مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: YuqunAdam

دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كىڭەش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

TERORQE بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:16:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44833
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7233 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 09:32:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەپسىلى كۆرەي

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-سەلەي چاققاننىڭ ئەمىلى مۇنازىرە ئېمتىھانى


        نەسىردىن ئەپەندىممۇ ياقۇپبەگنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالماي يەكەنگە سۈرگىن قىلىندى. سىيىت نوچى تېخىچە ئەسلىگە كىلەلمەي بۇرۇقتۇرمۇچىلىقتا يۈرگەندە، مانا ئېمتىھان ئېلىش نۆۋىتى سەلەي چاققانغا كىلىپ قالدى. سەلەي چاققان ئىشلارنى زىخمۇ كۆيمىگىدەك، كاۋاپمۇ كۆيمىگىدەك ئورۇنلاشتۇرمىسا بولمايتى. ئۇ ئۇيان ئويلا، بۇيان ئويلا مۇنداق پىلان تۈزۈپ چىقتى. ئېمتىھان رايۇنىنى ئېسىل بىزەلگەن يامبۇ مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۆزى نودا يوشىخو، لىكۈي ئوباما، ۋۇسۇڭ چىڭگىزخان، جۇباجى مەنموخان سىنىگ، ئەبەي پوتېن بولۇپ بەش تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دىياۋيۈ ئارلى توغرىسىدا ئەمىلى كېڭەش مۇنازىرسى قىلىش توغرىسىدا ياقۇپبەگنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئەمىلىي ئېمتىھانى ئېلىش قارار قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.                  
         يىغىن زالىغا ئايرىم كىشلىك سافادىن ئالتىسى چۆرىدەپ قويۇلغان بولۇپ تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. ھەممەيلەن يىغىن زالىغا كىرگەندە ئۆزلىرىگە شۇنداق ئىشەنگەن ھالدا ئېمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشەنجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي باشلىقلاردەك سۈر ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىپ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىپ بىر-بىرىگە سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسۈتۈپ قويۇشاتتى. ئاۋۋال كېم سۆزلەش توغرىسىدا بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىۋاتقاندا ھېندىستانلىق مەيموخان سىنىگ جۇباجى سۆز باشلىدى.
-ھە.ھە. ئەمدى بۇ يەرگە بەش تەرەپ تەستە يىغىلدۇق. مۇشۇ بانادا مەنمۇ چىگىرا مەسلىسىنى ھەل قىلىۋالاي! چىڭگىزخان دىگەن ۋۇسۇڭ سەن ئاگاھ بول! بۈگۈن سەن چېگىرا توغرىسىدا ئېنىق جاۋاپ بەرمىسەڭ تۆمۈر تاغىقىم بىلەن بوينىڭغا سالىمەن!
-ماڭاۋە كىسپۇرۇچ! مەن بۇ يەرگە سېنىڭ مەسلەڭ بىلەن يىغىلمىدىم. دىياۋيۈ ئارىلىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كەلدىم. ئەگەر سەن ئۇ توغرىدا ئۆكتەملىك قىلىپ ئېغىز ئاچىدىغان بولساڭ ئىككى قۇلىغىڭنى كىسىۋېلىپ ئىتقا تاشلاپ بىرىمەن!-دىدى ۋۇسۇڭ چىڭگىزخانمۇ بوش كەلمەي قىلىچىنىڭ دەستىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
-ساڭا ئۇنداق ئاسانلا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان سىنكاكو ئارىلى يوق!-دىدى نودا سەلەي چاققان.
-ئۆزلىرى قانداق قىلاتتىلە ئۇ دىياۋيۈ ئارىلىنى غۇجام! ئاستا بېرىۋىتەلا. بولمىسا چاۋشىيەننىڭ قويۇپ بىرىدىغان سۇنئىي ھەمراسى سىلىنىڭ ماكانغا چۈشۈپ كىتىدۇ جۇما ئېھتىياتسىزلىقتىن-دىدى  پوتېن ئەبەي سىيلىق سۆزلەپ.
-قايسى سۇنئىي ھەمراسى؟ بىز نېمىش قىلىمىز قارى. بىزنىڭمۇ ماكان بار جۇما ياپۇندا. يېقىندا 10 ئاۋياماتكىنى يولغا سېلىپ قويدۇق. ئۇلار شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىدۇ. ئايرىپىلانلىرىمىز ياپۇن ئاسمىنىدا قاغىدەك ئۇچۇپ كېچە-كۈندۈز قاراپ تۇرىدۇ. كېم دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئاچىدىكەن مەندىن ئاغرىنمىسۇن!-دىدى ئوباما لىكۈي پالتىسىنى چىقىرىپ.
-غوجام! ئۆزلىرى بەك شاۋايلايلىغۇ؟ چوڭ گەپنى بېرىپ ئامرىكىللىرىغا بېرىپ قىلسىلا. بۇ يەردە يەنە ئېغىز بىلەپ چىڭگىزخاننىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈردىغان بولسىلا ئۆزلىرىگىمۇ ئىگە بولالمايلا جۇما!-دىدى پوتېن ئەبەي.
- نېمە دىمەكچى! دىدى نودا چاققان.
-بۈگۈن دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت بىرىسەن! بولمىسا تېرىك كىتىمەن دىمە-دىدى دەر غەزەپكە كەلگەن ۋۇسۇڭ چىڭگىز
-ھە.ھە. سەن تېخى بويان تاۋلىق قىلىپ ھەممە يەرنى ئىگەللىگەننى ئاز دەپ سىنكاكوغا قول سۆزىۋاتامسەن!-دىدى مەيموخان باجى
-شۇنى دەيمەن-دىدى ئوباما قارىۋاي
-شۇنداق بولىدۇ-دە. نەچچە كۈندىن بىرى يىدۇقما، ئىچتۇقما. بۇ دىگەن قەيەر؟ قەشقەر. جۇڭگۇنىڭ زېمىنى. ‹ۋىشىت!› قىلىپ بىر ئىسقىرتىدىغان بولسا ئادەملىرى بىزنى تۈكۈرۈپ سۇغا غەرق قىلىۋىتەمىكىن! ئاستا بىرىدىغاننى بىرىپ قايتايلى-دىدى پوتېن ئەبەي
-چاقىرسا چاقىرىسۇن! مەن شۇ قەشقەردىن!-دىدى نودا چاققان مەيدە قېقىپ-قول كۆتىرىپ دىياۋيۈ مەسلىسىنى ئادىل ھەل قىلىمىز.
-قول كۆتىرەمسەن، كۆتىرمەمسەن ئۇ ئۆزلىرىڭنىڭ ئىشى! ماڭا دىياۋيۈ كېرەك! پاكىت ۋە باشقا ھېچقانداق ئىسپات تەلەپ قىلىنمايدۇ! يەنە بويۇن تاۋلىق قىلىدىغان بولساڭ ئاۋۋال سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن باجى، ئاندىن ما قارۋاينى، كىيىن سەن نودانى!-دىدى ۋۇسۇڭ قىلچنى چىقىرىپ.
-ئۇنداق ئەسكىلىك قىلماسسەن ئاغا-دىدى ئوباما قارىۋاي ھىجىيىپ.
-كېمنى بىر تەرەپ قىلىسەن كىمنى؟-دەپ سىرىتقا چاپتى نودا. ئۇ سىيىت نوچىنى ئېمتىھان مەيدانىغا چاقىرماقچى ئىدى.
-بولدى قىلە. بىز قول قويايلى. قول كۆتىرىپ ئادىل ھەل قىلايلى-دىدى پوتېن ئەبەي ساننىڭ ئۈچتە ئىككى بولىدىغانلىغىنى پەمىلەپ.
-راسما!-دىدى ۋۇسۇڭ ئوباما قارىۋايغا نەشتەردەك قاراپ.
-شۇنداق قىلايلى ئاغا-دىدى ئۇمۇ جاۋابەن.
        نودا چاققانمۇ يېرىم يولدىن قايىتتى. قول كۆتىرىش باشلاندى.
-قېنى. دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگۇغا تەۋە دەيدىغانلار قول كۆتىرىڭلار-دىدى ۋۇسۇڭ ئوباما قارىۋايغا تىكىلىپ تۇرۇپ. دىمەكچىلەدىن ئۆزى بىلەن ئۈچ قول كۆتىرىلدى.
-قېنى. سىنكاكو ئارىلى ياپۇنغا تەۋە دەيدىغانلار قول كۆتىرىڭلار؟-دىدى نودا چاققان ئوباما قاراپ تۇرۇپ. دىمەكچىلەدىن يەنە ئۈچ.
-ھە.ھە. سەن دەيۈز نېمىشقا دىياۋيۈ دىگەننى ئىتىراپ قىلىسەن؟-دىدى مەيموخان باجى
-دىياۋيا دىگەن ئىسمىدىنلا جۇڭگۇنىڭ زېمىنى، سىنكاكومۇ ئىسمىدىنلا ياپۇننىڭ زېمىنى ئىكەن شۇڭا-دىدى ئوباما قارىۋاي-بۇ ئىسىملارنىڭ بىرى يوقالسا ئاندىن ئايرىلغىدەك. بۇنى كىيىنكى سۆھبەتتە بىر تەرەپ قىلايلى!.
-ئۇنداقتا ھەممەيلەن يىغىلىپتۇق. بۈگۈن مەن ۋۇسۇڭ چىڭگىز ئەمىلي ئېمتىھانغا مەسھۇل بوپتىمەن. مۇشۇ يەردە ئارال مەسلىسى توغرىسىدا بىرەيلەننى ئەلچى قىلىپ ئېۋەتىش ئىشىغا كېمنى تاللاش كېرەكلىكىنى ئايرىيمەن! كېم بولسۇن!-دەپ قىلىچنى ئۈستەلگە تىكلەپ قويدى. ئەتىراپ جىمىدى. مەيموخاننىڭ زۇۋانىمۇ يىغىلدى. قارىۋاي:
-ئاغا چاخچاق قىلىۋاتامسەن؟
-كېمگە چاخچاق قىلاتتىم. ھە دەپ ئېغىز ئېچىپ قويسا بەزىلەر ئېغىز غېرىچلايدىكەن. شۇڭا مۇشۇ يەردە سايلاپ توختىتمىز. كېم بولسۇن؟
-ئەبەي بولسۇن!-دىدى ھەممەيلەن تىترىشىپ تۇرۇپ. ۋۇسۇڭمۇ بۇ ئىشنى ئەبەيگە تاپشۇرغاندا ئىشەنچىلىك بولىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتتى.
-راستما؟
-راست!
        يىغىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. ئەبەي خان ئەلچىلىك دەرجىسىگە كۆتىرىلىپ نودا يوشىخو بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ ئاتلاندى. ھېسام رەقىپلىرىنى غەلبىلىك يېڭىپ ياقۇپبەگنىڭ قىزغىن ئۇزتۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. ياقۇپبەگ بۇ نۆۋەت ھېسامنى شۇنداق قۇچاقلىدىكى تۈنجى رەت تەڭرى تېغىنى قۇچاقلىغاندەك باغرىغا ئىللىق ئېقىن سىڭىپ كەتتى.  تاڭسىڭ باجىسىنى ئېلىپ تۇرپانغا يول ئالدى. ئۇنى كېم ئۇزاتقانلىغى نامەلۇم. سۇڭجىياڭ ۋۇسۇڭ، لىكۈيلىرىنى كېۋەز تىرىپ ئەكەلگەن كىرا پولىنى تېپىپ بېرىشقا قويۇپ قېيداپ بالدۇرلا كېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا ياقۇپبەگ تەرەپتىن تەييارلاپ قويۇلغان سوۋغا-سالاملار ھېسامغا زەللە قىلىپ تېڭىپ بىرىلدى.


داۋامى (10-ئەبەينىڭ ياپۇندىكى كارامەتلىرى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!



شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91119
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-2-3
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 09:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ساددا قېرىنداشلىرىم ئۆزىمىزنىڭ يۇرتېدا خاتېرجەم ياشىيالماي ۋاتساق  دىياۋيۈ ئارېلىنى كىم ئالسا بېزگە نىمە پايدېسى  ياخشىسى ئېماننى مۇستەككەملەپ  ئىسلام يولىدا  دادېل ماڭايلى نەدېكى يوق .ئىشلاغا ئارلاشماي  ئۇ  يەنى ئالسىمو سېزگە بېرە بېلىق بېرىشى ناتايىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91489
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجىدىكى ھازىرقى ھايات چاقچاقچىلار...ھىسامكام،ئىبراھىمكام ‹دىۋانە›،بولۇسكام،شاۋكەت جۇدى،ئەخمەتچان،ۋەلى ،تاش سىرىق،مۇساجان ئەخمەت،ئەكرەم سىتىۋالدى،،ئەبەي تاقا -تۇقا،جىلىليۇزىدىن:سالىكام‹دىۋانە›،لەتىكام‹ئىشەك›،كامىلكام،مىجىت قانجۇق،تۇرغان مۇدا،پەرھات باجى،  ،پەرھات خىتاي ،پەرھات دىھقان، ئەركىن پەيدا، يۇسۇپچان قىيۇم،شىرمۇھەممەت،ئاۋزەر‹لەتىكامنىڭ ئوغلى›،ياقۇپ مەينەت،ھىببى،ھەمرا،روزاخۇن،يەنە پىقىرمۇ...ھى..ھى...ھى...يەنە نۇرغۇن يىتىلۋاتقان ياش چاقچاقچىلار بار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى دىسەممۇ بەرىبىر سىز تونىمايسىز ئەمما ئۇلار يۇقارقىلارنىڭ ئىزىنى بىسىش ئۇچۇن ھازىرقى ئەل سويگەن ئوغلانلار ئەتراپىدا ئۇزلىكسىز مەشىق ئۇستىدە.

يەنە ئىلىنىڭ ھەرقايسى يىزا قىشلاقلىرىدا  توي-توكۇن مەشرەپلەرنى قىزىتىپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن<تونۇلمىغان>چاقچاقچىلار بار بولۇپ ئۇلارنىمۇ مۇمكىن بولسا يوللاپ بىرەي.


ھە راس، سىزلەردىن سوراپ باقاي دىياۋيۇ ئارىلىما بىزنىڭ ئىلىگە قارامدا؟؟؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mansur-abral تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 02:00 PM  


تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mansur-abral يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 01:31 PM
غۇلجىدىكى ھازىرقى ھايات چاقچاقچىلار...ھىسامكام،ئىبراھ ...

-..........
-..........
-غۇلجىلىق چاخچاقنى پارچە پول ئوينىدا خەجلەيدىكەن- دىسەم،ئۇ غۇلجىلىق دىدىكى.
-قايسىڭ باشلاپ كەلدىڭ ما قەشقەلىقنى. ئىلى دەرياسىنى كۆرسەتمە جۇما. بولمىسا يۈركى ۋاككىدە يېرىلىپ ئۆلىدۇ. غۇلجىدىن ئادەم قەرزى بولۇپ قالمايلى. -دىۋىدى. ئەتىراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈپ مەيداننى باشقا كەيدى.
       ئۇ نەدىكى چاخچاقچى بولسۇن ئىسمى تۇرسۇن چوقو ئىكەن. لىكىن بىر-ئىككى سائەت سورۇن قىزتىشقا كەپتىكەن.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mansur-abral يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 01:31 PM
غۇلجىدىكى ھازىرقى ھايات چاقچاقچىلار...ھىسامكام،ئىبراھ ...

كېم بەك تاققۇ -تۇققۇ سۆزلەپ يۈرسە شۇنىڭغا ئېشىپ قالمامدۇ! دىياۋيۈ ئەبەينىڭ! ئاخىرى ئەبەي باشقۇرىدۇ ئۇ يەرنى. نودامۇ چۈشۈپ كەتتى. ئاڭلىسام ئۇ بارغانچە ئورۇقلاپ دەرت تارتىۋېتىپتىمىش. ئەبەي بارغانچە تۇلۇمدەك ئىسىلىپ، سىياقىدىن ئارال باشقۇرغىدەك سۆلەتكە ئىگە بولۇپ گەۋدىلنىۋېتىپتۇ. تاققۇ=تۇققۇدىمۇ ۋايىغا يىتىۋېتىپتۇ. شۇڭا نودا ئۆلسە ئەبەيگە قالامىكىن!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91489
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YuqunAdam يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 01:41 PM
-..........
-..........
-غۇلجىلىق چاخچاقنى پارچە پول ئوينىدا خەج ...

شۇ راس ئىيتىسىز ،نۇرغۇن قەشقەلىكلەر سىزدەك قالايمىقان سوزلەپ قويۇپ ئىلى دەرياسىنى كورەلمەي كىچىك ئىرىقلىرىمىزدا پۇتىنى يۇيۇپلا قايتىپ كەتتى...
يازىچە خەلىق مەيدانىدا ياتقانلارنىغۇ ھازىرغىچە يۇرتىغا قايتۇرۇپ بولالمايۋاتىمىز......

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 02:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mansur-abral يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 01:55 PM
شۇ راس ئىيتىسىز ،نۇرغۇن قەشقەلىكلەر سىزدەك قالايمىقا ...

كۆردۈق ئىلىلقلارنى. ھېلقى 33 ياشلىق بوغالتىر بالا سۇغا غەرق بولغان كۈنى مەن غۇلجا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنى ئۈزۈپ ئۆتكەن. كۆپۈنچەڭلار سۇ ئۈزەلمەيدىكەنسىلەر. بۇنى دەريا تۈۋىدە تۇرۇپ سۇ ئېچەلمەسلىك دەيمىز. سۇ دىگەننى تېرىك تۇرۇپ ئۈزىدىغان نېمە. سۇ ئۈزدۈق دەپ نەپىسىڭلارنى قىسىۋالماي غۇلاچ تاشلاپ ئۈزمەمسىلەر. گەپ نوچى بولغان بىلەن ئۆزەڭلار قورقىدىكەنسىلە ئىلى دەرياسىنىڭ ھەيۋىسىدىن بىزنىڭ كۆزىمىزغىغۇ شۇ بىر ئېرىقتەك كۆرۈندى. ئۇ ئۆستەڭ

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91489
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 02:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا...ھا...ھا....شۇنداقمۇ..بىز سىلەردەك ئۇنداق گىرى ئەمەس،ھۇكىمەت بوغالتىرى سۇغا غەرىق بولسا قۇتقىزىدىغان.......ھازىرقى سىياسەتتە ئۇ قانۇنغا خىلاپ........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش