مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kilyang

دىنى ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90336
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-1-19
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 09:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننى قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ (ئەمەلىيەتتە تەرجىمە نامى ئاستىدا قۇرئاننىڭ ئىلگرىكى تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاشنىڭ  )بىردىن بىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ،ياكى ئۇيغۇرلارنى باتىل، ئۆزگەرتىلگەن تەرجىمە (ئىتىقاد) ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،شەيتانغا ياۋاش يۇمشاقلىق بىلەن بويسۇندۇرۇش،چۈنكى ھازىرغا قەدەر شەيتانلارغا ،ۋە شەيتانلاردىن مائاش ئىلىپ ،قەلبىدە شۇلارغا سەجدە قىلىۋاتقان  سەللىلىك مۇناپىقلارغا قارشى تۇرىدىغان بىردىن بىر قورالىمىز بولسا مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان مۇقەددەس قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى  ئىدى ،كىم مەسچىتلەردە مۇناپىقلىق بىلەن ئاللاھنىڭ سوزلىرىنى بۇرمىلىسا ئۇدۇل ئۆيىمىزگە كىلىپ ئاشۇ پاكىزە قۇرئانىمىزغا قاراپ نىمنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بىلىۋالاتتۇق ،بۇ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئاشۇ مۇناپىقلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ پولاتتەك قورالىمىز دىدىكى ،ئاشۇ سەللىلىك مۇناپىقلارمۇ ھازىرغا قەدەر قولىمىزدىكى تەرجىمە قۇرئانغا قارشى ھىچنىمە دىيەلمەيتتى  ،ئۇلار شەيتاننىڭ قوللىشى ئاستىدا مەسچىت مۇنبەرلىرىنى تارتىۋالغان ،ۋە باتىل بىلەن ھەقنى ئارلاشتۇرۇپ خەلقىمىزنى شەيتانغا ماسلىشىشقا،ئەل بولوشقا ،ھورلۈك ئەركىنلىكلىرىمىزنى ئۇنتۇشقا ،ھەق ھوقوقلىرىمىزنى تەلەپ قىلماي ،پەقەت شەيتان يول قويغان دائىرە ئىچىدىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقاندا،قىسقىسى بىزنى تۇيدۇرماي ھالاكەتكە باشلاۋاتقاندا ئەنە ئاشۇ كونا تەرجىمە قۇرئان ،سوزلەش ھوقوقى تارتىۋىلىنغان ئاشۇ پاك ئىمانلىق موللائۆلىمالىرىمىزنىڭ ئورنىدا ،بىزنى ھەق ھىدايەتكە چاقىرغان ،ئىزىپ كىتىشتىن ساقلىغان ،شەيتاننىڭ ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان ،قىسقىسى مۇشۇ كوناتەرجىمە قۇئان بىزنى نورلۇق ماياك كەبى ،سەللىلىك ھەم سەللىسىز مۇناپىقلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلاپ كىلىۋاتقان ئىدىكى ،شەيتان ھەم شەيتانغا ئەگەشكۈچى مۇناپىقلار  مۇشۇ تەرجىمە  قۇرئان ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز چۈپرەندە ھالاتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى،شۇ سەۋەپتىن ئۇلار تەرجىمە قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللامغا ھاقارەت قىلپ شۇنداق دىيىشكەن ئىدى ‹ نىمە قىلىدۇ ،كونىلار تەرجىمە قىلمىغان قۇرئانى تەرجىمە قىلىپ؟مۇشۇ تەرجىمە قۇرئان چىقىپ كىشىلەر گىپىمىزنى ئاڭلىماس بولوپ كەتتى ،ھە دىسىلا قۇرئاندىن بىر نەچچ ئايەت ئوقىۋىلىپ بىز بىلەن مۇنازىرىلىدىغان بولىۋالدى ،ئۆلىمالىرىمىزنى كوزگە ئىلماس بولىۋالدى›  مانا ئۆزلىرىنى موللا ،داموللائاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ  ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئانغا بەرگەن باھاسى،مانا  زامانلار ئۆتۈپ ،ئۇلار تولىمۇ مودھىش،نۇمۇسسىز بىر قىلمىشنى ئويلاپ چىقتى (ئۇلارغا لەنەت بولسۇن) بۇ بولسىمۇقۇرئان تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىدى ،شۇندىلا كىشىلەر بۇرۇنقىدەك قۇرئاننى كوتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا قارشى تۇرالمايتى،چۈنكى قۇرئان تەرجىمىسى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ شەيتان خوجايىنلىرىنىڭ  ئىددىيسى بويىچە بۇرمىلانغان ئىدى،قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى چۈشىنىلەيدىغان  پاك ئىتىقاتلىق كىشىلەر ئاللىقاچان مۇنبەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان،ۋە سوزلەش ھوقوقلىرى ياۋۇزلاچە تارتىۋىلىنغان ئىدى ،ھازىر مەسچىت مۇنبەرلەردە قالغىنى پەقەت مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ،شەيتاننىڭ سادىق يالاقچىلىرى ،ھەقنىڭ  ئەشەددى دۈشمەنلىرى،ئاللاھ دوزاخننىڭ ئەڭ ئاستىغا تاشلاشقا ۋەدە قىلغان، مۇناپىق شاپتۇل داموللامنىڭ ھارام قىنىدىن تورەلگەن مۇناپىق موللىلار ئىدى،قوي يىمەيدىغان بورە بارمۇ؟زالىمدىن ۋاپا كىلەمدۇ؟بۇرۇن كەلگەنمۇ؟ خۇدا يوق دەۋاتقان كىشىلەر ،رومال ئارتقىلى، ساقال قويغىلى ،يىڭى مەسچىت سالغىلى، قۇرئاننى تولوق سوزلىگىلى قويمايۋاتقان كافىرلار،قىسقىسى دىنىنى يوقىتىشنى كۆزلەۋاتقان كافىرلار  ئەمدى كىلىپ خۇدانىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بەردى دىسە  نىمە ئۈچۈن دەپ سوراپ باقماي ،قىلچىلىك تەپەككۈر قىلماي ،توغرىمۇ خاتامۇ دىمەي ،نىمەئۈچۈن دەپ سوراپمۇ قويماي ،سىلىشتۇرماي ،ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىپ كەتمەيلى،بىر چىمدىم زەھەر سىلىنغان سۇنىڭ ،سۇ ئەمەس زەھەر بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى . قوش مەسچىت ھىكايىسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،دۈشمەننىڭ پارچىلاش قەستىگە ئالدىنىپ يۈرمەيلى.شەيتان ۋە ئۇنىڭ سەللىلىك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ  بىردىنبىر مەقىسىتى ،ئۇيغۇرنى ئۈزۈل كىسىل پارچىلاش ،بىز كەڭ مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل سۈيقەستىگە قارشى  شەكسىز ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىتىراپ قىلغان كونا تەرجىمگە مەھكەم ئىسىلايلى ،ئەمەل قىلايلى ،بۇرۇنقىدەك مۇناپىق موللىلارغا قارشى ئاشۇ قۇرئانىمىز بىلەن تاقابىل تۇرايلى .ئاللاھ ھەممىمىزگە سەزگۈركاللا، ئاللاھ قۇرئاندا دىگەندەك كاپىرلارغا ئىشەنمەيدىغان ئەقىل ئاتا قىلسۇن.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 12:27:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rohilan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 02:24 PM
بېر نې كۇرمېگېچە بېرنېڭ قەدېرگە يەتميدۇ ئنسان    ئەلۋەت ...

  قېرىندىشىم بولسا ئىملايىڭىزغا بەكرەك دىققەت قىلغان بولسىڭىز .
  مۇنۇ تېمىنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن .
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97261-1-1.html

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90378
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 06:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 01:10 PM
مەنمۇ ئەلۋەتتە مەڭگۈ مۇھەممەت سالھ قارى ھاجىم تەرجىم ...

سىز ئالدى بىلەن مۇنۇ ئادرىسقا كىرىپ نەق دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايانلارنى كۆرۈپ باققايسىز. شۇندىلا بۇ قېتىم قايتا تەرجىمىگە قاتناشقان تەرجىمان، تىلشۇناسلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىش تۈگۈل، تۇتۇشقىمۇ سالاھىيىتىنىڭ توشىدىغان - توشمايدىغانلىقىنى قايتىدىن ھېس قىلىپ قالسىڭىز ئەجەب ئەمەس.

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97439-1-1.html

ئاللاھ، شۇنداق بىر يۈرەك ئاتا قىلغىنكى، ئۇ يۈرەك پەقەت سەندىنلا قورقسۇن؛ شۇنداق بىر قامەت ئاتا قىلغىنكى، ئۇ قامەت پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا ئېگىلسۇن ...

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 08:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى قېرىنداشلارنىڭ بىزگە ئەسلى ماناسى بىلەن يەتكۈزشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
   بىزنى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن        ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 08:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى قېرىنداشلارنىڭ بىزگە ئەسلى ماناسى بىلەن يەتكۈزشىنى ئۈمۈد قىلىمەن   ئھ ئاللا  مۇھەممەد سالىھ  داموللامنىڭ تىنگە سالامەتلىك تىلەيمەن  يامان نىىيەتلىكلەر نىڭ  قەستىدىن   ئاللاھ ئىگەم  ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 08:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىنى بەر سۈن ،  مىنىڭ بەك لام كۆرگۇم بار بۇ ئادەمنى

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90841
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 10:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننى تەرجىمە قىلغان ئۇستازلارغا ئاپىرىن!
    قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەددى ھېسابسىز خوش بولۇپ، بەس-بەستە بۇ قۇرئاننى سېتىۋېلىشماقتا. مەنمۇ  شۇنىڭ جۈملىسىدىن. قۇرئان ھەقىقەتەن تىلى راۋان، چۈشۈنۈشلۈك چىقىپتۇ. تاشقى كۆرۈنىشىمۇ ھەرقانداق كىتابلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تۇرغۇدەك ھالەتتە بولۇپتۇ.
مەن بۇ ئۇلۇغ ئىلاھى كىتاب چىققاندىن كېيىن، بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان ئۇستازلار ئۈستىدە ئىزدەندىم. مەن بۇ يەردە قېرىنداشلارغا ئۆزەم ئىگەللىگەن مەلۇماتلارنى سۇنماقچى.
1. غوجا ئابدۇللا ئوسمان قارى ھاجى دىنى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە قۇرئاننى ياد ئالغان. قەشقەر ھېيتكاھ جامىئەسىنىڭ قارىخانىسىدا تۇرغان. كېيىن جوڭگو ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىدا 5 يىل ئوقۇغان. مەكتەپتە بىلىم سەۋىيىسى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم بىلەن قېلىشمىغان. ئۇنىڭ ئۆتكۈر، بىلىملىك  ئىكەنلىكىنى بىلگەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنى بېيجىڭدا ئېلىپ قالغان. ئۇ 30 يىل نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تىل جەھەتتە ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ كۆپ كىتابلىرىنى رەتلەپ بېرىش، تەھرىرلەپ بېرىش، تەكشۈرۈپ بېرىش، نەشىردىن چىقىرىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ كىتابلىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
2. ئابدۇقادىر مەخسۇم قەشقەر پەيزىۋاتلىق بولۇپ، دىنى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدىلا دىنى بىلىمگە تولغان. ئۇ 17~18 ياش ۋاقىتلىرىدىلا يۇرت خەلقىگە ۋەز سۆزلەپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. ئۇ قەشقەر ئىسلام مەكتىپىدە ئاساسلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس سۆزلىگەن. ھازىرقى قەشقەردە ئىمامەتچىلىك قىلىۋاتقان ياش ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ شاگىرتى. ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن قەشقەردىكى جامەئەتچىلىكنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنى ھېيتكاھ جامىئەسىگە ئىمام، خاتىب قىلىپ تەيىنلىگەن.
3. شەمشىدىن ھاجى. بۇ كىشى كىچىكىدە مەدرىستە ئوقۇغان. كېيىن مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ، شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. ئوقۇش جەريانىدا ئىسلام تارىخى، ئىسلام مەدەنىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. كېيىن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا مۇدىر بولغان ھەم نۇرغۇنلىغان مىللى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. كېيىن جوڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جوڭگو ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئول مۇدىرى بولغان. شۇ جەرياندا شىنجاڭدىن ئىككى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ بىر قىسمىنى چەتئەللەرگە ئەۋەتكەن. ئۇ شۇ جەرياندا يەنە جوڭگو مۇسۇلمانلار ژۇرنىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەم باش تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇڭا ئۇ ئەرەب تىلىنى بىلمىسىمۇ دىنى مەلۇماتى مول بولۇپ مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ ماقالىلىرىنى تەھرىرلەپ، كىتابلىرىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن.
4. مۇھتەرەم شېرىپ داموللا ھاجى. ئۆزى دىنى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، كىچىكىدىلا دىنى بىلىملەرگە ئىگە بولغان، كېيىن جوڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ياخشى ئوقۇپ، ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن جوڭگو ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى ئۇنى لىۋىيە ئىسلام ئالىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئۇ لىۋىيەدە ئەرەب تىلى، ئىسلام دىنى تەتقىقاتىدا باكلاۋۇرلۇق،  ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى ئاڭلىغان ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭ تىل ماھارىتىگە قايىل بولىدۇ.
5. ئابلىمىت ئەھمەت داموللا ھاجى خوتەندە توغۇلغان. ئۆزى ئۆتكۈر، ئىنكاسى تېز، دىنى بىلىملەرنى چوڭقۇر ئىگەللىگەن، خوتەن ۋىلايىتىدە تەسىرى زور، ياش ئۆلىمالارنىڭ بىرى. ئۇ دىنى ئەقىدىدە مۇستەھكەم، كىتاب كۆرۈش، مۇتالىئە قىلىش ئىقتىدا يوقىرى بىر كىشى. ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن دىنى جەھەتتە مۇنازىرىلەشسە دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلالايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش