5-ياقۇپ بەگنىڭ بەگلەرنى قوبۇل قىلىشى
چىڭگىزخاننىڭ مەلۇماتنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياقۇپبەگ تولىمۇ ساراسىم بولدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەلچىلەرنى تاللاشقا سەلەي چاققاننىڭ بەلگىلەنگەنلىكى تازا ياخشى خەۋەر بولمىدى. ئەمما قانداقلىكى بولمىسۇن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر خىزمەتكار بولغانلىقىدىن ئۇنىڭغا گەپ يىگۈزۈپ بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىمەي بولمايتى. ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ھاياتىغا نىسبەتەن ئويلىنىش قىلغىنىدا ،ئۆزىنىڭ ئۆزبىك ئىلىدىن قەشقەرگە كىرىپ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشىمۇ ئاسانغا توختىمىغان ئىدى. ھاكىمىيەت دىگەن ھۇل دىمەكتۇر. شۇڭا چېڭگىزخان بۇنى باھانە قىلىپ قەشقەرگە چىل كۆزىنى تىكىپ، قىلىچلىرىنى ئوينۇتۇپ كەلمىگەن بىلەن ئېلىۋاتقان ئاشلىق، ئالتۇن كۆمۈشلىرى ھەددە ھېساپسىز ئىدى. تېخى پات-پات قىز-چوكانلارنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ قىيناشلىرى ئۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەىس-يادى سۇڭجىياڭنى قانداق كۈتىۋېلىشتىلا قالدى. چۈنكى كۈنلەر ئۆتۈپ سۇڭجىياڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى ئېنىق ئىدى. سۇڭجىياڭدا ئىستىداتلىق قوشۇن بار، سەركەردىللىرىگە ھېچ باتۇر تەڭ ئەمەس ئىدى. تاڭسىڭچۇ؟ ياقۇپبەگنىڭ نەزىرىدە ئىككى-ئۈچ ھايۋاننى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيتى. ھېسام بولسا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ، قەلبىدە شۇملۇق يوق تۈزلا سەئەتخۇمار ئادەم بولۇپ ئەنسىرەش بىھاجەت ئىدى. ياقۇپبەگنىڭ سۇڭجىياڭنى كۈتىۋېلىش ھەم ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇسى بار، لىكىن چىڭگىزخاننىڭ بىكىتكەن ئېمتىھان ئالغۇچىللىرى تولىمۇ رەھىمسىز بولۇپ ئادىللىقنى ياقىلايتى. سىيىت نوچى ‹يەپ-ئىچىش ئىمتىھانى›غا، نەسىردىن ئەپەندى يەكەندىن تەكلىپ قىلىنىپ كىلىنگەن بولۇپ ‹ئەدىبىيات-سەنئەت ئېمتىھانى›غا، سەلەي چاققان ئېنىقلا ‹ئەمەلىي سۆھبەت ئېمتىھانى›غا بەلگىلىنىپ بولغان ئىدى. ھەم چىڭگىزخان ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇ شۇنداق ۋەسۋەسە ئىچىدە سۇڭجىياڭلارنى ئونسۇ ئىلىغىچە ئالدىغا چىقىپ، ئەيىش-ئىشىرەت پايتەختى بولغان ئۇچتۇرپاندا كۈتىۋېلىش زىياپىتى بىرىشنى تايىن تاپتى. ۋە سىيىت نوچىغا:
-سىيىت نوچى. سەن يامبۇ مېھمانسارىيى خۇجايىننىڭ جىپ ماشىنىسىنى سوراپ كىر! بەرمىسە ئىجارە ئال! بىللە ئونسۇغا بارىمىز-دىدى.
-ماي قاچىلىۋالامدۇق-يا-دىدى سېيىت نوچى يانچۇقىنىڭ قۇرۇقلىغىنى ئىشارە قىلىپ.
-راس! بايلار دىگەن پولغا ئامىراق بولىدۇ. ماينى چۈشۈرۋېلىشتىن يانمايدۇ. چىقىپ يولۋاسخاننىڭ چاي دۇكىنىدىن جىقىراق پول ئېلىۋال!
-بولىدۇ!-چىقىپ كەتتى سىيىت نوچى.
-نەسىردىن ئەپەندىم. سەن 100 نەپەر بالا تېپىپ ئۇلارنى خەنزۇچە ياسانغۇزۇپ كىر. ئۇلارنىڭ يېرىمى قىزلار، يېرىمى ئوغوللار بولسۇن! ئۇلارنىڭ قولىغا قىزلارغا يەلپۈگۈچ ياستىڭلار، رەڭگى قىزىل بولسۇن! ئوغوللارغا داقۇ-دۇمباق،جاڭ بىلەن ئۇزۇن سۇناي ياسىتىپ، ئېتى ياخشى چاپىدىغان مەپىچىلەرنى تېپىپ يولغا چىقىڭلار. مەنزىل ئونسۇ!
-پەرمەن بەردارمەن ھۆرمەتلىك دانا ياقۇپبەگ ھەزرەتلىرى-دەپ چىقىپ كەتتى نەسىردىن ئەپەندى.
-سەلەي چاققان. سەن ئاتلىق ئاۋۋال بېرىپ ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ھەرقايسى توقاللارغا يەتكۈز يۇرۇتتىكى يېشى 18كە توشقان قىزلاردىن چىرايلىقلىرىنى سەپلەپ كۈتىۋېلىشقا ھازۇرلانسۇن! ياقۇپبەگ ئۇچتۇرپانغا كىلىدۇ -دە! ئاندىن ئونسۇغا بېرىپ بىزنى كۈتىۋېلىشقا تاماق-ياتاق تەييارلا!
-بولىدۇ. ئەمما ھەزرەتلىرى ئۇ يەردە يات مىللەت كىشىللىرى يوققۇ؟
-بولىۋىرىدۇ. سەن ۋەزىپىنى ئىجىرا قىلىشنى بىل!
-ھەددىم ئەمەس ھەزرەتلىرى-سەلەي چاققان نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنى سوراشتىن ئويۇلۇپ، خاننىڭ شاش ئېتىنى ئەپچىقىپ مېنىپ يولغا راۋان بولدى.
سىيىت نوچىنىڭ پىراۋىسى سۇڭجىياڭ خان بولۇپ قالسا چىقىدىغاندەك ماشىنىنى توپا يولدا تولىمۇ تېز ھەيدىمەكتە. ياقۇپبەگ كىلەڭسىز قوسىغىنى ئىچىگە بىر تارتىپ بىر چىقىرىپ ياندىكى ئورۇندا ئۇخلىماقتا ئىدى.
سەلەي چاققان ئۇچقۇر ئاتتا ئۇچتۇرپاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەتكۈزۈپ بولۇپ، ئالبۇرۇن ئونسۇ دىيارىغا يېتىپ بېرىپ بىر چوڭ قازانغا بىر نەچچە قوينىڭ گۆشتىنى سېلىپ پۇشۇرتۇۋاتاتتى. نەسىردىن ئەپەندى بالىلارغا ئاللىنېمىلەرنى ئۈگۈتۈپ مەشىق قىلدۇرۋاتاتتى. ماشىنا ئۇچقاندەك كىلىپ قازاننىڭ تۆۋىگە كىلىپ توختىغاندا قازان تۆۋىدىكىلەر يوغان تۇۋاقنى ئاران يېپىپ ئۈلگۈردى. توپا-چاڭ ئەتىراپنى بىر ئالدى. ياقۇپبەگ ھەممە ياققا بىر نەزەر سالغاندىن كىيىن كۆزى نەزەر موپتىغا چۈشتى-دە ماشىنىدىن ئالدىراپ چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئامانلىق سوردى. ئۇنىڭ قارىقاش ئېلىدىكى دوستىنى تازا جايلىغانلىغىنى ماختىدى. ئاندىن تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. سەلەي چاققاندىن ئۈچتۈرپاندىكى خىزمەتلەرنى سۈرۈشتۈرۋىتىپ، نەسىردىن ئەپەندىمگە بالىلارنى ياخشىراق مەشىقلەندۇرىشىنى جىكىلىدى. تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئونسۇ شەھەر مەركىزىدىن قەن زاۋۇتىغىچە رەتلىك تىزىلدى. ئەڭ ئالدىدا سەنئەت ئۆمىكىدىكى چىرايلىق كىلىشكەن ئىككى قىز چاڭچىلە كىيىمى كىيىپ، گۈل دەستە بىلەن مەيدىسىگە تاقايدىغان ئەتىرىگۈلنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۇڭجىياڭلارنىڭ كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى.
يىراقتىن توپا چاڭ كۆتىرىلىپ سۇڭجىياڭلار كۆرۈنگەندە ياقۇپبەگ كۆز ئىشارىسى قىلدى. نەسىردىن ئەپەندى ھەممە ئىشىنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىدىكى گۈل سۇڭجىياڭنىڭ مەيدىسىگە تاقالدى. سۇڭجىياڭ دەستە گۈل كۆتىرىپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغاندا داقۇ-دۇمباق، جاڭ، سۇننايلار ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوركىستىر ئۆمىكى تىزىلغان قوش لىنيەنىڭ ئوتتۇرسىدا خۇددى تويى بولغان يىگىتتەك ماڭدى. سۇڭجىياڭ ئۆزىنىڭ تۈنجى تويى بولغاندىمۇ ئۇنداق ماڭالمىغان بولۇپ، بۇ ياقۇپبەگنىڭ قىلغان شاپائىتىدىن سۆيۈنۈپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ چەكسىز خۇشال بولدى. تاڭسىڭ، ھېساملارمۇ قارا شەھرىدە سۇڭجىياڭلار بىلەن دىدارلىشىپ بىرلىكتە كەلگەن بولۇپ، سۇڭجىياڭنىڭ سايىسىدە ياقۇپبەگنىڭ ياخشى كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغىنىدىن ئىپتىخارلاندى. ۋۇسۇڭ، لىكۈي، جۇباجى، ئەبەيلەرمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خۇشاللىقتىن بەھىرلەندى. سۇڭجىياڭ بىلەن ياقۇپبەگ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. تاڭ سىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھېسام بىلەن ئادەتتىكىچە سالاملىشىپ قويدى. ياقۇپبەگ بىلەن سۇڭجىياڭ يېقىن مېڭىپ قىزغىن ئەھۋاللاشتى. نەزەر موپتى بېىغىدا چوڭ زىياپەت بىرىپ ئۇلارنى ئۈچتۇرپانغا يولغا سېلىپ قۇتۇلدى. ياقۇپبەگ بىلەن سۇڭجىياڭ، تاڭسىڭ، ھېساملار ئۈچتۇرپاندا قونۇپ يەپ ئىچىپ، ئەيىش-ئىشىرەت قىلىشپ، ئەتىسى قەشقەرگە بېرىپ بولىدىغانلىغىنى دەپ سىيىت نوچىنىڭ شوپۇرلىغىدا ئۈچتۇرپانغا ماڭدى. قالغانلار نەسىردىن ئەپەندى بىلەن سەلەي چاققاننىڭ رەھبەرلىگىدە قەشقەرگە يول ئالدى.
ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپانغا ئەزىلىدىن ھېچكىشىنى ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ باققان ئەمەستى. لىكىن بۇ نۆۋەت بۇ قائىدىنى بۇزدى. ئۇلار ئۈچتۇرپاندا شۇنداق يايرىدىكى سۇڭجىياڭنىڭ ئىسىدە قالغىنى توققۇزبۇلاق چىقىپ نەزمە يازغانلىغى بولدى. تاڭسىڭ بۇ يەردىن چىققان ‹يەتتە قىزلىرىم›نىڭ رىۋايىتىدىن كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سېلىۋالدى، ھېسام سۇيۇتقىغا چىقىپ موللا شاكىرنى يوقلىدى. ئەتسى ئۇلار قەشقەرگە ئامان-ئېسەن قايىتتى.
داۋامى (6-لۈكۈي بىلەن باجىنىڭ قەشقەردىكى ئەخلاقسىزلىقلىرى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!