مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

[بوزقىر]نەسىردىن ئەپەندى يەكەنلىكمۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51022
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9846 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:11:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 08:02 PM
1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇ ...

بوزقىر ئاكا،مەن كومپىيۇتۇرغا ساقلىۋالغان ئابدۇكېرەم راخمان توغۇرلۇق بىر ماقالە بار ئىدى،كۆچۈرۈپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي:
■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■
■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■■
روزى ھېيىت تۈگەپ،ئىدارىگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم-ئۇزاقتىن بېرى ئېچىلماي قالغان خەت ساندۇقىمنى ئېچىپ قاراپ بېقىش بولدى. مۇشتىرى بولغان گېزىت-ژۇرناللار خېلى دۆۋىلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۇلارغا بىر-بىرلەپ كۆز يۈگۈرتۈپ، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئادەتتە بەكرەك ھەۋەس ۋە قىزىقىش ئىچىدە قارايدىغان "مىراس" ژۇرنىلىنى ۋاراقلىدىم. مۇندەرىجىگە ئىنچىكىلەپ كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ دىققتتىم " ئاناتولىيىدىكى ئۇيغۇر رايونى ئۈستىدە تەكشۈرۈش" دىگەن تېمىغا قادالدى. تېما شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى پروفسسورى، تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى ئىمزاسىدا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشلىرىمنى قويۇپ مەزكۇر ماقالىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە ژۇرنال بېتى ھىساۋىدا 13 بەت ئەتراپىدا ئىكەن. ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر ماقالىنى بۇ سان ژۇرنالدىكى ھەقىقەتەن نەپ بېرەرلىك قىممەتلىك ئەسەر ئىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم. خۇرسەنچىلىكتە بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە تاشلاشنى مۇۋاپىق ھىساپلاپ كومپىيوتېر ئالدىغا ھازىر بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەستە ساقلاشقا ھەم چۈشۈنىشكە قولايراق بولسۇن ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق ھىساپلىدىم.
پروفسسور ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى بۇ ماقالىسىنى يېزىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان كۈنلەردە يەنى، 2007-يىلى سىنتەبىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىلمىي كونفېرىنسىيەگە قاتنىشىش مەقسىتىدىكى پائالىيەت جەريانىدا، تاساددىبىي بىر ھالدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل ۋە تارىخ بۈيۈك قورۇمىنىڭ باشقانى پروفسسور، دوكتور سادىق تورال ئەپەندى ۋە كورىيەدىن كەلگەن پروفسسور، دوكتور جام يۇمجۈندىن تۈركىيە بىلەن كورىيەدە موڭغۇل ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە شۇ جايلارغا بېرىپ يەرلىكلىشىپ ھېلىھەم "ئۇيغۇر" نامى بىلەن ناملىنىپ ياشاۋاتقان خەلق ھەققىدە تاساددىبىىي ئاڭلاپ قالىدۇ. ھەمدە ئۇ تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ۋەتەنداشلاردىن بۇ ھەقتە سوراپ باقىدۇ. ئەپسۇس! ئۇلار بۇ ھەقتە ھېچنەرسە بىلمەي چىقىدۇ...
شۇنىڭ بىلەن پروفسسور ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى يەنە شۇ يىلى نويابىر ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي پائالىيەتلىرى پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئايرىم كۈن تەرتىپ ئاجرىتىپ، ئالاھىيدە يول باشلىغۇچىلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن تۈركىيە ئاناتولىيەسىنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق "Uygur Belediyesi" ("ئۇيغۇر بېلېدىيېسى"-"ئۇيغۇر رايونى")نى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇ تەسىراتلار ئاساسىدا بىز دىققەتتە بولۇۋاتقان يۇقارى ماقالىنى يېزىپ "مىراس"سەھىپىسى ئارقىلىق بىزنىڭ نەزەرىمىزگە تاپشۇرىدۇ. ماقالىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، مۇئەللىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاناتولىيەنىڭ ئۇيغۇر بېلىدىيسى(ئۇيغۇر رايونى)غا بۇ قېرىنداشلىرىنى كۆرۈش ھەم يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن تۇنجى كىشىكەن. دىمەك، ھازىرقى تۈركىيە تەۋەلىكىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان 50 مىڭدەك قېرىنداشلار بۇ ھەقتە بىلىپ كەتمەيدىكەن.(پروفسسور ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى بۇنىڭدىن تەئەججۈپلەنگەن، مەنمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم...)
ماقالىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇر رايونى تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق 29 رايوننىڭ بىرسى،ۋىلايەت مەركىزى ھىساپلانغان ئاماسيا شەھرىگە 42 كىلومېتر كېلىدۇ. ھازىر بۇ رايوندا تەخمىنەن 5200 دىن ئاتۇق ئادەم بولۇپ،ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئەۋلادىلىرى دىيىشىدىكەن ھەمدە ئۇيغۇر دەپ تەن ئالىدىكەن. ھۆكۈمەتمۇ ئۇلار جايلاشقان رايوننى "Uygur Belediyesi"("ئۇيغۇر بېلېدىيېسى" )دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، قائىدە يوسۇنلىرى،رەڭگى-رۇخسارى ئاناتولى تۈركلىرىدىن پەرىقلەنمەيدىكەن. ئەمما، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك ئەنئەنىسىنى ئاشۇ يۇرتلاردىمۇ ئەۋىج ئالدۇرغان بولۇپ ئالما،ئامۇت،ئانار، بېھى،گىلاس ۋە زەيتۇن قاتارلىق مىۋىلەرنى يېتىشتۈرىدىكەن. ئۇيغۇر ئۆيلىرى، باغ -ۋارانلىرى پەدىسىدە ئۆيىنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى مىۋىلىك دەرەخلەر بىلەن كۆكەرتىدىكەن. مىۋىلەرنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ يەرلىك كۆك ئامۇت بەكلا كۆپ ئىكەن. ئۇلار دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. بىلدۈرلىشىچە، بۇ يۇرت پەن ئالىملىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ كۆپ يېتىشىپ چىققان جاي ئىكەن. بۇ رايوندا بېقىلغان قوي ۋە كالا گۆشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى ئالاھىيدە ياخشى بولۇپ تۈركىيە بويىچە داڭلىق ۋە بازىرى ناھايىتى ئىتتىك ئىكەن...
خوش، ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئاناتولىيەگە قاچان ۋە قانداق كېلىپ قالغان؟
بۇ ھەقتە پروفسسور ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى بىزگە مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ: ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ساقلاپ كېلىۋاتقان 800 يىللىق شەجەرىدە پۈتۈلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى موڭغۇل ئېمپېرىيىسىنىڭ غەربىي ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرى تەركىۋىدە ئاناتولىيىگە كەلگەنكەن(مۇشۇ مەلۇماتلارنى ئوقۇۋېتىپ موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن خۇنەنگە بارغان ھازىرقى جىيەن لەقەملىك خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداتلىرى يادىمغا يەتتى...)مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، قەيسەرىيە قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغانكەن. يەنە بىلدۈرىلىشچە، قەيسەرىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياشىغان. كېيىنچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاناتولى تۈركلىرى ئارىسىدا ئېرىپ كەتكەن. ئاخىرقى چاغلاردا مۇھاجىرەت مۇناسىۋىتى بىلەن قەيسەرىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.
دىققەت نەزەرىمىزدە بولۇۋاتقان ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغىچە ساقلانغان شەجەرىدە ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ " بۇ تۇپراق بىزنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز. ئەسلى زاتىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، ئانا ۋەتەننى قايتا كۆرۈش بىزگە نېسىپ بولمىدى.ئۆمۈرلۈك ئارزۇ ئۈمىتلىرىمىز سىلەرگە ئامانەت بولدى..." دىگەن ۋەسىيەتلىرى پۈتۈلگەنكەن.
گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوسمانلى تۈركچىسىدە سۆزلەشسىمۇ، قىززىقارلىقى ئۇلارنىڭ تىلىدا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر يەنىلا مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. مەسىلەن:"ئالما"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ئەلما" )، "ئانار"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ئەنار")،"گۆش"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ئەت" )،"نان"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ئەكمەك")، "مەن"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "بەن" )، "بار"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ۋار")، "بالا"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "چۆجوك" )"مەكتەپ"(ئوسمانلى تۈركچىسىدە "ئوقۇل")...
......
تارىخىي تەقدىرنىڭ سالغا تېشىدا چېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بولغان خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە خېلىدىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز ھەم ئۇلار ھەققىدە بىلىشىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندىلا خېنەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە ھەيرانلىق ئىچىدە مەلۇماتلاندۇق. مانا ئەمدى ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرىنى ئاناتولىيەدىن ئېلىپ تۇرۇپتىمىز. ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ ھەمدە سىلەرگە قىسقىچە مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىپ بولۇپ، "ئەمدى كورىيەدىكى، كەشمىردىكى، ھېراتتىكى ھەم جاھاننىڭ باشقا ئىقلىملىرىدىكى ئۆزلىكىنى يوقاتماي تىرمىشىپ ئىستىقامەت قىلىپ كېلىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئەۋلادىلىرى ھەققىدە قاچان ھەم كىملەردىن ئۇچۇر ئاڭلارمىز؟" دىگەن سۇئال ئېڭىمدىن كەچتى. ھەم خېلى ئۇزۇنغىچە مۇشۇ سۇئال دىققەت مەركىزىمدە بولۇپ قالدى...
كۈز دەملىرىدىكى زېرىكىشلىك تۇيغۇلارغا تەپەككۇر ھەم تەسىرات چالغىتىشىدىكى ھاياجان ئېلىپ كەلگەن ئاناتولىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېڭىمدا ئويغاتقان ھاسىلىۋىي پىكىرلىرى ئاز ئەمەس. قىسقىسى، باشقا بۇرادەرلەرمۇ ئوقۇپ كۆرۈپ ئۆز تەسىراتلىرىغا خىرامان چۆمۈلگەي دەپ ئازدۇر كۆپتۇر مەلۇمات بېرىپ يېزىپ قويدۇم.
مەنبە:قارلۇق  بىلۇگى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83389
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3623
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:13:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىسەم بولا ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51022
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9846 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 08:02 PM
1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇ ...


بايا مەن كۆچۈرۈپ يوللىغان ئادىرىسنى  گوگىل تورىدىن ئىزدىسەم بار ئىكەن:
http://hakaniya.blogbus.com/logs/41012971.html

تۈركىيەدە سۆزلەۋاتقان نۇتۇقمۇ نېمە بۇ؟رەسىمگە قارىسام شۇنداقتەك تۇرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 08:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ  تۈرك ئەۋلادى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلسەك كۇپايە.. يەكەنلىككمۇ ئەمەسمۇ بۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرىيتى بار ئەمدى؟ يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق شەخىسلەر ئازمىدى؟؟

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2706
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىم ئۇ تۈركتۇر،
بىزگە ئوخشاش ئىرقتۇر.
خالىساڭ ئۇ يەكەنلىك،
...بۇ ئاددى بىر بىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51022
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9846 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئاكا،نەسىردىن ئەپەندى توغۇرلۇق ئابدۇكېرەم راخمان يازغان ماقالىنى بۇرۇنقى ژۇرناللاردىن تاپقىلى بولامدۇ؟توردىن تاپقىلى بولمىدى.
كونا ژۇرناللاردا بولغان بولسا،تاپقىلى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 04:28 PM
بوزقىر ئاكا،نەسىردىن ئەپەندى توغۇرلۇق ئابدۇكېرەم راخ ...

ئىلگىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە كۉرگەندەك قىلعان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«...بادام دوپپىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر كۆپ كىيەتتىكەن...» ماگەپنى؟ بۇنداق سۆزلەر قايسى كىتاپتا بادۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچان شىئە  بوپتىكەن؟
«سەئىدىيە خانلىقى بەك چىرىك بولغاچقا ...» قەيەردىن ئاڭلىۋاغاندۇ ماگەپنى؟  ھىچ بولمىغاندا شۇ گەپلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسنى  ئەسكەرتىپ قويىشى كىرەكتۇ؟  يەنە كىلىپ سەئىدىيە زامانىسىدا ئەپەندىم نەدە تۇرۇپتۇ؟؟     ئەنلياڭ  دىگەن جۆيلۈپتۇغۇ ئۇ!!!

ھۆرمەتلىك بوزقىر ئەپەندىم،  ئەسەرنىڭ مۇئەللىپىنى شەرھىلەپ قويسىلىرى بوپتىكەن ، خىلى نۇپۇزلۇق شەخىسمىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى قارىسىغا جۆيلۈپ قويغانمىدۇ!!؟

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 05:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahboy يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 04:39 PM
«...بادام دوپپىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلە ...

ئەن لياڭ جۆيلۈگەن بولسا قەيەرلىرىنى جۆيلۈگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، بىزمۇ بىلىپ قالايلى . سەئىدىيە خانلىقى چىرىك بولمىسا ، چىرىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈڭ ، بىلىپ قالايلى .
ئۇيغۇرلار قاچان شىئە بوپتىكەن دېگەن گەپكە كەلسەك ، ئالدىراپ قىلىپ قالماڭ بۇ سۆزنى ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 05:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahboy يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 04:39 PM
«...بادام دوپپىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلە ...

سىزنىڭ چۈشىنەلمىگەن جايلىرىڭىزغا نىسبەتەن ، مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى دەپ باقاي ، جاۋاب قاتارىدا كۆرسىڭىز قوبۇل قىلىڭ ، بولمىسا دېمىگەن بولاي .
1. ئۇيغۇرلار قاچان شىئە بوپتىكەن دېگەن سوئالغا : ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىگە ، يەركەنتكە مەركەزلىك جايلاشقان . بۇلارنىڭ تارىخىنى بىرىنچى تۈركۈم ئابداللار ( ئىسلام دىنى تارقىتىش جەريانىدا قەشقەرگە كىرگەن شىمالىي پارسلار )غا ئۇلاش مۇمكىن . گەپنى بەك ئوچۇق دېۋەتسەم قەشقەرگە ئىسلام دىنىنى كىم ئەكىرگەن دېگەندەك نازۇك گەپلەر چىقىپ قالىدۇ ، شۇڭا مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي .
2. سەئىدىيە خانلىقى چىرىكمۇ دېگەن سوئالغا : سەئىدىيە خانلىقى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ زاۋال تاپقۇچە يەرلىك مىللەتكە بولغان قاباھەتلىك ئېزىش ۋە چىرىكلىك تۈگىمىگەن ، گەرچە ئاساسلىك ئورگان ئەسلىھەلىرى ئاخىرقى قارىخانىيلاردىن كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ دۆلەت مىخانىزىمى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئىنتايىن پايدىسىز تارىخىي تەسىرلەرنى ئوينىغان . چىرىكلىك قايسى دەرىجىگە يەتكەن دېگەندە ، ئۇلارنىڭ خانى غەزەلچى خاتۇنلاردىن توقال ئېلىپ ، كۈن بويى ئەيش-ئىشرەت ، ھاراق-شاراب بىلەن ئۆتكەن ، شۇ ئارقىلىق بۇ خاندانلىق ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە تۆت ئەتراپىدىكى ھېچقانداق كۈچكە تەڭ كېلەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان ، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد بوشلۇقى زورىيىپ ، دەل مۇشۇ پەيتلەردە ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ دادىسى ۋە باشقا جەمەتداشلىرى بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ سىياسىي كۈچ توپلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولغان .
3. سەئىدىيە زامانىسىدا ئەپەندى نەدە تۇرۇپتۇ دېگەن سوئالغا : ئەپەندى دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى سەئىدىيە زامانىسىدا ئۇيغۇرچىغا كىرگەن سۆز . ئەگەر ئەپەندى ئۇيغۇر دەپ قارايدىغان بولساق ، ئۇ پەقەت ۋە پەقەت سەئىدىيە خانلىقى دائىرىسى ئىچىدىلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن . چۈنكى باشقا دائىرىلەردە ئۇيغۇرلاردىن باي ، بەگ ، ۋەزىر-ۋۇزرا چىقىشى تازا مۇمكىن ئەمەس ئىدى ...

بۇ جاۋابلار لايىق بولمىغان بولسا ئۆزۈم قايتۇرىۋالاي ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش