http://www.uyghar.com/bbs/forum. ... &extra=#pid1209
يۇقۇرقى ئۇلىنىشتا « نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان » ديىلىپتۇ.
بۇنىڭغا قارىتا توردىشىمىز ئەزىزان گۇمانىي قارىشىنى ئىپادىلىگەنىدى.بۈگۈن بىر تارىخچىدىن سوراپ باقسام شۇ كىشنىڭ ئېيتىشىچىمۇ تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيىگە رەسمىي يەرلەشكەن ۋاختى 1400-يىللار ئەتراپىدىكەن.
شۇنداق بولغاندا ، « نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان » دېگەن قاراشلار تازا چەك باسماي قېلىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئەھەت سايىتى ھاكىممۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يېتىپ ، شۇنداق يەكۈن چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئەزىزان ۋە باشقا تورداشلار بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىرەك توختىلىپ باقساڭلار بوپتىكەن .