مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ettar

QQ دىكى يارىلانغان سۆيگۈ ( ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 08:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە كۆرەي..............

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارچۇقۇمدا كۆرىمەن سېنى،
قارچۇقۇمدەك ئېزىز كۆرىمەن.
قارچۇقۇمدەك رەزىل بۇ دۇنيا،
قارچۇقۇمغا خەنجەر ئۇرىمەن.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم-ھىكايىنىڭ سۆزلىرى ئەشۇ ‹‹شۇمتەك››نىڭ تۈگمىسىدەك سۈزۈك ھەم دانە-دانە چىقىپتۇ داۋامىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1498 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ ..

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:10:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   داۋامى ...
   كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر يۇيۇلۇشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن گۇناھىنى يۇيۇشقا تىرىشۋاتقىنىنى ھىس قىلاتتىم . شۇنچە ئىشلار يۈز بەرسىمۇ ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئالدانغاندەك ، ئۇ مېنى ئالدىغاندەك ھىس قىلمىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران . تا ھازىرغىچە ! تا ھازىرغىچە ... ئۇنى مېنى سۆيىدۇ دەپ ئويلىدىم ... پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن سۆيىدۇ دەپ ئويلىدىم ... شۇ كېچىسىدىكى ئۇنىڭ يىغىسى مېنى سۆيگىنىنىڭ ئىپادىسى ، مەيلى ئالدانغان بولاي ياكى باشقىسى بولسۇن ، شۇ كېچىدىكى ئۇنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ ...
   _ مېنىڭ تۇنجى سۆيگىنىمنى كۆرۈش ھوقۇقۇم يوقمۇ ؟ چوقۇم كۆرىشىمەن سەن بىلەن ، يازدا دېدىڭ ھە دېدىم ، كېيىن كۈزدە دېدىڭ .. ئەمدى ھەرگىز ئۇنىمايمەن ، ئەگەر كەلمەيدىغان بولساڭ ئۆلىۋالىمەن ، مېنى چاقچاق قىلدى دىمە ، چوقۇم ئۆلىۋالىمەن .
    ئۇ ھەقلىق ئېدى ، يەتتە ئاي ! يەتتە ئاي سۆيدى مېنى ، قانچىلىك سۆيگىنىنى بۇ يەردە تەسۋىرلىيەلمەيمەن ، لېكىن ئۆزۈم بىلىمەن .. يەتتە ئاي قارامنى كۆرسەتمىدىم ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ سۆيدى ، ئاۋازىمنى سۆيدى ، مەن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن سۆرەتلەرنى سۆيدى .. بۇنداق سۆيمەك ئاسان ئەمەس.. ئۇنىڭ تەلۋىلىكى ماڭا ئايان ئېدى ، ساراڭلىقى تۇتقاندا مەندىن ئۆچ ئېلىش بولسىمۇ شۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايتتى ، ھەتتا ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق سۆزلەرنىڭ ئالدىدا بىرەر جاۋاپ بەرمەسلىكىم مۇمكىن ئەمەس ئېدى . مېنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ بارغۇم يوقمۇ ؟ مېنىڭ ئۇنى كۆرگۈم يوقمۇ ؟ مەن ئۇنى سۆيمەيمەنمۇ ؟ ماڭا قۇيۇپ بەرسە ئۇ تۇنجى قېتىم كەل دىگەندىلا بېرىپ بولغان بولاتتىم ، لېكىن بارالمايدىغان يېرىم بار ئېدى ...
   _ مەن باغقا قارىمىسام بولمايدۇ .. شۇنچە جىددى ئىشنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە بارالايمەنمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېيت كەپ قالغان تۇرسا ؟ قانداق قىلسۇن دەيسەن ؟ ياكى بوۋاينى رەنجىتىپ ئۆيدىن قاچايمۇ ؟
  ئۇ دادامغا قەۋەتلا ئامراق ئېدى ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلىكىنى ، خاپا قىلماسلىقىمنى دائىم دەيتتى ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پەسكويغا چۈشتى .
   _ ئەمسە قانداق قىلىمىز ؟ ساڭا تەييارلىغان سوۋغىلىرىم بار ئېدى ...
   _ مەن ئالدىڭغا بىر دوستۇمنى چىقىراي ، شۇنىڭغا بېرىپ قوي ..
   ئۇ باشتا ھەرگىز قوشۇلمىدى ، بىر ھازا سۆزلىگەندىن كېيىن ئاخىر :
  _ ماقۇل ، ئەمما قىز بالا دوستۇڭ چىقىپ قالمىسۇن ، يۈزىگە تۈكۈرۈپلا قۇيىمەن .
   مەن باشقا گەپ قىلمىدىم ، يولغا چىقتىم ، ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم.. ئاندىن كۇرۇستا ئوقۇيمەن دەپ تەتىلدە ئۆيىگە قايتمىغان ساۋاقدىشىمنى چاقىردىم ، ئۇنىڭغا بۇرۇنمۇ شۇنداق بىر ھاجىتىم بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقاچقا چۈشەندۈرۈشكە كۆپ ۋاقىتمۇ كەتمىدى ، ئۇنىڭغا سېرىق ساپلىق بىر قەلەمتۇراچ بىلەن < بۇخارا > دېگەن كىتابنى تۇتقۇزۇپ ، ئۈچتاشنىڭ يان تەرىپىدىكى ئاسما كۆۋرۇكتە ساقلاپ تۇرىشىنى ئېيتتىم . تاكى شۇ ئىشلارنى شۇقەدەر ئەتراپلىق پىلانلاپ ، ئۆزۈم كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا شۇنچىلىك غېرىبانە ھالدا تۇردۇم . ئۇ دېگەن ۋاقىتتىن قىرىق مىنۇتچە كېچىكىپ كەتتى :
   _ ھەي سەن قانداق بىر نېمە ؟ نېمانداق ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن خەق ساقلىغىلى نىكەم .. ،- تېلىفوندا ئۇنىڭغا زارلىناتتىم ، < ئاكا ، سەن ئۆزۈڭ كەلدىڭ ھە ، يۈرىكىم شۇنداق تۇيۇپ كېتىۋاتىدۇ ، سەن ئۆزۈڭ كەلدىڭ ...> دېگەن سۆزلىرىگە باغرىمنى تىلدۇراتتىم ..
   _ مانا كېلەي دېدىم ئاكا ، خاپا بولما ، ئۇ قىزغا دەپ قوي كېتىپ قالمىسۇن ، ئاق قۇۋۇققا كەلگەن بەك توسۇلۇپ كەتتى ، چۈشۈپ قالدىم ، مانا ، ھازىرلا تاكسىغا چىقىپ بارىمەن ...،- شۇنداق دەپمۇ يەنە خېلىدىن كېيىن تېلفونۇم سايرىدى :
  _ ئاكا ، مانا مەن كەلدىمغۇ ؟ قېنى ئۇ قىز ؟ ،- تېلفون قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى ، لېكىن چاندۇرسام پەقەت بولمايتتى ، بۇ كاساپەت نەدىدۇ ؟ نېمىشقا مەن كۆرمەيمەن ؟قولۇمدا تېلىفون ، كۆۋرۈك ئاستىدا ئۇنى ئىزدەيتتىم ، ئاخىر قولىدا تېلىفون تۇتقان ھالرەڭ كوپتا ، ئاق يوپكا كىيگەن بىر قىزنى كۆردۈم دە ئىچىمدە < شۇ ! > دېدىم ، < ئەجەب قارا كىيىم كىيىپ كەلدىم دەۋاتىتى ، قارا بۇ كاساپەتنى ..>
   _ ھە ، مەن ھازىر بەك ئالدىراش ، تېلىفونمۇ تاقىلىپ قالىدۇ ، توكى تۈگىدى دېدىمغۇ بايا ساڭا ، ئۆزۈڭ تېپىشۋال ، ئۇ قىز شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە بار ..،- دېدىمدە تېلىفوننى قويغان پېتى تاقاپلىۋەتتىم . ئۇ بىر دەم كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە بىر دەم ئەتراپىغا قارايتتى ، ھەر قېتىم كۆزلىرى ماڭا چۈشكەندە يۈرىكىم جىغىلداپ كېتەتتى ، گەرچە مېنى تۇنۇيالىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا مانا بۇ مەن دەپ ئۆزۈمنىڭكىنى ئەمەس ، سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ سۆرىتىنى كۆرسەتكىنىم ئىسىمدە بولسىمۇ جىغىلدايتتى ... مەن ئاستا كۆۋرۈككە چىقىپ ساۋاقدىشىمنىڭ يېنىغا باردىمدە ئۇنىڭغا قارىماي تۇرۇپ ، خۇددى كىنۇدىكى ئىشپىيۇنلۇق تەشكىلاتىدىكى ئادەملەردەكلا :
   _ شۇ قىز شۇ .. يېنىغا چۈشۈڭ ، - دىدىم .
   ساۋاقدىشىممۇ  قىلچە چاندۇرماي چۈشۈپ كەتتى . ئۇلار ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن  ، بۇرۇلۇپ ياندىكى .ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى .
   ئەنە ، ئۇلار ئىككىسى ئاش - لەمپۇڭ بىلەن ئالتا زىق كاۋاپ يىدى ، ئاندىن پىيادە ئالتۇن بۇلاق ئەتراپىدا كاۋاس ئىچكەش سۆزلەشتى ، ئاندىن كارىفورغا ... ئەڭ ئاخىرىدا يىقىنلا ئەتراپتىكى ئاشخانىغا  كىرىپ تاماق بۇيرۇتتى ، بۇيرۇتتى ئەمما يىيىلمىدى ، بۇ مېنىڭ تەكلىپىم ئېدى :
   _ قوسىقىڭ ئاچمىسىمۇ زورلاپ ئەكىر .. مەن ئۇنى يەنە بىر دەم كۆرىۋالاي ، بۇ ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنىم ..
   بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار ئايرىلدى .. بىرى بىر تەرەپكە ، يەنە بىرى يەنە بىر تەرەپكە .. ئوتتۇرىدا مەن قالغان ئېدىم .. مېنى يىغا تۇتاتتى ، ۋاقىراپ ۋاقىراپ يىغلىغۇم كېلەتتى ، تەقدىردىن زارلىناتتىم ، ھەئە ، تۇنجى قېتىم قاتتىق زارلاندىم ..

داۋامى يېزىلۋاتىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئوقۇغۇم با..........................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   _ شۇنداق ئوماق ، بىر تاتلىققىنە قىز بالىكەن ، ئۇنى ئالدىمىساڭ بولمامدۇ؟
   _ ...
   _ ساڭا بەكلا ئاشىق بوپتۇ ، بەكلا .. بۇنداق قىلمىساڭمۇ بوپتىكەن .. ئۆزۈڭ كۆرۈشسەڭ بولمامدۇ ؟ ئۇ سېنى كەچۈرگەن بولاتتى ، سەن ئۆزۈڭنى نېمە بۇنچە كەمسىتىسەن ؟
   _ رەھمەت ساڭا دىلبەر ، مەن قايتاي . ئوقۇش باشلانغاندا كۆرىشەيلى .
   _ سېنى نىيەنزىگو بىكەتكىچە ئاپىرىپ قۇياي .
   _ ياق بولدى ، قايتىپ كەت ، - ئۇنىڭ قولىدىن كىچىك خالتىنى ئېلىپ ئادەم دېڭىزى ئىچىدە غايىپ بولدۇم .
   باغچىدا ئۆزۈم يالغۇز يىغلاشتىن نۇمۇس قىلمىدىم ، يىغلىدىم ، نېمىشقا يىغلىدىم ،بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ يىغلىدىم . خالتىنىڭ ئىچىدىن ئۈلكەرنىڭ ھەرخىل شاكىلاتلىرى ھەم يەنە بىر سۇلياۋ قاپ چىقتى ، قاپنىڭ ئىچىدە ئۇ ماڭا دىگەن ، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تويىمىزغا ئاتاپ كەشتىلىگەن ، بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ بىر بىرىگە يۆلىنىپ تۇرغان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ياستۇق ۋە نىپىز ، يازلىق مايكا ، ۋە بەش ئالتە جۈپچە پايپاق ، ئاچقۇچ ئاسقۇ ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان بىر تال قەلەمتۇراچ ، بىر تال كەشتىلەنگەن ئاسلان ، ۋە م پ 5 ..لەرنىڭ ئۈستىگە قانچىلىك ياشلىرىم تۆكۈلدى ، ئۇنىڭ مايكىسىغا سىڭگەن ھىدىنى قانچىلىك پۇرىدىم ، بىلمەيتتىم . بىر چاغدا مايكىنى تۇتقان قوللىرىم ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ شىرىقلىغىنىنى ھىس قىلدىم ، قارىسام مايكىنىڭ يېڭىگە بىر پارچە باغاقچە قىستۇرۇپ قۇيۇلغان ئېدى .
   _ بۇ مايكامنى مەن ئەڭ كۆپ كىيىمەن ، بەك ياخشى كۆرىمەن ،سەنمۇزە كىيمىمنىڭ يوقلىقىدا .. يۈرىكىمنى يوغان كۆرسىتىدۇ بۇ مايكا ، گەرچە توشقان يۈرەك بولساممۇ ، كۆرۈنۈشتە دىنازاۋۇر يۈرەك كۆرىنىمەن ،بۈگۈنمۇ كىيىپ ياتىمەن ، ئەمما چاتاق يېرى ، ساڭا پاتمايدۇ ، ئەنسىرەيمەن ، قىستەپ كىيىپ ئامراق مايكامنى يىرتىۋەتسەڭ بوغۇزلايمەن !
   خەتنى كۆرۈپ ياش يۇقى يۈرىكىمدە كۈلىۋەتتىم ، بۇ كۈلكەم ئۆزۈمگە شۇنچىلىك پىغانلىق تۇيۇلۇپ كەتتى . ئېسىمگە بىر نەرسە كېلىپ ، ئالدىراپ پايپاقلارنى سىقىمدىدىم ، يەنە شۇ شىرىقلىغان ئاۋاز! ھەر بىر پايپاقنىڭ ئىچىدە بىر پارچىدىن خەت سېلىپ قۇيۇلغان ئېدى ...

داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6327
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:39:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا بولماي ئاخىرىنى تولۇق يوللاپ بولغاندا ماڭا بىر خەۋەر قىلىۋىتىڭە بولامدا؟؟
قارىسام رىئالنى تۇرمۇشتىن ئېلىنغاندەك قىلىدۇ؟!!

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:46:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىۋاتىدۇ .داۋامىنى ساقلايمەن .

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش