10-ئەبەينىڭ ياپۇندىكى كارامەتلىرى
دۇنيادا ئادەملەر ئاجايىپ بولىدىكەن. بەزەن ئادەملەر باركەنكى ئۆزى بىر ئىشنى باشلايدىكەن ئاخىرىنى ئاخىرلاشتۇرمايلا كۆزدىن غايىپ بولىدىكەن. ئەبەي ياپۇنىيەگە تولىمۇ دەبدەبىلىك باردى. ئۇ لى نىڭ ماركىلىق ئاۋياماتكىدىن چۈشكەندە، ياپۇنىيە خەلىقىلام ئەمەس بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. ئاۋياماتكا ياپۇن دېڭىز ساھىلىدە بىر نەچچە كۈن تولىمۇ ھەيۋەت تۇردىكى ياپۇندىكى جۇڭگۈلۇق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئالەمدە مۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭمۇ بالىغىنى ھىس قىلىپ جۇڭخۇرىيەنى قايتىدىن سېغىنىشتى. ئەبەي خېلى ئىزلىگەن بولسىمۇ نودا دىگەن قىزىل كۆز كۆرۈنمىدى.ئۆزىمۇ ئىزلەپ باقتى. ئادەم قويۇپمۇ ئىزدەتتى. نەچچە ياپۇنلۇقنىمۇ سېتىۋېلىپ شەھەرمۇ-شەھەر ئىزلىتىپ تاپالماي تىت-تىت بولدى. يەنە ئىزدىتىۋىرەي دىسە ‹ئىزدىتىش چىقىمى›نى ھېسامكامنىڭ تەستىقلاپ بەرمەسلىكىدىن قوقتى. ئاۋياماتكا چىقىمىنىمۇ نوداغا تۆلىتىش ئىشىمۇ مەغلۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ قارسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايۋاتاتتى. ئەبەينىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قېتىپ نودا دىگەن قىزىل كۆزگە قايتىدىن ئۆچلىكى كەلمەكتە ئىدى. ئۇنى تۇتۋالسا شۇ تاپتا ئىت سويغاندەك سويۇپ، بېشىنى ئاۋياماتكىنىڭ يەلكىنىگە ئېسىپ قويغىدەك دەرجىدە ئاچچىغى تۇتىۋاتاتتى. ئابى شىنزۇ بولسا يېڭى تەئىنلەنگەنلىكىنى دەپ ئۇ ئىشلارغا باش تىقمىدى. ھەم دىياۋيۈ ئارىلى مەسلىسىدىن بىخەۋر ئىكەنلىكىنى دەپ كۆزىنى يۇمىۋالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ياپۇنىيەدىن بۇنچە چوڭ چىقىم قىلىپ كىلىپ، قۇرۇق قول قايتىشنى ئويلاپ باقمىغان ئەبەينىڭ ئەقلىدىن بىر ئىش كەچتى.
ئەبەي دەسلەپتە كوچىمۇ-كوچا غەلىتە كىيىنىپ، تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەپ ئۆزىگە چوقۇنغۇچى توپلىدى. كىيىن مەخسۇس بىر سەنئەت ئانسامبلى قۇرۇپ ئويۇن قويۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق قىلغاندا بىرى چىقىمنى تۆلەشكە پول تاپالايتى. يەنە بىرى نودانى تېپىش ئىشىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى. بۇ ‹قوش ئۈنۈم يارتىش چارىسى› ئىدى. ئۇ يەنە بىر قولىدا قول ئاستىدىكىلەرنى باشقۇرسا، يەنە بىر قولىدا ئانسامبىلنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىنى تۇتۇپ ‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول مەھكەم بولۇش سىياسىتى›نى يۈرگۈزۈپ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ پىلانلىرى مۇكەممەللىشىپ بارماقتا ئىدى. بۇنداق قىلغاندا ئۇ بىر نەچچە يىلغا قالماي ياپۇننىڭ بايلىغىنى غۇلجىغا توشۇپ بولىشىدا گەپ يوق ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەبەي تونۇلدى. ياپۇنىيە تاراتقۇللىرى بەس-بەس بىلەن ئەبەينى تېلىۋۇزۇردا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تاققۇ-تۇققۇلىرى ياپۇن خەلىقىغە تولىمۇ ياقتىكى خۇددى ھەسەلگە نان چىلاپ يىگەندەك تۇيغىدا بولۇپ قالدى.ھەتتا تاماق يىمىسىمۇ بەزىللىرىگە ئۈچ ۋاخ غىزا ئورنىدا تاققۇ-تۇققۇ قويۇپ بىرىلدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تاماق مەسلىسى ھەل قىلىندى. بەزەنلىرىنىڭ ساقايماس كېسەللىرى ساقىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەمدە دوختۇرخانىلاردا ئىش تاشلاش ھادىسى يۈز بەردى. نۇرغۇن ياپۇنىيلىك قىز-چوكانلار ئېرىنى تاشلاپ چىقىپ ئەبەينىڭ چوقۇنغۇچىللىرى بولۇپ قالدى. كۈندۈزلىرى ئەبەينىڭ سايىسى بولۇپ ئويۇنلىرىنى قوغلۇشۇپ كۆرسە، كېچىللىرى ئەبەينى چۈشىدى. ئەرلىرى خوتۇنلىرىنى ئەبەيدىن كۈنلىمەكتە يوق ھەدەپ ئاياللىرىنىڭ دۈمبىللىرىدىن ئەبەينىڭ ئېمزاسىنى ئىزلەشتى.
ئاردىن بىر يىل ئۆتتى. ئاۋياماتكىنىڭ ياپۇنىيە دېڭىز ساھىلىدە توختۇتۇش ۋاقتىمۇ توشاي دەپ قالدى. بۇ يىللىق توختۇتۇش ھەققىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. شۇ جەرياندا نودانىڭمۇ خەۋرى ئەبەينىڭ قولىغىغا يەتتى. كىيوتو شەھرىنىڭ شەھەر كوچىللىرىدا بىر تىلەمچى ئۆزىنىڭ كىيىنكى سايلامغا قاتنىشىشغا ئىختىساد توپلاۋاتاتتى. ئۇ دەل نودا يوشىخو بولماي كىممۇ بولسۇن؟! ئەبەي ھازىرلىقلارنى تەق قىلىپ ‹تۆت تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىش پىلانى› تۈزۈپ، نودانى تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. بۇنى ئۇ ‹تىرىك تۇتۇش پىلانى› دەپ ئاتىۋالدى. ئاۋۋال ئۆزى قەلەندەرچە ياسىنىپ قەلەندەرلەر ئۇۋسىغا سوقۇنۇپ كىردى. كىيىن شايكىللىرىغا خەۋەر قىلىپ نودانى تۈتتى. نودا شۇنداق بىچارىلەرچە ئەسىرگە چۈشتىكى ئۇ تۇتۇلغاندا كۆزىدە ياش، قەلەندەر تاۋقىدا قالدۇق ئاش، مىسكىن ھەم ياۋاش، يوق ئىدى ھەتتا تىكىلىپ قاراش. سۇلغۇن چىرايلىرىدا دىياۋيۈ ئارلىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ كىيۋالغان چاپانلىرىمۇ يىرتىلىپ كەيگۈسىز دەرجىدە مەينەت بولۇپ كەتكەن ئىدى.
داۋامى (11-نودا يوشىخونىڭ سوتقا تارتىلغانلىغى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!