مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: YuqunAdam

دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كىڭەش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 12:11:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muzatdolkuni يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 08:43 PM
داۋامىنى تېزرەك يوللايلى!!!!!!!!!!!!!{:11: ...

خاتىرجەم بۇلاڭ پات ئارىدا يولايدا.....

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 12:12:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقپتۇ..

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89435
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 10:44:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  بەك  يۇۋاش  دىگەن  ئىشەك  .مۇشۇنداق  ئىشنىڭ  بارلىغىنى  بىلمەيدىغان  دوسلار  بولسا بىلىۋالسۇن دىدىم   سىنىڭچە مۇشۇنداق ئىپادىلمەي  قانداق  ئىپادىلسەم بولىتى .خەپ ئىسمىڭ ياۋاش ئىكەن .ياۋاش ئادەمنى بوزەك قىلمايدىغان خۇيىم بارتى.بىر گەپنى  چۇشەنسەڭ  ئىنكاس ياز  بولمىسا قىسىدىغان يەرنى قىس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17420
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8505
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3164 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 02:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئايىغى قاچان چىقىدۇ.

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 05:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-ھېسامكامنىڭ غۇلجىدىن ئەلچى تاللىشى

     غۇلجا ياشلار مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ ھەممەيلەن بىر-بىرىسىگە خەۋەر قىلىشىپ، خاننىڭ ئەلچى تاللاش ئىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتى بىلەن ھېساۋلاشماي، ھېسامكامنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇپ ئەلچىلىككە تاللىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس دەپ كىلىشكەن ئىدى. مەيداندىكى مۇساجان تۆگەنىڭ دۇكىنى بار تەرەپكە مۇساجان مۇشۇ پۇرساتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى ئىلان قىلدۇرۋېلىشنى مەخسەت قىلدىمۇ چوڭ بىر خان سەھنىسى ھازىرلاپ، دۇكىنىدىكى ئوتقاشتەك قول ھۈنىرى قىلىنغان گىلەملەرنى سېلىپ، يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇللىرىنى چېتىپ، پۈتۈنلەي ئىلىكتىرلەشكەن سەھنە ياساپ ھېسامكامغا مەدەت تىلىگەن بولۇپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ راسلىۋالغان ئىدى. سافا تولىمۇ يۇمشاق بولۇپ سەھنىدىكىلەرنىڭ تولۇق كىلىشىنى كۈتىۋاتقان ھېسامكامغا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ياراشقان بولۇپ خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. قىزىقچى ھېبى ئىككى تال چوكىنى كۆتىرىۋېلىپ، ئۆزىگە پەرلەشكىدەك چاخچاقچى ئىزلەۋاتاتتى.  ئاتاقلىق چاخچاقچى پەرھات(باجى) بىر باققالنىڭ پىچىۋاتقان كۆك بەھرى قوغۇنىنى قاساپ-قاساپ يەپ ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرسىنى تەڭشەۋاتاتتى.  ئەكرەم سېتىۋالدى مۇساجاننىڭ قويۇپ قويغان چوڭ ئىكرانىدا ھەدەپ كونا يۇمۇررلىرىنى سۆزلەپ تېخىچە كۆرمىگەن مومايلار بىلەن قولىغى ئاڭلىمايدىغان گاڭسا-جىسا كىشىلەرنى كۈلدۈرۋاتاتتى. يۈسۈپجان قېييۇم نەخ مەيداندا شېئىرىي چاخچاق يازىمەن دەپ بالىسى بىلەن قېرىنداش تالىشىپ ئۇرىشىۋاتاتتى. ئەبەي مۇزىكا-سەنئەت ئانسامبۇلى تىكتۇرۇپ بەرگەن خې ئەمىرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، مەپىسى بىلەن ھېسامكامنى سوكۇلداپ يۈگىرەپ (گەرچە ھېسامكامنىڭ  ئۆيى يېقىن بولسىمۇ كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن)سۆرەپ ئەكەلگەن ھالىتىنى ئەسلەپ، خىرە كۈلۈمسىرەپ ھېسامكامنىڭ بېخرامان ئۇخلىشىغا ياستۇق بولۇپ بېرىۋاتاتتى. تۇغام موداۋەن بۇ پۇرساتتىن پايدىلىنىپ سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە تېكەستىن كەلگەنلەرنى ئاخماق قىلىپ قىزىقچىلىق قىلىپ ئۆرىمە ئېلىپ پۇل تېپىۋاتاتتى. قالغان چاخچاقچىلار مۇشۇ يىغىلغان ياخشى پۇرسەتتە ئاتاقلىق چاخچاقچىمىز تۇداخۇننىڭ قەبرىسىگە چىقىپ كۆرۈشۈپ كىلەيلى دەپ قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتكەن ئىدى. كۆپ ساندىكى تاماشبىن ۋە ئەلچىخۇمارلار تۇداخۇننىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ پات-پات كۆز يېشى قىلىپ قويۇپ، تېزىراق ھېسامكامنىڭ ئويغۇنۇپ يارلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە ئىدى. مەيداندىكى غولا-غولانىڭ كۆپلىكىدىن ئاساسەن بىرسى بىرسىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىغىنىمۇ ئاڭلىماي، ھەممەيلەن ئاغزىغا كەلگەن چاخچاقلىرىنى ئېيتىشىپ، چاخچىقى تۈگىشى بىلەن تەڭ ۋاقىراپ كۈلۈپ مەيداننى بېشىغا كىيىشمەكتە ئىدى. بۇنداق يوقرى ئاۋازلارغا كۆنۈپ كەتكەن ھېسامكام خورىكىنىڭ مېكروفىنغا چېتىقلىقلىغىنى بىلمەيتى. بۇ مۇساجاننىڭ دانا ئەقلى بولۇپ شۇنداق قىلمىغاندا ھېسامكامنىڭ يېقىملىق خورىكىدىن بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭدا كېممۇ ھوزۇر ئالالايدۇ دەيسىز! خورەك تىڭشايدىغانلار پۈتۈن ھوجۇدى بىلەن قولاقلىرىنى چاخچاقلاردىن ئېپقېچىپ، ياڭراتقۇ تەرەپكە سۇزۇشۇپ ئاڭلىشىۋاتاتتى. مۇنداق مۈرەككەپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇساجان تۆگە ئېگىز بوي بەستى بىلەن سەھنىگە پۇلاڭشىپ چىقتى-دە، ھېسامكامنىڭ ئالدىدىكى مېكروفىننى ئېلىپ، تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا ھىچكىم ئاڭلىمىغىدەك ۋاقىراپ بىر نېمە  دىگەن ئىدى سەھنە تېمتاس بولۇپ كەتتى. بىر ئازدىن كىيىن كىشىلەر يۇقرى ئاۋازنى تۆۋەن ئاۋاز بېسىپ چۈشىدىغانلىغىدەك ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىشتى. ئاڭغىچە قەۋرىستانلىقتىن كىلىدىغانلارمۇ كېلىپ بولغان بولۇپ پەقەت ھېسامكامنىڭ ئويغۇنىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئىش قالمىغان ئىدى. بۇنداق تېمتاسچىلىققا كۆنمىگەن ھېسامكامنىڭ ئۇيقىسىمۇ ئېچىلىپ كەتتى. تېخى ئابايلا ھېچكىشى يوق سەھنىنىڭ بىراقلا بۇنچە تولۇپ كەتكەنلىكىدىن زىيادە خوش بولۇپ كىتىپ، مۇساجاننىڭ قولىدىكى مېكروفىننى تارتىۋېلىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋاقىراشقا باشلىدى.
-ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز غۇلجا ئىلىدىكى سەنئەتخۇمار، چاخچاقخۇمار، مەنسەپخۇمار خەلىقىم ئامانمۇ سىلەر! كەمىنە ھېسام قۇرباندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! -مەيداندا گۇلدىراس-سادا ئەكىسئەتتى-بۈگۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىتىشىمىدا،  ئۈزۈندىن بىرى تولىمۇ ئولۇغ ھەم شەرەپلىك بىر ئىش مېنى قىيناپ كەلمەكتە. غۇلجا دىيارى ياپيېشىل ھەم كۆرگەم زېمىن. بۇ يەرگە ئۇلۇغلارنىڭمۇ كۆزى چۈشكەن! بۇ يەردىن كەچمەك ئاسانمۇ ئەمەس! يېقىندا چېڭگىزخان ساياق ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، قىلىچ-قامچىللىرىنى ئوينۇتۇپ دىيارىمىزغا تەھدىت سېلىپ، ياپۇن ئېلىغا بىر ئەلچى ئىۋەتىپ، دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇپ كىلىشىمىزنى ئۆتۈنمەكتە. دىياۋيۈ ئارىلى بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاقاس تاغ. غۇلجا بولسا بىر باغ. دىيارىمىزنى جان پىدالىق بىلەن قوغداش ئۈچۈن سىلەرگە تاينىمەن! ياپۇن ئېلىدا بىر قىزىل كۆز باشلىق بوپتىمىش. ئۇنىڭ ئىسمى نودا يوشىخو بولۇپ ئارتۇقچىلىغى بېلىق يىيىش بىلەن ھاراق ئىچىشكەن. ئەمما دىيارىمىزدىن تا بۇگۈنگچە كۆپ يېمەكلىك يىيەلەيدىغانلار بىلەن ھاراق ئىچەلەيدىغانلار تونۇلۇپ باققان ئەمەس. خالمۇرات ئۆمەرنى قىرلىق ئىستىكاندا ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ خوش بولۇپ سۈرۈشتۈرسەم، ئۇ ھاراق بولماي سۇ بولۇپ چىقتى. مۇڭغۇلكۆرەدە بىرەيلەن بىر قوينى يېۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئاتايىن ئادەم ئېۋەتىپ ئەكەلدۈرۈپ، يېرىم تەخسە بېلىق قورۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ يىيىشكە ئۈندىسەم، ئۇنىڭ بېلىقنى كۆرسە قۇسۇدىغان خۇيى بار بولۇپ چىقتى. دەڭلار قېنى! بۇ كىشىلەرنى ياپۇنغا ئېۋەتسەك بولامدۇ؟-مەيداندا يەنە غولا-غولا باشلىنىپ كەتتى-خەپشۈك! ئادەم گەپ قىلىۋاتسا ساقالغا چاڭگا تىزغان قايسىڭ؟- مەيدان يەنە تېنىچلاندى-شۇڭا ئاراڭلاردا نودا يوشىخو دىگەن قىزىل كۆزگە تاقابىل تۇرالىغىدەك ئىقتىدار ئىگىسى بارمۇ-يوق!-مەيداندىن ‹يوق،يوق.....› دىگەن ئەكىس سادا خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىقمىدى. خېلى ئۇزۇندىن كىيىن بۇ جىمجىتلىق بۇزۇلدى.
-نەشە چەكسە ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقاتتىم-دەپ سەھنىگە ئېتىلىپ چىقتى پەرھات
-سودا-سېتىق توغرىسىدا مۇنازىرلەشسە ئۆزەم باراتتىم. پىچكە چۈلى مال باتى شۇ گۇيلارغا ساتىدىغان-دەپ غەزەپلەندى مۇساجان.
-ياپۇنچە بىلمەيمەن. ئورۇسچە پاراڭلىشىشنى بىلەمدىكەن ئۇ قىزىل كۆز-دەپ شەپكىسىنى سەھنىگە تاشلاپ، ئاندىن شەپكىسىگە ئەگىشىپ چىقتى توغان موداۋەن.
-گاڭنام ئۇسۇلىنى ئويناشسا ئۆزەملە بىر تەرەپ قىلاتتىم، نودا  دىگەن قىزىل كۆزنى-دىدى ھېبى ھېجاراپ.
-رەدىيو، ھېلىقى ئۈنئالغۇنى دوراشسا مەنلا باراي بولدى-دىدى ئەكرەم سېتىۋالدى.
-شېئىرىي چاخچاقتا ئۇتۇشسا ئۆزەملا ئۇتۇپ قەلەندەر قىلىۋىتەي. ھېي نودا، ئىككى ئېشەك ئېلىپ بودا، تۆمۈرخان بىلەن قىلما جودا، ساڭىمۇ بىرەر خۇدا دەپ يۈرۈپچۇ-دەپ سەھنىگە بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقتى يۈسۈپجان قېييۇم.
-قانچىلىك نېمىكەن ئۇ نودا يوشىخو دىگەن. چاخچاق ئېيتىشىشنى بىلەمدىكەن. ئۇندا چۆل تالىشىپ يۈرگەن گۇيلارغا ئۆزەمنىلا قويىۋېتىڭلار بولدى-دەپ مەيدە قېقىپ چىقتى ھەمىراجان دىگەن ئاۋاق چاخچاقچى.
-ئەبەي قېنى؟-دەپ ۋاقىرىدى ھېسامكام. ھېسامكام قوپۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاران ئۇخلىغان ئەبەي بۇ غىژ_غىژ بوغۇق ۋاقىرىغان ئاۋازدىن قورقۇپ سافادىن چاچراپ تۇرۇپ بېرىپ ھېسامكامنىڭ قولىدىكى مېكروفىننى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
-شۇنىڭ بىلەن مۇڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار بىلەن ياپۇنلار پېتىشماي تەڭرى تېغىدا قوي بېقىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككى ئايغىر سېتىۋاپتۇ. ئۇ ئايغىرلارنى ئەمدى سوياي دەۋاتسا تۈۋىدىن ھوشۇر تاز قوپقاندەكلا بىر توشقان يۈگىرەپ قېچىپتۇ. ئىت ئۇ توشقاننى قوغلاي دەپ دەريا بويىدا سۇنى چالاپشىتىپ ئىچىۋاتسا، سۇدىن چىرايلىق ئالتۇن بېلىق چىقىپتۇ. ئۇ ئالتۇن بېلىققا زوقلىنىپ قاراپ قالغان نودا يوشىخو: بولدى مەن گۇناھكار، نېمىشقىمۇ پارخۇتلارنى كۆلگە سېلىشقا بۇيرۇيمەن! شۇ پېتىپ قالاتتى. ماتۇرۇسلارغا دەڭلار تاققا چىقىپ قويلارنى باقسۇن بولمىسا ئۇيغۇرلار ئايغىرلىرىنى سېتىپ بەرمەيدىكەن. ئەگەر دىياۋيۈ ئارىلىغا ئوت-چۆپ چىقىپ قالسا مۇڭغۇللار ئاتلىرىنى بېقىپ كىتىشى مومكىن. شۇڭا تۆت-بەش مېنانى ئادەم دەسسىمايدىغان سۇنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار! كىيىن بىز قايتىپ قالساق قورساق تويغۇزۇشقا پايدىسى تىگىپ قالىدۇ. دەپ سويىلىۋاتقان ئايغىرنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ ئالتۇن بېلىق لايغا چىقىپ قاپتۇ. تۇمشۇقىنى بىلەپ كەلگەن ئالا قاغا ئۆزىنى تاغقا ئۇرۇپ، لاچىننىڭ ھەيۋىسىدىن ئامان قاپتۇ. ئەمما ئۇ ئۆلۈپ كىتىپتۇ-دەپ يىغا-زارىغا چۈشتى ئەبەي.
-بارىكاللا! بارىكاللا! ئەبەي. يارايدۇ. بولدى قالغانلىرىڭلارنىمۇ بولدى قىلاي! ئەبەي ئەلچىلىككە تاللاندى. مۇشۇ سەۋيەسى بىلەن نودا دىگەن قىزىل كۆزنىڭ ئەدىۋىنى ئەبەي بىرەلەيدۇ!-دەپ ئالقىشلىدى ھېسام.
       مەيداندا ئالقىش سادالىرى خېلى چاققىچە ئۈزۈلمىدى. گۇلدىراس-سادالارنىڭ ھەممىسى ئەبەينىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ھېسامكام ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ئەبەيگە خې ئەمىرنىڭ تونىنى سېلىۋەتمەسلىككە بۇيرۇپ، ئەتە تەييارلىق قىلىشىنى، قەشقەر دىيارىغا ئېمتىھانغا بارىدىغانلىغىنى دىۋېتىپ سەھنىدىن ئايرىلدى. مەپىنى سۆرەيدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى. چۈنكى ئەبەي مۇساجانغا خالىدە ئىمامنىڭ ‹لەيلىمۇ-لەي› دىگەن ناخشىسىغا بىر ئوينىۋالمىسا قايىتمايدىغانلىغىنى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۈسىرەت قازىنىپ قايتىپ كىلىشىگە تۆۋەندىكىلەردىن مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويىشىنى ئۆتۈندى. مۇساجان كۆزىگە خۇشاللىق يېشى ئالغان ھالدا ئەبەينىڭ ئاخىرىقى تەلىۋىنى ئورۇنلاپ بەردى. ئەبەي قوڭىنى ئېتىپ، قولىنى ئىگىپ شۇنداق ئوينىدىكى شۇ ئوينىشىدا ئەتىسى ھېسامكام بىلەن قەشقەر ئېلىغا يول ئالدى.

(5-ياقۇپ بەگنىڭ بەگلەرنى قوبۇل قىلىشى)


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 07:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزرەك يوللايلى

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41690
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 09:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ فانتازىيرىڭىز ناھايتتى قىزقارلىق چىقىپتۇ. ئاخىرىغا نۇرغۇنلىرىمىز كۆز تاشلاپ تۇرىمىز . ئۇمدسىزلەندۇرمىگەيسىز.

ئەخمەقنىڭ سوئالىغا ئەڭ توغرا جاۋاب سۇكۇت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2253
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7317
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1815 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 12:10:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فانتازىيەمۇ ئەمەس تېخى ؟  قانتازىيە دەپ قويۇڭ؟؟؟؟؟؟؟؟
مۇشۇ قانتازىيە تۈرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىقادىيەتچىسىكەنسىز دە؟ چۈشەندىم... داۋاملىق تېرىشىڭ.....

ئېي بۇرادەر ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 12:30:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alamat1 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 10:40 PM
ماڭىلا بەرسە بوماسمۇ ئۇ يەرنى

مەن قوشۇلىمەن.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 12:55:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wazipa يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 03:44 PM
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم  ئىنكاسڭىزدىكى بەزى گەپلەر ...

سۆزىڭىزنىڭ ئاساسى بار. دېڭىز ئۇرۇشى جەھەتتە ئاددىيسى ئاىئاماتكىنىلا سانايلىيا.  روسىيەنىڭ سوۋېت ۋاقتىدىكى 6مۇ 7 سى ، بار كۆپىنچىسى كونىراپ قەتكەن، بازىلىرى سەپتى چېكىنگە. نەچچە يىلنى ئالدىدا سەپلىمە قورال-ياراقنى داۋاملىق روسىيەدىن سېتىۋېلىش شەرتى بىلەن ‹‹گروشىنكوۋ›› بەلگىلىك سەپتى چېكىنگەن ئاۋىئاماتكىنى ھىندىستانغا بىكارغا بەردى.
ئەمدى ئامېرىكىنىڭ 14مۇ 16 ئاۋىئاماتكىسى بار دەپ بىلگەن بۇرۇن تاراتقۇلاردىن. ئەڭ كەينىدە چۈشۈرگىنى ‹‹جورجىي بۇش›› بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا.
يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا دېڭىز ئۇرۇشىدا روسنىڭ كەينىدە بولسا، بۈگۈنكىدەك ئوكيانمۇ-ئوكيان كېزىپ جەڭ قىلىپ يۈرمىگەن بولاتتى.
مانا مۇشۇلاردىنمۇ پەرىقنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ مەنچە.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش