇدى ئۆلىمالىرى، خىرىستىيان ئۆلىمالىرى، كاتولىك بوپلىرىنى زىييارەت قىلىدىكەن، مەسچىت خانىقا، چىركاۋلىنى ، ئارىلاپ يۈرۈدىكەن.  ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كىىنكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش، ئەرەپ يىرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، ئىسلام تارىخى ۋە شۇ چاغدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرگە ئاساسەن مۇھەممەت پەيغەمبەر ساختا پەيغەمبەرمۇ ياكى راست پەيغەمبەرمۇ دىگەنلىگە دەلىل پاكىت ئىزلەيدىكەن. ئىشقىلىپ بەك ئىلمى بەك ئادىل مەيداندىن مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى ناملىق 3 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقىپتۇ، فىلىمدا بەزى ناسارا ۋە ئاتىزىمچىلار مۇھەممەت ساختا پەيغەمبەر دەپ سۆزلىگەن بايانلىرىمۇ باركەن، لىكىن فىلىم فىلىم ئاخىرىدا يەنىلا ئىسلامنىڭ ھەقلىگىنى، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ چىنلىغىنى يورۇتۇپ بىرىپتۇ، فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلى ۋە فىلىمدىكى ئىلمى بەس مۇنازىرە ماڭا يارىدى. ئەگەر بۇ نازۇك پەرەزلىنىڭ بىرەسى بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقىپ قالسا ئۆلدۇق دىگەن گەپقۇ،
لىكىن مەن بۇ تىمىدىكى ئىنكاسلىدىن بىزدىكى ئىلگىرلەشنىمۇ كۆردۈم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش