ARKAN88 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 01:04 AM
ئوخشاش بىر شەيئىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بەرگ ...
ھەيران قالدىم ، سىز مېنىڭ ھېكايەمدىن قۇسۇر ئىزدەۋاتامسىز ياكى مەندىنمۇ بۇنى بىلمىدىم ، بىراق تەھلىل قىلىشىڭىز ھېكايەمدىن بەكلا چەتنەپ كېتىپتۇ ، ماڭا شۇنداق تۇيغۇ بەردىمىكىن دىسەم تېخى . ئالدىنقى قېتىم دىگىنىمدەك ، سىز ھېكايەم بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈڭ بولامدۇ ؟ مېنىڭ مۇنبەردە قوللانغان ئىسمىم بىلەن ئەمەس ، ياكى ھېكايەمدىكى بولۇپ باقمىغان ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدىغان تالاق بىلەن ئەمەس ، بەلكى ھېكايىنى ھېكايە دەپ قاراپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىڭ ، يەنە بىرى ھېكايىدىكى ‹‹مەن›› ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مەن ئەمەس ، شۇڭا ھېكايىدىكى مەن بىلەن مېنى باغلىۋالماڭ . بەزى گەپلەرنى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن دىگەن بولسام بۇ ۋاقىتتا ، بەلكىم مىسىرانىمدا بىر نەچچە تىما بولغۇدەك مىسرانىم ئۇرۇشى پارتىلايتتى ، شۇڭا سىز ھېكايىدىكى مەننى ، ھېكايىنى تەھلىل قىلسىڭىز قانداق ؟ ھېكايىنىڭ سىرتىىدكى مەننى ، ياكى مېنى تەھلىل قىلماڭ .