7-سىيىت نوچىنىڭ ئېمتىھان ئېلىشى
قەشقەرنىڭ كىشىللىرى سەنئەتخۇمار خەلق بولۇپ بىرەر يېڭىلىق بولسىلا ئولىشىۋالىدۇ. مەيلى ئىت تالشتۇرۇش بولسۇن ياكى جېدەل-ماجىرا بولسۇن توپلىشىپ ئويۇن كۆرىدۇ. ئۇرشىدىغانلار ئۇرشۇپ قېنىشىپ توختىغاندا ئارىدىن بىر نوچى چىقىدۇ-دە، قېننى ئېيتىپ، يۈزىنى يۈيۈپ كىلىشكە ئۈندەپ كەتكۈزۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن تارقىشىپ كىتىشىدۇ. بۈگۈنكىسى ئەلبەتتە ئۇنىڭ سىرتىدا. بۇ يەردە سىيىت نوچى لىكۈي، باجى، ۋۇسۇڭ، ئەبەيلەردىن ئېمتىھان ئېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھەممىدىن ئېمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بالدۇر چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ نەتىجىسىگە قىزقىشىپ سىرىتتتا كۈتۈشمەكتە ئىدى. بۇ يەردە خان ئوردىسىكى خان ھۇزرالاردىن تارتىپ يىراقتىن ئېمتىھانغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بەگلەرگىچە ھەممەيلەن بىتاقەتچىلىكتە كۈتۈشمەكتە ئىدى.
سىيىت نوچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېمتىھان رايۇنى قەشقەر تەنتەربىيە زالى بولۇپ ئۈچ بۇلۇڭغا ئۈچ دانە تاماق شىرەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەر شىرەگە بىردىن ئورۇندۇق ئارتۇق سەپلەنگەن ئىدى. ھەر شىرەگە تارتىلغىنى بىر لىگەن بېلىق قورۇمىسى بىلەن بىر بوتۇلكا ھاراق بولۇپ، بىردىن رۇمكا ئارتۇق سەپلەپ قويۇلغان ئىدى. ئېمتىھان ئېلىنىش ۋاقتى بىكىتىلگەن بولۇپ يېرىم سائەت. ئېمتىھان تەرتىۋى، ئەدەم ئەخلاق،مەدىنىيىتىگە قاراپ نۇمۇر بىرىلەتتى. ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتا-قايتا چۈشەندۇرۇپ ئۇلار رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋۇسۇڭ بىلەن لىكۈي بىر شىرەگە، باجى ئايرىم بىر شىرەگە، ئەبەيمۇ يالغۇز ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئېمتىھاننىڭ باشلانغانلىغى جاكارلاندى. ھەممدىن بۇرۇن باجى شىرەسىدىكى بىر لىگەن بېلىقنى ئاغزىغا قۇيۋېتىپلا، بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاغزى بىلەن ئۇشتۇپ ئېچىپ ھاراقنى غورتۇلدۇتۇپ ئىچىۋەتتى. بۇنىڭغا ئالاھىزەل بىر مېنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. لىكۈيمۇ ۋۇسۇڭنىڭ رۇمكىغا ھاراق قۇيغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بېلىق لىگىنىنى ئالدىغا تارتىۋېلىپ كىچىك باللاردەك قىلتىرقىنىمۇ قوشۇپ يىۋەتتى. ئاندىن ھاراقنى تالىشىپ ئىچىپ بېسىقتۇردى. ئەبەي تېخىچە بېلىقتىن بىر بوردام ئاغزىغا سېلىپ قويۇپ، ھاراقنىڭ ئېغىزىنىمۇ ئاچماي يوق بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. باجىنىڭ كۆزى يىراقتىنلا ئەبەينىڭ ئالدىدىكى غىزاغا چۈشۈ،پ نەپسى تاقىلداپ كۆزلىرى پاقىراپ كەتتى. لىكۈينىڭمۇ قورسىقى تويمىغان ئىدى. ئۇلار نە ئېمتىھان يادىدا يوق ھەدەپ ئەبەيگە ۋاقىرغىلى تۇردى. ئۇلار سىيىت نوچىدىن سەل ھېيقىشىپ ئولتۇرۇپ قالمىغان بولسا يۈگۈرۈپ بېرىشىپ ئەبەينىڭ ئالدىدىكى تاماقنى بۇلاشتىن يانمىغىدەك ئەلپازدا ئىدى. باجى:
-ھە.ھە. ئەبەي سېنىڭ بېلىق بىلەن خوشۇڭ بولمىسا بۇ يەرگە ئەكىلىۋەت يىۋىتەي-دىدى. ئۇنى ئاڭلىغان لىكۈينىڭمۇ نەپسى راۋاپ چېلىپ كەتتى.
-شۇنداق ئوخشىماپتۇ بۇ بېلىق ئەكىلە مەن يېۋىتەي بولمىسا.
-ھە.ھە. مەن يەيمەن!
-مەن يەيمەن!
.........
باجى بىلەن لىكۈي ئەبەينىڭ ئالدىدىكى تاماقنى تالىشىپ تازا تىللىشىشقا باشلاپ، ئاخىرى جىدەل چىققىدەك بولغاندا سىيىت نوچىنىڭ ئاچچىغى تۇتۇپ ئاۋۋال ئوڭ قولى بىلەن باجىنىڭ گەدىنىدىن تۇتۇپ سۆرەپ ئەكىلىپ، سول قولىدا لىكۈينىڭ گەدىنىدىن تۇتۇپ بىر-بىرىگە جاڭىلدىدىتىپ ئۈستۈرۈپ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىپ ئىككى قۇزىنى كۆتۈرگەندەك كۆتىرىپ ئېچىقىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا جىغىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن سۇڭجىياڭ بىلەن تاڭسىڭ لەسسىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. لىكۈي:
-ئاغا. قارماملا بۇ سىيىت نوچىنىڭ نېمە قىلغىنى! بىز قەشقەرگە مېھمان تۇرساق جىغاپ يۇرۇيدىيا.
-ھە.ھە. ئۇستاز. نېمىش بۇ! ئادەمنى راس چوشقا چاغلاپ قالدىمۇ نېمە؟ مېنىڭ قۇرالىم قېنى!
-جىم تۇرە ھېي چوشقا. سېنىڭ جاپاسىڭنى قاچانغىچە تارتامەن. سەن ئېمتىھان بىرىۋاتىسەن. ئېمتىھان!
-ھە.ھە. ئېمتىھان دىگەن مۇشۇنداق بولامدۇ؟
-جېدەل چىقاسا مۇشۇنداق بولىدۇ.
-ھە.ھە. ئوقۇپ باقمىغان ئادەمنى ئېمتىھان بەر دەيدىكەنلا. بولمىسا يەيدىغاننى ھەممىدىن بالدۇر يەپ بولسام. ئىچىدىغاننى ناۋاق ئىچىپ بولغىنى.
-ئاغا. ئېمتىھاندىن ئۆتسە نېمە مەنسەپ بىرىدىكەن بۇ قەشقەلىك. بىرە كۆرەگە باشلىق قىلا ھەقىچان. تېخى شۇ ئەلچىلىكتۇ تايىنلىق. نېمە ئادەمنى خۇددى تۇلۇمنى جىغىغاندەك جىغاپ يۈرۈيدۇ-دىدى لىكۈي ئاچچىقلىنىپ.
-لىكۈي بولدى. بولدى-دەپ قىزاردى سۇڭجىياڭ
-بولدى قىلىڭلار بۇ سىيىت دىگەننى ئوزەم بىر تەرەپ قىلىمەن! ئاۋۋال ئېمتىھان تۈگىسۇن! بەك ئاشۇرۋەتتى-دىدى ياقۇپبەگ سۇڭجىياڭغا قاراپ. مەيدان شۈكلەندى.
ۋۇسۇڭ ئابايقى ئىككى پالىۋاننى خۇددى ھېچقانچە كۈچىمەيلا كۆتىرىپ ئەپچىقىپ يىراققا جىغىۋەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، ئۆزىنى يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر ھېساۋلاپ يۈرگەن ئىشىنىڭ يوقىلاڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، كۈچ دىگەننىڭ قەشقەر خەلىقىدە بارلىغىنى، بۇ ئەزمەتنىڭ تاپىنىغا باش قويۇپ يەنە 10 يىل خىزمىتىنى قىلسىمۇ ئۇنىڭچىلە بولالمىغانلىغىنى تونۇپ قورقۇپ شۈكلىنىپ كەتتى. ئەبەي تېخىچە ئولتۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلىشىپ ئازدىن ئېلىپ يەپ ھاراقنى ئىرەنشىپ قۇيۇپ، رومكىغا ئېغىزىنى يىنىپ تەككۈزىپ ئاز ئىچىپ قويۇپ ئولتۇراتتى. يېرىم سائەتمۇ تەستە توشتى. ئەبەي بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن خوشلىشىپ ئورنىدىن تۇردى. يىگەن تاماقىغا، ئىچكەن ھارىقىغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيىتتى.
سىرىتتىكى كۆپچىلىك ئېمتىھان نەتىجىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقاندا سىيىت نوچى ئېمتىھان رايۇنىدىن گۈسۈلدەپ دەسسەپ چىقتى ۋە كۆپچىلىككە ئېمتىھان نەتىجىسىنى ئىلان قىلدى.
-ئېمتىھان نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە.1-لىكۈي بىلەن ۋۇسۇڭ ئىككى مېنۇتتا نودا يوشىخو بىلەن يەپ-ئىچىدىغان ھاراق - تاماقلارنى بوشۇتۇپ بولغان. لىكۈي ئەدەپسىزلىك قىلغان. قىلچە مەدنىي ئاڭ تۇيغۇسى يوق. ۋۇسۇڭ ئۇدا تەرتىپنى ساقلىغان بولسىمۇ لىكۈي نەتىجىنى يەپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار لاياقەتسىز ئەلچىلەردۇر. 2 -باجى بەئەينى ئاچ بۆرە ئىكەن. ئۇ نودا يوشىخونىڭ ئالدىدىلا ھاراقنىڭ بوينىنى چىشى بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپ غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەن. يىيىشىدىن ئادەم سەسكىنىدۇ. ئۇمۇ پۈتۈنلەي لاياقەتسىز ئەلچىدۇر. 3- ئەبەي يەپ-ئىچىش، ئەخلاق-پەزىلەت، ئەدەپ -قائىدىلەرگە تولىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ھەم نودا يوشىخو بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ چىقتى. بۇنى لاياقەتلىك دىيىشكە بولىدۇ. تامام!
تۆۋەندىكىلەر قىزغىن ئالقىشلىدى. ھېسامكام كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى ۋە ئەبەيدىن تۈنجى پەخىرلىنىش ھىس قىلدى. ياقۇپبەگ چىشىنى غۇچۇلدىتىپ ھېسامغا ئالىيىپ قويدى. سۇڭجىياڭ، تاڭسىڭلار ئۆمۈتنى كىيىنكى ئېمتىھانلاردىن كۈتۈشۈپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ قايتىشتى. شۇ تاپتا ئەبەينىڭ خالىدە ئىمامنىڭ ‹لەيلىمۇ-لەي› دىگەن ناخشىسىغا ئوينىغىسى كىلىپ كەتكەن ئىدى.
داۋامى (8 -نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ گۈزەل سەنئەت ئېمتىھانى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!