مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ettar

QQ دىكى يارىلانغان سۆيگۈ ( ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83110
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-7-28
ئاخىرقى: 2012-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:51:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن.........

بىر جۈملە سۆز يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يېتەرلىك،بىر سېكۇنت ۋاقىت ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا يېتەرلىك،بىر چۈشەنمەسلىك ئە

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6531
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36836
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارغانسېرى مەپتۇن بولۇپ قالدىم ھېكايىڭىزگە ....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7070
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3689 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:57:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگىچە  ھەممىسىنى يىزىۋېتەرسىزمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BARBI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-30 09:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ettar + 10 سىزدەك ئوقۇرمىنىم بول.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شۇ كۈنى غۇلجىغا قايتمىدىم ، قايتقۇدەكمۇ جېنىم قالمىغان ئېدى ، چوڭ بازار ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئۇنىڭ مايكىسىنى باغرىمغا تاڭغىنىمچە تاڭ ئاتقۇزدۇم . تېلىفوننى كەچرەك ئاچقان ئېدىم ، ئېچىشىمغىلا ئۇنىڭ تېلىفونى كەلدى :
   _ نېمە قىلغىنىڭ بۇ ؟ نېمىشقا تاقىۋالىسەن ؟ سېنى قانچە كۆرگۈم كەلگىنىنى بىلمىدىڭمۇ ؟ نېمىشقا ئۆزۈڭ كەلمەيسەن ...
   ئۇ يىغلىدى ، لېكىن مېنىڭمۇ يىغلاۋاتقىنىمنى بىلمىدى . بىز شۇنداق پەرىشان ئىدۇق ، بولۇپمۇ مەن ئەڭ پەرىشان ئېدىم ، كېچىچە ئۇنىڭ بىلەن تېلىفوندا ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلىشىپ ئۇخلاپ قالدىم .
   قايتىشنى ئويلاشمىدىم ، يەنە ئىككى كۈن كېيىن ئۇ مەكتىپىگە ماڭاتتى ، بېرىدىغان ئىمتىھانى بولغاچقا ئون كۈنچە بالدۇر بېرىشى كېرەك ئېدى . ھەم بىز مۇشۇنىڭدىن كېيىن ئايرىلىشنى قارار قىلىشقان ئىدۇق . ھەر سۈيۈشكەنلەر ئايرىلغان ، بىزمۇ ھامان ئايرىلاتتۇق ، شۇڭا ئايرىلماقچى بولدۇق . ئۇ ماڭىدىغان كۈنى ئىچىمگە تۇيۇقسىزلا جىن چۈشتى ، چوقۇم ئۇ چۈشكەن پويىزغا چۈشىۋېلىش ! تاكى قۇمۇلغىچە ئۇنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇش جىنى ئېدى !
   بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللىقاچان پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ بولغان ئېدى ، يۈگۈردۈم ! ئۇچتۇم ! بىلەت ئالىدىغان كۆزنەكنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ مېنى توسۇيالمىدى ، نۆۋىتى كېلەي دېگەن بىر خەنزۇغا قوللىرىغا ئېسىلىپ دىگۈدەك يالۋۇردۇم :
   _ خاپا بولماي نۆۋىتىڭنى ماڭا بەرسەڭ ، مۇشۇ پويىزدا سۆيگەن قىزىم بار ئېدى ! ماڭا بەرگەن بولساڭ ...
   خەنزۇ ھىچ ئىككىلەنمەيلا نۆۋىتىنى ماڭا بەردى ، كۆزنەككە ئوقتەك ئېلىپ بېرىپ :
   _ مۇشۇ ، مۇشۇ پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالىمەن !
   _ كەتتى !
   _ ياق كەتمىدى !
   _ مانا ھازىر قوزغالغان پويىز شۇ .
   _ ماڭا بېلەت بەر دېدىم ، كەتمىدى دېدىم !!!
   بارلىق پىغانلىرىمنى ئەمدى زادى يۇشۇرمىدىم ، شۇ تاپ دۇنيادا مەندىن بۆلەك ھېچكىم ، ھېچكىم قالمىغان ئېدى ، يىغلىغىنىمچە سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ھەممىدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزگەن ئېدىم ، ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم :
   _ ئەمدى ھەقىقى ئايرىلدۇق ، ئەمدى ھەرگىز سېنى ئىزدىمەيمەن ، ھەرگىز ئىزدىمەيمەن ...
   _ جىنىم نېمە بولدۇڭ ؟ نېمىش بولدى ؟ يىغلىما بولامدۇ ؟ نېمە بولدۇڭ ؟ ،- ئۇ ماڭا قوشۇلۇپلا ئىچىنىشلىق ھالدا يىغلىۋەتتى . مەندىن قايتا - قايتىلاپ نېمە بولغىنىنى سورايتتى ، شۇ چاغداتېلىفونۇمنىڭمۇ پۇلى تۈگەپ ئۈزۈلدى ، مەن ئۇدۇل كەلگەن بىر بوتكىغا كىرىپ قايتا تېلفون قىلىپ داۋاملىق يىغلايتتىم ، كاللامدا نەۋائىنىڭ : < ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا يىغلىسۇن يار ئالدىدا .. > دېگەن مىسراسى قوشۇلۇپ پىغانىمنى ئۆرتەيتتى .
   _ جىنىم سەن نەدە ؟ كەلگەنمىدىڭ ؟ ئۈرۈمچىگە كەپسەن ھە ؟ سەن كەپسەن شۇنداقمۇ ...
   _ سەن چۈشكەن پويىزغا چۈشەي دەپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ، كەتتى ، قاراپ تۇرسام كەتتى .. قاراپ تۇرسام سېنى ئېلىپ كەتتى ...
   _ جىنىم يىغلىما ، سېنى سەندىنمۇ بەكرەك ، نەچچە ھەسسە سۆيىدىغىنىمغا نېمىشقا ئىشەنمىدىڭ ؟ .. سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنى بىلەتتىم ، سەن چۇقۇم كېلەتتىڭ ...
   _ پويىز كەتتى جېنىم ، سېنى ئېلىپ كەتتى ، مېنىڭ كۆزۈمچە ئېلىپ كەتتى ..
   _ ياق جېنىم ، ئالدىمىزدىكى بىكەتتە چۈشۈپ قالىمەن ، جايىڭدا جىم تۇر ، كەينىمگە يانىمەن ، سەللا ساقلا ، ئىككى سائەت ..بەلكىم ئۇنىڭدىن ئازراقتۇ .. ئالدىدىكى بىكەتتە توختىسىلا چۈشۈپ قالىمەن !
   ئاپلا.. ئەمدى قانداق بولدى؟! ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم بولمايتتى .. ھەرگىز بولمايتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا دىلبەرنى چىقارغان ئەمەسمىدىم ؟ ياق ، ئۇ چۈشۈپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ .. چۈشسە بولمايدۇ ..
   _ ياق چۈشۈپ قالما ، مەن كېتىمەن ، ھازىرلا كېتىمەن ، مانا ، غۇلجىنىڭ بېلىتىنى ئەپ بولدۇم ، چۈشمە ..
   _ كەتمە ، بېلەتنى قايتۇرۋەت!
   _ ياق ، چوقۇم كېتىمەن ، بىز بۇرۇن دىيىشكەندەك بولسۇن... ئەمدى ئىككىنچى كۆرۈشمەيلى ..
   _ بوپتۇ ئەمسە ، سەن كەت ، مەن بەرىبىر چۈشىمەن ، بەرىبىر كەينىمگە يانىمەن ، سۆيگىنىم تېنىگەن كوچىلاردا مەنمۇ تېنەيمەن ، سەن ياشلىرىڭنى تۆككەن يوللارنى قانماي پۇرايمەن ...
   _ چۈشمە دېدىم .. ،- تېلىفون يەنە ئۈزۈلۈپ كەتتى ، قانداق بولدى بىلمىدىم ، قايتا ئۇرسام ئۇنىڭ تېلفونى توختاپ قاپتۇ ... يۈرىكىمدە مىڭ غەم ، خوپ بولدىمۇ ئەمدى؟ دەيتتىم ئۆز ئۆزۈمگە . مىڭ تەشۋىشلەر بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ زادى ھىس قىلالماي قاپتىمەن ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تېلىفون سايرىدى :
   _ مەن داخىيەن بىكەتتە چۈشۈپ قالدىم ! ،- ئۇنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر زوق - شوخ ئىچىدە بىر تالاي كۈمۈش قۇڭغىراقلاردەك جاراڭلايتتى .
   _ يوغان ئىش قىپسەن ، دەرھال بېلەتتىن باشقىنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقال ، مەن پويىزغا چىقىپ بولدۇم .
   _ ياق ! كەينىمگە يانغىنىم يانغان ! سۆيگەن ئادىمىمنىڭ قەدىمى تەگكەن يوللارغا باغرىمنى ياقىمەن !
   ئۇ ئەمدى گەپكە كىرمەيتتى ، ئاسماندىن پىچاق ياغقىنى بىلەنمۇ دىگىنىنى قىلاتتى ...
   _ ياق ... سەن كەلمە .. مەن ھازىرلا ماشىنا بىلەنلا بارىمەن .. شۇ يەردە جىم تۇرۇپ تۇر ...بېكەتتە قالايمىقان ئادەم كۆپ ، بولسا بىرەر تاماقخانىغا ياكى تورخانىغا كىرىپ تۇر .
   ئۆزۈم تاپقان بالاغا ئەمدى نەگە بارىمەن ؟ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىم ئۆچۈن كاللامنى ئالىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنى يات يەرلەردە يالغۇز قۇيالمايمەن .. ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن ...
   مەن دىلبەرنى بۇلىغاندەك قىلىپ چاقىرىپ چىقتىم ، ھېچ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرمەي ماشىنىغا چىقاردىم . ماشىنا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى .. دىلبەر بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويغاندىن باشقا گەپ قىلمىدى . ئىككى سائەتتەك ۋاقىت .. ئاھ خۇدا .. ماڭا ئىككى ئەسىردەك تۇيۇلماقتا ئېدى ..

__ داۋامى يىزىلۋاتىدۇ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 825
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:25:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ........ھەرقانداق بىر ئىشلارنى ئادەم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، مانا بۇ رىئال تۇرمۇش، ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇش ئىنساننىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن بولىدىكەن ، ئۇنى ياراتقان ئىگىمىزدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ........يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇپ نۇرغۇن  نۇرغۇن كەچۈرمىشلىرىم كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى، ئاخىرىنڭ ياخشى  ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشمەن......

ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1153 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۇتىمەن   ،  ئىچىگە  كىرىپلا كېتىپتىمەن..............

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2334
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2677 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر چاغلاردا مەنمۇ ئالدانغانتنىم كىيۇ كىيۇدا  ، باش پىرسوناژ بەكلا ھىسياتچان ئىكەن ھە   ، كورىيەنىڭ مابەت كىنولىرىدەك چىقىۋاتىدۇ ، ياخشى يىزىپسىز .

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۈم ئىمى-چىمى بوپ كەتتى جۇمۇ    

ياخشى يىزىپسىز ،ئەدەبىيەر سەنئەت دېگەن ئاجايىپ نەرسە جۇمۇ ....

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئاخىر داخىيەنگە يېتىپ كەلدۇق ، قەلبىم بىر خىل تىنىچلىنىپ قالغان ئېدى.. بۇخىل تىنىچلىنىش ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ خاتىرجەملىكى ئەمەس ، بەلكى پىچاق ئاستىدا ياتقان ، ئۆلمىكى مۇقەررەر بولغان كالىنىڭ كۆزلىرىدەك تىنچلىق ئېدى..
   _ مەن كەلدىم ، سەن نەدە ؟
   _ كەلدىڭما ؟ مەن سىرتتا تۇرۇپ بولماي مېھمانسارايغا كىرىپ تۇرغان ، ھازىر چىقىمەن !
   مەن  خۇددى جىنايەتچىدەك ئۆزۈمنى يۇتۇپ كېتەلىگۇدەك بىر قاراڭغۇلۇق ئىزدەيتتىم ، جاننىڭ ئاچچىقىدا تىپىرلايتتىم ...
   _ ياخشىمۇ سىز ! ،- دېدى دىلبەر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ . مەن ئۇنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ زادى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، بۇرۇن بىر كۆرۈشكەن بولغاندىكىن چوقۇم ئىشلار ياخشى بولىدۇ ، دىلبەر بۇنى ئەپلەپ سەپلەپ يولغا سالىدۇ ، دەپ ئويلىغان ئېدىم . لېكىن ئىشلار پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولدى ، ئۇ دىلبەرگە قىلچىلىكمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن :
   _ ئاكام قېنى !
   _ ئۇ .. ئۇ پويىزغا چىقىپ بوپتىكەن ، چۈشەلمەي قاپتۇ ، لېكىن سىزنى جاپادا قالمىسۇن ، ئىمتىھانىدىن قالمىسۇن دەپ .. مېنى ئەۋەتكەن.
   _ يالغان ! سىز كىم ؟ سىز ئاكامنىڭ نېمىسى ؟ نېمىشقا ئارىمىزغا قىسىلىۋالىسىز ئاچا ؟ سىزمۇ قىز بالىغۇ ئاچا ؟ مەن ئاكامنى بىر كۆرىۋالاي دېدىمغۇ ؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز ؟ نېمىشقا ئاكامنى يۇشۇرۇپ قويىسىز ..
   _ ياق ئۇكام ، مەن ئۇنى يۇشۇرۇپ قويمىدىم ، ئۇ راست كەلمىدى .. ،- ئۇ ئەمدى دىلبەرنىڭ ئاغزىغا قارىمىدى ، بىكەت ئەتراپى قاراڭغۇلۇق ئېدى ، ئۇ دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا ، دەل مەن بار تەرەپكە قاراپ جان جەھلى بىلەن ۋاقىردى :
   _ ئاكا !!!!! ئاكا.......  ئاكا ..... ئاكا .... ئاكا ...
   ئۇ ھەر تەرەپكە قاراپ ۋاقىرايتتى ، باشتا بوشراق ۋاقىرغان بولسا كېيىن جېنىنىڭ بارىچە چاقىردى .. مەن قانداق ئادەم ھە ؟! قانداق ئاشىق ھە ؟ قانداق ئىپلاس ئادەممەن ھە ..
   _ ئۇكام ، ئۇنداق قىلماڭ ، بىز ئولتۇرۇپ ئوبدان پاراڭلىشايلى بولامدۇ ..
   _ مېنى تۇتماڭ ئاچا ، ماڭا تەڭمەڭ ، ئاكام بار ، مەندىن يىراق تۇرۇڭ ، ئارافات!!! ... ئارافات !!...  ئاكا!!...ئاكا!! ..
   دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرىغا مەھكەم پاتقان تىرناقلىرىمدىن ئىسسىق بىر نەرسە سىرغىدى.. ئۇ ۋاقىراۋېرىپ ھالىدىن كەتتى ، يىغلاۋېرىپ ھالىدىن كەتتى .. دىلبەرنىڭ ئۆزىنى يۆلىمەكچى بولغان قوللىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ تىزلاندى :
   _ ئاچا ، ئاكام كەلسۇن.. ئاكامنى چاقىرىڭ .. ئاكام بار..
   _ ئۇكام .. بۇ ..مەن ..
   _ جىنىم ئاچا ، بىر قېتىم كۆرسەم بولدى ، ئاكام چىقسۇن .. ،- ئۇ سۆزلەۋېتىپ قاتتىق ھۆ تۇتۇپ كەتتى ، ئۇ بەك يىغلاپ كەتسە مۇشۇنداق بولاتتى .. يەنە شۇنداق بولدى ، ئىككىنچى قېتىم زەرداپ ياندۇردى ..
   _ ئۇكام نېمە بولدىڭىز ؟ ئاكىڭىز نەگە كەتتى ؟ بۇ قىزنىڭ ئاكىسىغا نېمە بولدى ؟ نېمىشقا يىغلايدۇ ؟
   ھەش - پەش دىگۈچە ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئەتراپقا بىر كەلدى .. دىلبەر ھۇدۇققىنىچە ئەتراپقا قارايتتى ، مېنى چىقسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغاندۇ بەلكىم .. ۋە بەلكىم ھەرگىز چىقالمايدىغىنىم ئېسىگە يەتكەندۇ ...
   _ جىنىم ئۇكام ، ياتىقىڭىزغا كىرىپ سۆزلىشەيلى ، قاراڭ كىشىلەر ئولىشىپ كەتتى ، مەن چۇقۇم ئاكىڭىزنى تېپىپ بېرىمەن ماقۇلمۇ ..
  _ ئاچا مېنى ئالدىماڭ..
  _ ياق ئۇكام ، ئالدىمايمەن ..
   دىلبەر ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ، ئۇ چۈشكەن مېھمانسارايغا قاراپ ماڭدى ، تۇرغان جايىمدا مىقتەك قېتىپلا قالغان ئېدىم . يېرىم سائەت بولار بولماي تېلفون سايرىدى ، مەن ئۇنى تېپىۋالمىسۇن دەپ ئۈرۈمچىدىن ئەخلەت كارتا ئالغان ئېدىم ، دىمەك تېلفون قىلغىنى دىلبەر ئېدى :
  _ ۋۇ ھايۋان ! ئادەم بولساڭ كىر !
  _ ئاكامنى تىللىماڭ ... ،- بىر ياندىن ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ..،- ئاكا .. ئاكا ..
  _ كىرمەيمەن .. كىرىدىغان بولسام بايا ئۇنىڭ شۇ يىغا زارىلىرىگە چىداپ مېنىڭ يۈرىكىم تاشتىن تۆرەلگەن ئەمەس ئېدى ..
  _ ۋۇ ئادەم بولمايدىغان پەسەندە ، ما قىز ئۈچىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلىۋالغىلى تاس قالدى !
   _ ھە ؟
  _ مېنى قورقۇتاي دەپ قوقاق سالمىدى ، راستلا ئۆزىنى تاشلىۋالغىلى تاس قالدى ، دېرىزىدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى .. ئاران ..ئاران تۇتىۋالدىم .. ،- ئۇ ئاخىرقى سۆزلىرىنى يىغىدىن بوغۇلۇپ دىيەلمەي قالدى ..
   _ ماقۇل .. مەن چىقاي ..

   ___  داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84552
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارلا ئەمەس،ھازىر ئوغۇللارمۇ 3-4 قىزلانى تىكوغا سېلىپ يۈرىدىغان بولىۋالدى.....ھەي...خۇددى قىزلار چاقماق سېلىپ باقىدىغان تاۋۇزدەك!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش