مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ettar

QQ دىكى يارىلانغان سۆيگۈ ( ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ قەلبى زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئاشۇ يۇمران گىياھلاردەك ناتىۋان جىسمى ئوراپ تۇرغان قەلبى ھەرگىزمۇ نازۇك ئەمەس ! بىلمىدىم ، ئۇلارنىڭ قەلبى زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ ؟..

   _ ئاكا ، ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ، سەن مەندىن يىراقتا ، قوغدىيالمايسەن، ئۇ مېنى قوغدايدۇ ، ئۇ پەقەت ماڭا قالقان ، مېنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ جەنۇبى شىنجاڭغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشۇم زىنھار مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، يارىشىپ قالايلى دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدى ئاكا ، ئامالسىز.. ئۆتۈنەي ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن ، ساڭا ۋەدە بېرەي ، ئۇ پەقەت يىراقتىن مېنى كۆرەلەيدۇ خالاس ، مېنىڭ بارلىقىم ساڭا مەنسۇب بوپ بولغان ...

   بىز تېلىفوندا سۆزلەشكىلى نەچچە سائەت بولغان ئېدى .   

   _ ئاكا ئىشىك چېكىلدى ، قاراپ باقاي .

   _ ھەئە ، - ئىشىكنىڭ چېكىلگىنىنى مەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم . ئۇ ناھايىتى ئۇزاق يوقاپ كەتتى . تېلىفون ئاللىقان قويۇلۇپ كەتكەن ئېدى . قايتا ئۇرسام ئېلىنمىدى ، بىردەملەردىن كېيىن تېلىفونۇم سايرىدى:

   _ ئاكا.. ئاتا - ئانامغا دە .. مېنى ئېلىپ كەتسۇن .. ئاكا ..،- ئۇنىڭ ئىچىنىشلىق يىغىسى يۈرەك باغرىمنى ئېزىۋەتتى .

   _ ھەي دېمەمسەن ! نىمىش بولدى جىنىم زادى ؟

   _ دە ، مېنى ئېلىپ كەتسۇن ... مەن ئوقۇمايمەن .. مەن ياشىمايمەن ..

   _ ئاھ خۇدا بۇقىز ..

   ئۇ ناھايىتى ئۇزاق قالايمىقان جۆيلىگەندىن كېيىن تولىمۇ سۇس ھەم قالايمىقانلا تەلەپپۇزدا :

   _ ئاكا ، ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلاپتۇ .. تۇرغىلى بەك ئۇزاق بوپتۇ .. ھەممىنى ئاڭلاپتۇ ..

   شۇ كېچىسى بىز تاڭ ئاتقۇچە تېلىفوننى قويمىغان ..

   _ ئاڭلىسا ئاڭلىمامدۇ ؟ سەن نېمە دېگەن ئۇنىڭغا ؟ يارىشىۋالايلى دېگەنما ؟

   _ ئۇنداق دىمىگەن ، لېكىن شۇنداقراق بىشارەت بەرگەن ..

   شۇ ۋاقىتتا شۇنداق جىلە بولدۇم ، ئۇنى مەن ئۆچۈنلا يارالغان دەپ ئويلايتتىم ، ئەمدى بۇ قوپۇپ باشقا بىرى ئۆچۈن ياش تۆكىۋاتامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆچۈن ياش تۆككەن ئىكەن ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن يەنە نېمىشقا مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ؟ ئۇنىڭ مېنى سۆيمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس .. لېكىن ئۇنىڭ ئۆچۈن ياش تۆكىنىمۇ يالغان ئەمەس.. بۇ زادى قانداق ئىش ؟

    كاللامدا توختىماي تەھلىل قىلاتتىم ، ئۇنىڭ قەلبىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم ، ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرىنى .. يامغۇر ياغمىغان ئاشۇ كېچىنى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇنىڭ سۆيگىسىنىڭ يالغانلىقى مۇمكىنمۇ ؟

   شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن سانسىز جۈپ پايپاق سوۋغات قۇبۇل قىلغان ئېدىم ، ھەر بىر پايپاقنىڭ ئىچىدە بىر پارچىدىن خەت قىستۇرۇلغان ئېدى ..

****************************************************************





   _ بۇ ماڭا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت !

   دېدىم مەن . ئىچ ئىچىمدىن غەزەپ قايناپ چىقاتتى . غەزەپتىن جالاق - جالاق تىترىمەكتە ئېدىم . ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم دېگىلى نىكەم ؟ قاچان ، قانداق ۋاقىتتا يارىشىۋالغان بولغىيتى ؟ مەن نېمىشقا ئۇنىڭدىن  زادىلا گۇمان قىلمىدىم ؟ ئۇلارنىڭ بىر مەكتەپتە ، بىر كارىدۇردىن كىرىپ - چىقىشىپ يۈرۈپ كۈندە قانچە قېتىمدىن دوقۇرۇشۇپ قېلىشىنى نىمىشقا ئۇنتۇپ قالدىم ؟

ھازىر ئويلاپ باقسام ، ئۇنىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنىپتىكەنمەن ..قانداقلا بولمىسۇن بىر قىز مېنى شۇنچىلىك ئىشەندۈرۈپتىكەن...

   ئۇنىڭغا تېلفون قىلدىم ، تەلەپپۇزۇم ناھايىتى ئۆزىنى بىسىۋالغان ئېدى .

   _ ماڭا ئۇنىڭ تېلىفونىنى دە

   _ كىمنىڭ ؟

   _ كىمنىڭ بولاتتى ، ئاشىقىڭنىڭ !! ،- كانىيىم يىرتىلىپ كەتكۈچە ۋاقىرىدىم ،- ئۈچ كېچە ھە ! شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈپسەن !!! دە ..!

  غەزەبتىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى ، ئۇنىڭ يىغىسىنىمۇ ئاڭلىغۇم كەلمىدى ، نېمىلەرنى دەپ كەتكىنىممۇ ئىسىمدە يوق ئۇنىڭ نۇمۇرىنى ئېلىپلا ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم .

   _ ھەي لاتىمۇ سەن ؟

   _ كىمۇ سەن ؟

   _ كىملىكىمنى بىلگەنسەن ؟ بۇرۇن بىلىپ - بىلمەي ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغاندەك ، ئۆز - ئۆزۈمنى گۇناھكار ھىس قىپ شۇڭا سەندىن بىراقلا يۈز ئۆرىمەسلىكىگە مەيلى دېگەن ئېدىم ، ئۇۋالىڭغا قالماي دەپ ، ئىشەنسەڭ ئۇ ئۆزى پەقەت سۆيگىنىم يوق دىگەچكە مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، كېيىن ئۆزى ئايرىلىپ كەتتىم دېدى ، ھەم سەنمۇ  تورخانىدا ئۇنى مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان يېرىدە نەچچە قېتىم تۇتۇپمۇ ئالدىڭ ، نىمانداق غۇرۇرۇڭ يوق نېمە سەن ؟ مەنغۇ سەن بىلەن يارىشىۋالغىنىنى ئۇقماي يۈرۈپ كېتىپتىمەن ، سەن بىلىپ تۇرۇپ قانداق كۆڭلۈڭ كۆتۈردى ؟ قارا مەنمۇ ئوغۇل بالا ئەركەك ، سەنمۇ شۇ ، قاراپ تۇرۇپ ئىككىمىزنى مۇشۇنداق قوناق ئومىچىدەك چالسا قاراپ تۇرىدىغان گەپما ؟! ھازىر بېرىپ بوينىنى ئۈزىمەن ئۇنىڭ ، ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگىنىنى كۆزىگە كۆرسەتمىسەم ھېساب ئەمەس !

   _ ئۇنداق قىلما ، ئۇ ماڭا خاتا قىپتىمەن دەپ يىغلاپ يالۋۇرغان ئېدى ، شۇڭا كەچۈرۋەتكەن ئېدىم ، سەن ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق سەن بىلەن ئارلىشىپ يۈرگىنىنى قانداق ئىسپاتلاپ بېرىسەن ؟

   _ ئىسپات ؟ يې ، ئۇنىڭغا نېمە ئىسپات كېتىدۇ ؟ توغۇلغان كۈنىدە كەيگەن كۆينىكى بىلەن ئايىقىنى مانا مەن سوۋغا سۈپىتىدە ئەپ بەرگەن، يەنە تۆت كۈن ئاۋۋال سەن پويىزدا ئۇنىڭغا نېمىلەرنى يېيىشىپ بەرگىنىڭنىمۇ ساناپ بېرەمدىم يا ؟

   _ بىلدىم ، بولدى ، خاپا بولما ، بۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۇ قىزنى كېرەك قىلمايمەن ، لېكىن سەنمۇ ئۇنىڭغا يامانلىق ئويلاپ يۈرمە ، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ...

   ئاچچىقىم بىسىلاي دىمەيتتى ، ماۋۇ ئاداشنىڭ ياۋاشلىقى ئىچىمنى تېخىمۇ قاينىتاتتى ، ئۇنى ئاز دېگەندەك يېرىم سائەت ئۆتە ئۆتمەي يەنە ئۇنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم :

   _ ئۇنى ماڭا ئۈتۈنسەڭ بولامدۇ ؟ ماڭا بېرىۋەت بولامدۇ ؟

   شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈم بىر ياندا قېلىپ بۇ بىچارىگە شۇ قەدەر ئىچ ئاغرىتتىم .

   _ سەن بىر تۈگەشكەن ئادەم ئىكەنسەن ..بىلىپ قال ، مەن ئەزەلدىن بىر نەرسىلىرىمنى ھېچكىمگە بېرىپ باققان ئادەم ئەمەس !ھەم ئۇمۇ نەرسە ئەمەس ! ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قۇبۇل قىلامسەن ئۇنى ؟

   _ ھەئە ، قىلىمەن . ئەمسە ئۇ ئۆزى بىزنى تاللىۋالسۇن .

   دۇنيادىكى ئۆزۈم بىلىدىغان ھەممە سەت گەپلەر بىلەن ئۇنى تازا تىللاپ تېلىفوننى قويىۋەتتىم دە ، كاللام يەنە چۆرگىلەپ كەتتى . ئۇ تاللىغۇدەك .. ئەسلى ئۇنىڭ ئوغۇللارغا قىلغان ھاقارىتى ئۆچۈن بۇرنى - قۇلىقىغىچە تويغۇزۇپ ئاچچىقىمنى ئەپ بولغاندىن كېيىن يولۇمغا راۋان بولاي دېگەن ئېدىم ، لېكىن قارارىم ئۆزگەردى ، مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر ئىشتا تاللانماي چۈشۈپ قالىدىغان ئادەم ئەمەس... ھەممە ھاقارەتلەرنى ئىچىمگە يۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم ، بېشىم قاتتىق ئاغرىيتتى .. نېمىلەرنى دىگىنىممۇ ئۆزۈمگە بىلىنمەيتتى ، ئۇنىڭ نېمە دىگىنى ھەم قۇلىقىمغا كىرمەيتتى ، پەقەت بىرەر سائەتكە سوزۇلغان سۆھبەتتىن ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇ گەپلەر بولدى:

   _ ئاكا.. سېنى قانچە ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىسەن .. ماڭا ھەرگىز قوپال تەگمە .. شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈر .. سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ..

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 07:29 PM
مەنمۇ سىزدەك ئايال كىشى بولغاچ « پوق»نى ئوقۇپتىمەن. ب ...

پوق با دەپ ئۇقىغانمامىتىلە سىلە؟يەپ ساممىغانلا ھە!
قايسا ئاندا قىلشىپ كەتمەيلى ،كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراپ خەت يازماق .گازىر چاققاندەك ئاسان ئەمەس!شۇڭا يارىمىسا بىرەسى سىلىنى زورلىمىغانكىن ئوقىمىساق بولىدۇ،ئوقۇپ بولاپ ئاندا مىزلىك گەپ قىلسىلىرى ياخشى بولمايدۇ!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:17:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ettar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 07:36 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم گىلاس مۇرابباسى :
    سىزنىڭ نېمىل ...

قاۋاپ توختاپ قالا يېزىڭلا ئاخىرنى ! ئۇندا تالانىت ئىگىلىرى ما مۇنبەردە بەكجىق!ئۈزى چىچامماي چىچقان ئادەمنى كۆرسە تۇرامماي. ئىشقىلىپ ئۇرقىنى ئېلىپ شور يەرگە تېرغۇدەك باللىرمىز با بۇ مۇنبەردە! كۆڭلىڭلىگە ئامماڭلا داۋامىنى كۈرۈشكە تەشنا مەن!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭلا ياخشى چىقىپتۇ ئاداش،بولسا ئاخىرنى تېخىمۇ ياخشى يېزىپ،كۈرەممەسلەرنىڭ كۈزىنى ئېچىپ قۇياڭلا!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85284
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:45:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 06:31 PM
مەن تولىمۇ ھاكاۋۇرمۇ نىمە؟ ئىككى ئادەم بىلەن يۈرگەن قى ...

يائاللا ، ئەجەپ بىر پىتنىخوركەنسلە ، نىمانداق  قىلىىلەر ؟ يازسۇن ، بىز بار ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇيدىغان . ناھايىتى چۈشىنىشلىك ، ئۆتكۈر تىللار بىلەن باشلاپتۇ . مۇشۇ بەزى بىرلەرنى زە ، ئۆزىنىڭ يازغان نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق ، ھەد ىسىلا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ . ما مۇنبەردە تېما تەستىقلاپ باھا بىرىدىغان مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى يىتەركلىك ئىدى بولمىسا ........

بەخىتنىڭ ئۆزى دەل شۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىشتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85284
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 07:13 PM
ئايال كىشى دىگەن پوق بولسىمۇ ئوقۇيدۇ ھە.

گىپىم قاتتىق كەتكەن بولسا  خاپا بولماڭ ، لىكىن سىز گە نىمە بار مۇنبەردە ، پوق بار يەردە يۇرمىسىڭىز ، كۆرمەيسىز ئەمەسمۇ ؟؟؟؟

بەخىتنىڭ ئۆزى دەل شۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىشتۇر!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6531
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36836
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:50:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتى،داۋامىغا تەشنامەن،ھېكايە تىلى شۇنداق جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ.....

قەلىمىڭز ھارمىغاي...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88588
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ،سەمىمىي تەكلىۋىم ئەگەر خالىسىڭىز   ئۇ قىز ئاكا دىمىسۇن ،بولمىسا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن ئادەمگە . بۇ پەقەت تەكلىپ خالىمىسڭىز ئۇقۇپ قويسىڭىزلا بولدى .
داۋامىنى ساقلايمەن ئەمسە

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88588
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىزغا ھەم نەپرەتلەندىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش