3-تاڭسىڭنىڭ ئەلچى تاللىشى
تاڭسىڭ بۇ مۈشكۈل خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقمىسا بولمايتى. ئۇنىڭ ھوشۇر قارىغا خەجلەپ ئۇ يارلىقنى نۇسخىلاشقا نەدىمۇ پۇلى بولسۇن! يورغا قەدەملىرى بىلەن تەمتىلەپ مېڭىپ غۇلجا دىيارىدىن تۇرپان ئوت ماكانى خۇيەنسەنگە(يالقۇن تاغ)قا 5 كۈندە ئاران باردى. ھېرىپ-ئېچىپ بارسا جۇباجى تاپا قىلىشقا باشلىدى.
-ھە.ھە. ئۇستاز. نەگىمۇ بارلا. غۇلجىدا ياخشى يىمەكلىكلەر بەك كۆپمىش. ئالغاچ كەلگەنلا.
-يائاللا باجى. شۇ ھەممىسى سېنىڭ غېمىڭ.
-ھە.ھە. دائىم بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولا بولماي شۇنداق دەيلا. مەن سىلىگە زادى نېمە قىلدىم.
-ھەي چوشقا. گەپنى تەتۈر چۈشەنمە. شۇ سېنىڭ غېمىڭنى قىلىمەن دەپ ئاۋۇ خان ئەلچىسى ھوشۇر قارىدىن بىر قامچا يىدىم. كۆرە مانا ماۋۇ قامچا ئىزىنى-دەپ مۈرىسىنى ئاچتى تاڭسىڭ.
-ھە.ھە. بۇ ھوشۇر قارى بىكاردىنلا ئادەم قامچىلىغىدەك قانچىلىك نېمە ئۇ! ئۇنى ئۆزەم تۈتۈپ كىلىپ سىلىگە تازىم قىلدۇرىمەن. چىقاسىلا ئاۋۋال تاماقنى. قوسقىمنى توقلىۋالاي!
-قېنى ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭ؟ كەلسە بىرگە يەڭلا-دەپ غۇلجىنىڭ يوغان مومىسىدىن بىرنى ئالدى تاڭسىڭ.
-ھە.ھە. مۇشۇ بىر مومىنى شولار كىلە دەپ ساقلامدىم-دەپ ئاغزىغا تىقتى باجى. ئۇ موما ئەمدى چايناي دىگىچە گېلىدىن غورتتىدە ئۆتۈپ كەتتى-ھە. ھە. قېنى ھېلىقى موما ئەمدى يەي دىسەم-دەپ ئەتىراپنى ئىزلەشكە باشلىدى باجى.
-ھې چوشقا! ئالدىرماي يە! ئۆلەپ بەمە يەنە. قېنى ۋۇكۇڭ بىلەن شاسىڭ؟
-ھە.ھە. سىلە دائىم شۇ ۋۇكۇڭ بىلەن شاسىڭنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەيلا. زادى مېنى ئويلاپمۇ قويمايلا ئۇستاز.
-باجى. مەن سېنى شۇنداق ئەتىۋارلايمەنغۇ-دەپ ئالداشقا تىرىشتى تاڭسىڭ. چۈنكى ئۇنى ئالدىماي بولامدۇ؟ قارىسا ئاۋۇ ئىككى شاگىرتى يوق. بولسىمۇ خاننىڭ يارلىغىغا قۇلاقمۇ سالمايدۇ. تېخى مەي-ھاراق دىسە بېشى ئاغرىيدۇ. يىيىشىمۇ باجىغا يەتمەيدۇ. خاننىڭ چۈشۈرگەن يارلىغىدا ھاراقنى كۆپ ئېچەلىشى، بېلىقنى كۆپ يىيەلىشى كېرەك دىيىلگەن ئەمەسمىدى-باجى راس سەندىن سورايدىغان بىر ئىش باتى. سەن بېلىق يىيەلەمسەن؟
-ھە.ھە.ھا ھا ھا ئۇستاز. مۇشۇنداق ياخشى نەرسە ئەكىلىپلا -دە! ئەكەلسىلە، چىقاسىلا ئۇلارنى ساقلىماي! بەرىبىر بېلىقنى ئۇ ئىككىسى يىمەيدۇ.
-سەن نېمە بىلىسەن ئۇلارنىڭ بېلىق يىمەيدىغانلىغىنى؟
-ھە.ھە. ئا... قىزىق گەپ قىلىدىكەنلا ئۇستاز. راھىپمۇ بېلىق يەمدۇ؟
-ئەمىسە سەن نېمە؟
-ھە.ھە. مەن چوشقا. ياق.ياق. مەنمۇ راھىپ. مەنمۇ بېلىق يىمەيمەن راس!
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس باجى. سەن يىسەڭ بولىدۇ.
-ھە.ھە. ياق. مەنمۇ يىمەيمەن.
-باجى سەن يە.
-ھە.ھە. ئۇنداقتا چىقاماملا؟
-شۇ. ھازىر يوق. ئىكەيلەن دەريا تېپىپ بېلىق تۇتايلى!
-ھە.ھە ئا...بۇ يەردە نېمە دەريا بولسۇن ئۇستاز. ھەممىلا يەردە كارىز باكەن. كارىزدا بېلىق نېمە قىلسۇن! ئۇنداقتا بىز كەينىمىزگە يانايلى!
-ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭچۇ؟
-ھە.ھە. ئۇلار ئەخمەق ئەمەس ئۇستاز چاتمىنى سۇغا تاشلاپ قويۇپ ئولتاغىنى.
-ئۇنداقتا سەن ئاخماقما ئولتاغىنى؟
-ھە.ھە. مەن تۇتامتىم ئۇستاز. كەچكىچە ھە.ھە.ھە.ھە دەپ يۈرسەن بېلىق ئۈركۈپ كىلەمتى. سېلە تۇتالا. مەن خام-خالتا يەپ بىرەمەن.
-ئالە شەرىڭنى! مەن تۈتىمەن. سەن يەيسەن.
-ھە.ھە. شۇنداق بولا ئۇستاز.
-ئۇنداقتا مۇنداق بىر ئىش بار. ئاڭلا. يېقىندا نودا يوشىخو دەيدىغان بىر نېمە ياپۇن ئېلىنىڭ باشلىقلىق تەختىگە ئولتۇرۇپلا دىياۋيۈ ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىشتەك قارا قولىنى ئىلىمىزغىچە سوزۇپتۇ. بۇ قارا نىيەت ئىنساننى موڭغۇل شاھى چېڭگىزخانغا ئەل بولۇشقا زورلاپ بەيئەت قىلماقلىق كېرەك. ياكى ھىچ بولمىسا بۇ نودا يوشىخو دىگەن ئەبلەخنى دىياۋيۈ ئارىلىنى ئىگىلەشتەك قارا نىيىتىدىن ياندۇرماقلىق كېرەك. ئۇ كىشى سۈرلەنگەن بېلىق بىلەن ھاراق ئىچىشكە ئامراقكەن. سەنمۇ بېلىق يىيىشنى بىلىسەن. ئىپى كەلسە قوساق ئۈچۈن ھاراقتىنمۇ يانمايسەن. دېمەك بۇ خىزمەت ساڭا ناھايىتى باپ كىلىدۇ. بۇ ھەم خىزمەت كۆرسىتىشنىڭ تازا ئوبدان پەيتى. بۇ خىزمەتنى ياخشى بىجىرىپ نودا يوشىخونى گەپكە كىرگۈزەلىسەڭ چېڭگىزخان بىزگە كۆپ ئالتۇن-كۆمۈش، يېمەك-ئىچمەك تەييارلاپ بىرىدۇ. مېنى خانلىق دىنى ئىشلار خىزمىتىگە قويىدۇ. سىلەرنى ئوردا خىزمىتىگە قويۇپ كېنەزلەردىن ئۆيلەپ قويىدۇ. يەنە تارتۇقلاپ قىلمىغىنى قالمايدۇ. لەشكەرلەرگە سانغۇن قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ مائاشلىق كادىر قىلىش ئېھتىمالىنىمۇ كۆڭۈلدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. مەيلى قانداق خىزمەتكە قويۇلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر مۇنداق نوم ئالىمەن دەپ قەدەمدە بىر جاپاغا ئۇچىراپ ئاچ-يالىڭاچ يۈرمەيمىز. شۇ ۋەج ۋۇكۇڭ، شاسىڭلارنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سېنى ئەلچىلىككە تاللىسام قانداق. بولامدۇ-يا!
-ھە.ھە. بولىدۇ ئۇستاز. يەيدىغان يە بولسا بېرىۋىرىمەن. نېمە ئۇ خىزمەت دىگەن. نودا يوشىخونى گەپكە كىرگۈزۈش دىگەن قانچىلىك ئىشتى.
-قانداق ئەپچىل چارەڭ بار؟
-ھە.ھە. ھىچنېمە يوق قاقاس ئارالنى تالىشىپ نېمە قىلىسەن بېشىڭغا پىت سېلىپ. چېڭگىزخاننىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرمەي بېلىقىڭنى يەپ، ھارىغىڭنى ئىچ! دەيمەن
-تازا ئوبدان چارىكەن. ئەمىسە قەشقەرگە ئاتلىنايلى. ھېلى ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭ كەلسە ئىشنى بۇزىدۇ.
-ھە.ھە. قەشقەردە نېمە بار؟
-قەشقەردە ئېلىنىدىغان خان ئەلچىسىنى تاللاش ئېمتىھانى بار. شۇنىڭدا تاللىنالىساڭ ئاندىن ياپۇنغا بارىسەن!
-ھە.ھە. يەيدىغان نەرسە بامۇ ئۇ قەشقەر دىگەندە؟
-باجى.باجى.ھەي باجى. بارلىق ھۇنەرۋەن قەشقەردىن چىقىدۇ . ئۇ يەردە ھەممە يېمەكلىك بەك ئوخشايدۇ. ھەم ئەرزانچىلىق. سەدىقە ئېھسانمۇ بەك كۆپ. كۆرگەنلىكى ئادەمگە قول تەڭلىسەڭ ساڭا پۇل-يېمەكلىكتەك نەرسىلەرنى بىرىۋىرىدۇ.قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ. ئادەملىرى بەش ناماز. ھېيىتكاھ دەيدىغان بىر يىرى بار. ئۇ يەردە ھېچ ئىش قىلماي سەدىقە-ئېھسان يىغىپ ئولتۇرساڭمۇ بىر يىلدا قەسىر سالالايسەن!قەسىر!
-ھە.ھە. ئەمىسە ئۇ يەردىن كەلمەي ياشايلى ئۇستاز. شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالايلى ئۇستاز.
-ھە بولىدۇ باجى بولىدۇ. ئاۋۋال بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيلى-ھە!
-ھە.ھە. ماقۇل.
تاڭسىڭ ئالداپ-سىيلاپ باجىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ۋۇكوڭ، شاسىڭلارنى تاشلاپ قەشقەر دىيارىغا قاراپ يول ئالدى.
داۋامى (3-ھېسامكامنىڭ غۇلجىدىن ئەلچى تاللىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!