rustorahbar يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 12:50 AM
ئەلۋەتتە بىزمۇ شۇنداق ئويلايمىز قېرىندشىم ئەمما بۇ د ...
مەنمۇ ئەلۋەتتە مەڭگۈ مۇھەممەت سالھ قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان نۇسخسىدىن پايدىلىنىمەن، قەدىرلەپ ساقلايمەن ھەم ئوقۇيمەن. بىراق يۇقاردىكى تورداشلارنىڭ بەزى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ، يېڭى تەرجىمىسىگە قاتناشقانلارغا ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بىكارلا ئۇۋال قىلىپ قويىۋاتىمىزمۇ قانداق دىگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم! چۈنكى تەرجىمانلىق ئاسان ئىش ئەمەس، بىر ماتىريالنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ نۇرغۇن يۈرەك- قېنى سەرىپ بولغاندا ئاندىن پۈتىدۇ ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ تۆۋەندىكى توردىشىمىز دىگەندەك بىرەر گەپنى ئاينى- ماينى قىلىپ قويدىغانغا رومان ئەمەستە!
ھەر بىر گەپنى تەرجىمە قىلغاندا مىڭىسىنىڭ قېتىقى چىققۇدەك ئويلايدىغان گەپ، ئىسلامنى بىلگەن ئىكەن، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن قورقۇشنى بىلىدۇ، شۇڭا بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلمايلى دىمەكچىمەن!
يەنە كېلىپ ھېچكىم بىزنى چوقۇم يېڭى تەرجىمىسىنى ئوقۇيسەن، كونا تەرجىمىسىنى يىغىۋالىمىز دىگىنى يوق ئىنشائاللا! كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ توغرا تەرجىمىسىدىن پايدىلانساق بولىدۇ!